ئاسىيا يەر شارى قۇرۇقلۇقىنىڭ %29.4 نى، نوپۇسى يەر شارىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %55 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيادا تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق مىللەت بۇلۇپ، بۇلاردىن 62 مىللەتنىڭ نوپۇسى بىر مىليۇندىن، تۆت مىللەتنىڭ نوپۇسى 100 مىليۇندىن ئاشىدۇ. ئاسىيادا چاۋشيەن، ياپونىيە ۋە كۆپ ساندىكى ئەرەپ دۆلەتلىرىدىن باشقىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. مەسىلەن: ھىندىستان ۋە ھىندىنوزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 100 دىن ئارتۇق مىللەت بار. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يەنە نۇرغۇن مىللەتلەر بىر قانچە دۆلەتكە جايلاشقان. بەزى مىللەتلەرنىڭ زىمىنى تۇتۇشىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھىياھىي جەھەتتە باشقا – باشقا دۆلەتكە تەۋە. مەسىلەن: كوردلار ئىران، ئىراق، سۈرىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىدىكى رايۇنلارغا جايلاغقان. پەنجاپلىقلار پاكىستان بىلەن ھىندىستان چېگراسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان.