ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جوڭگۇنىڭ ئامېرىكا – ۋېيتنام ئۇرىشىغا ئەسكەر چىقىرىشى

جوڭگۇنىڭ ئامېرىكا – ۋېيتنام ئۇرىشىغا ئەسكەر چىقىرىشى

2013-03-03 1:07     كۆرۈلۈشى: 11,400 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      جوڭگۇ ئامېرىكا – ۋېتنام ئۇرىشى مەزگىلىدە ۋېتنامغا مەخپىي ئەسكەر كىرگۈزگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90- يىللىرى بۇ مەخپىيەتلىك ئاستا – ئاستا ئاشكارلانغان. بىراق جوڭگۇنىڭ ئەينى چاغدا زادى قانچىل....

     جوڭگۇ ئامېرىكا – ۋېتنام ئۇرىشى مەزگىلىدە ۋېتنامغا مەخپىي ئەسكەر كىرگۈزگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90- يىللىرى بۇ مەخپىيەتلىك ئاستا – ئاستا ئاشكارلانغان. بىراق جوڭگۇنىڭ ئەينى چاغدا زادى قانچىلىك ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى، ئۇلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئۆلۈش – يارلىنىش ئەھۋالى يەنىلا سىر پېتى قالغان.

     1950- يىلىنىڭ باشلىرى ۋېيتنام ئۇرۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەندە ۋېيتنام رەھبىرى خۇجىمىڭ جوڭگۇدىن يارىدەم تەلەپ قىلغان. ماۋزېدوڭ شەخسىيەتسىز يارىدەم بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جوڭگۇ 1965- يىلى ۋېيتنامغا رەسمىي ئەسكەر كىرگۈزگەن. 1964- يىلى «توكيو قولتۇقى ۋەقەسى» يۈز بىرىپ، ۋېيتنام ئۇرۇشى يۇقىرى دولغاۇنغا كۆتۈرۈلگەن. ئامېرىكا شىمالىي ۋېيتنام رايۇنىنى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلغان. شىمالىي ۋېيتنام جوڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن  يارىدەم تەلەپ قىلغان. ۋېيتنام كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لى سۈن 1965- يىلى ئاپېرىلدا جوڭگۇنى زىيارەت قىلىپ، جوڭگۇدىن ۋېيتنامغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. ئازادلىق ئارمىيە شۇ يىلى ئىيۇندىن باشلاپ شىمالىي ۋېيتنام ئارمىيىسىنىڭ فورمىسىنى كىيىپ، ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي رايۇنىغا يۈرۈش قىلغان.

     ئامېرىكا ئارمىيەسى 1973- يىلى ۋېيتنامدىن چىكىنگىچە بولغان ئارلىقتا، ئىلگىر – كېيىن بۇلۇپ ۋېيتنامغا 320 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن. ئازادلىق ئارمىيە مەخپىيەتلىكنى چىڭ ساقلاش ئۈچۈن، ئەسكەرلىرىگە شىمالىي ۋېيتنام ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىنى كىيدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ چەتئەل باش ئەلچىخانىسى ھەم چەتئەل مۇخپىرلىرى بار ۋېيتنام پايىتەختى خانويغا كىرىشىنى چەكلىگە.

     جوڭگۇ ئارمىيەسى ۋېيتنامدا ئاساسلىقى مۇداپىيەلىنىش، ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ساپيورلۇق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، شىمالىي ۋېيتنامنىڭ مۇھىم تۆمۈر يول لىنىيەسى ھەم سانائەت بازىلىرىنىڭ مۇداپىيەسىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرىلىدىغان سىنارەتتىن مۇداپىيەلىنىشىگە مەسئۇل بولغان. جوڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇداپىيە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلغاچقا، شىمالىي ۋېيتنام ئارمىيەسى جەنۇپقا يۈرۈش قىلالىغان. جوڭگۇ بۇ ئۇرۇشقا مەخپىي قاتناشقان بولغاچقا، جوڭگۇ ئەسكەرلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىمۇ، جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ۋېيتنامغا تەبىرىك تېلىگراممىسى ئەۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا جوڭگۇنىڭ ۋېيتنامدىكى قىسمى ۋېيتنام ئۇرىشىنىڭ بارلىق سېستىما قۇرىلىشىغا مەسئۇل بولغان. بۇ ئۇرۇشتا جوڭگۇ ئارمىيەسىنىڭ 1100 دىن ئارتۇق ئەسكىرى قۇربان بولغان. 4200 دىن ئارتۇق ئەسكىرى يارلانغان. مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىماسلىق ئۈچۈن قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىدى ۋېيتنامغا دەپنە قىلىنغان. جوڭگۇ 1950- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە ۋېيتنام ئۇرىشىغا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق خىراجەت سەرپ قىلغان. بۇنىڭ ھەممىسى خالىس يارىدەن بۇلۇپ، ماۋزېدوڭنىڭ شەخسىيەتسىز يارىدەم بىرىش تەلىپى بۇيىچە بولغان.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2013-03-03 13:42 تۇرمۇش 

    مۇنداق ئىشكەندە ئەسلى… چاۋشەنگە ياردەم بىرىپ ئامىرىكىغا قارشى ئۇرۇشتا ئاشكارا ياردەم بەرگەنمىدۇ ياكى ئۇنىڭدىمۇ مەخپى بولغانمىدۇ ؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2013-03-04 01:02 تۇران تېكىن 

    ئۇ چاغدىكى ئۇرۇشتا ئاشكارا بولغان. شۇنداقلا ئاشكارا بۇلۇشقا تېگىشلىك سەۋەپلەرمۇ بار ئىدى.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ