ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> روزۋېلت نىمە ئۈچۈن جياڭ جيېشىنى مەخپى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن؟

روزۋېلت نىمە ئۈچۈن جياڭ جيېشىنى مەخپى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن؟

2013-03-09 8:08     كۆرۈلۈشى: 1764 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      1943- يىلىدىن كېيىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەسىر دائىرە بۆلىشىشنى باشلىدى. جياڭ جيېشى كورىيە، تايلاند ھەم ۋېيتنام قا....

     1943- يىلىدىن كېيىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەسىر دائىرە بۆلىشىشنى باشلىدى. جياڭ جيېشى كورىيە، تايلاند ھەم ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەققىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بۇلىشىنى تەشەببۇس قىلدى. ھەتتا ياپونىيەنىڭ پادىشالىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشنى ئوتتۇرغا قويدى. جياڭ جيېشى ئەر – ئايال يەنە ھىندىستانغا بېرىپ گەندى قاتارلىقلارغا ئىتتىپاقلىشىپ تاجاۋۇزچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلماقچى بولدى. لېكىن بۇ چاغدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گېنىرالى سىتېل ۋېل بىلەن جياڭ جيېشى ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ، جوڭگۇنى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىرزىسكە دۇچار قىلدى. ئىككەيلەننىڭ زىدىيىتى ئاستا – ئاستا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى خاتا چۈشەنچىگە ئايلاندى. يالتا يىغىنىدا سىتېل ۋېلنىڭ دوكلاتى روزۋېلىتتا جوڭگۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان دېگەن قاراشقا كەلتۈردى ھەمدە جوڭگۇنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى قىسىم ئەۋەتىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.

     1943- يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا، جوڭگۇ ھەم ئەنگىلىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مىسىردا چاقىرىلدى. يىغىنغا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل، ئامېرىكا زوڭتوڭى روزۋېلت ھەم جوڭخۇا مىنگو ھەربىي كومىتىتىنىڭ باشلىقى جياڭ جيېشى قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىندا ئاساسلىقى ئۈچ دۆلەت بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ھەمدە يىراق شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن جەريانىدا جياڭ جيېشى بىلەن چېرچىلنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغانلىقتىن، ئىختىلاپ تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتى. جياڭ جيېشىنىڭ خانىمى سوڭ مېيلىڭ ئەنگىلىيەگە بارغاندا چېرچىلنىڭ سوغاق مۇئامىلە قىلىشى جياڭ جيېشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. ئەمەلىيەتتە چېرچىلنىڭ جياڭ جيېشىنى ئۆلتۈرۈش مەقسىدى بار ئىدى.

     چېرچىل ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاخبارات ئەمەلدارى كارگېت قاتارلىقلارنى يىغىپ مەخپىي يىغىن ئېچىپ، ئەنگىلىيەنىڭ جوڭگۇدىكى ئەلچىسى چارلېسنىڭ قەستلەشكە مەسئۇل بۇلىشىنى بىكىتتى. چارلېس ناھايىتى تىزلا پەۋقۇلئاددە ھەركەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، قەستلەش پىلانىنى ئىجرا قىلىپ جوڭگۇ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەلۇم گېنىرالىنى قولغا كەلتۈردى. قاھىرە يىغىنىدىن بۇرۇن ئۇلار جياڭ جيېشىنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلانىغا بومبا ئورنىتىشنى پىلانلىدى. لېكىن جياڭ جيېشىنىڭ مۇھاپىزەت خادىملىرى ھۇشيار تۇرغاچقا ھەركەت مەغلۇپ بولدى.

     روزۋېلتمۇ جياڭ جيېشىنى ئۆلتۈرۈش مەقسىدىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىك بولغان ئالى ھەربىي ۋەكىل سىتېل ۋېلنى تاللىدى. سىتېل ۋېل بۇيرۇققا بىنائەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا قوشۇلدى. ئۇ يارىدەمچىلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە جياڭ جيېشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئېيتتى. ئۇ يەنە گېنىرال چارلېس بىلەن كۆرۈشۈپ پىلانىنى ئېيتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىشىپ ھەركەت قىلىشقا قوشۇلدى. ئۇلار جياڭ جيېشى ھىندىستانغا زىيارەتكە ماڭغاندا ئۇ ئولتۇرغان ئايرۇپىلان ھىمالايا تېغىدىن ئۈچۈپ ئۆتكەندە ئايرۇپىلاندىن كاشىلا كۆرۈلدى دېگەن سەۋەپ بىلەن جياڭ جيېشىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى. جياڭ جيېشى ھىندىستانغا زىيارەتكە ماڭىدىغان چاغدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىن بولغاچقا ھىندىستاندىكى زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن سىتېل ۋېللارنىڭ پىلانىمۇ سۇغا چىلاشتى. چېرچىل قاتارلىقلارنىڭ جياڭ جيېشىنى قەستلەشتىكى مەقسىدى بىرىتانىيە ئەنگىلىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىدى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2013-03-11 10:23 aldirax 

    تازا تەلىيى بارمۇ ئۇنىڭ قانداق ؟ ھەر قېتىم ساق قاپتۇ. ئەگەر ئۇ ئۆلگەن بولسا قانداق ئىشلار بولار ئىدى ؟ ئۇنىڭ ئۈكىسى شىڭسىسەي نېمىلەرنى قىلار ئىدى ؟ راسلا ئۆلگەن بولسا بىزگە قانداق تەسىرى بولار سىزنىڭچە ؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2013-03-13 01:23 تۇران تېكىن 

    يۇقىرىدىكى يازمىدىمۇ جياڭ جيېشىنىڭ يەكلىنىشىدىكى سەۋەپلەر ئازراق ئوتتۇرغا قويۇلغان. جياڭ جيېشىنىڭ تەرجىمھالى دېگەن كىتابتا، ئۇ سوۋېت پەرەسمۇ ئەمەس، ئامېرىكا پەرەسمۇ ئەمەس تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ قارىشىدا ھېچقانداق دۆلەتكە يېلىنماسلىق ئىدىيىسى نامايەن قىلىنغان. چۈنكى قايسى بىر دۆلەتكە يېلىنىش ياكى بېقىنىش دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە پايدىسىز دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇ كومۇنىستلارنى سوۋېت پەرەس، مۇستەققىللىق ئېڭى تۆۋەن دەپ قارىغان.
    ئەگەر جياڭ جيېشى ئۆلگەن بولسا ……………………

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter