ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ماركسىزملىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك

ماركسىزملىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك

2013-03-13 12:50     كۆرۈلۈشى: 1293 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:     ۋېي شىنخۇا        نۆۋەتتە كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىلغا ئايلىنىپ، تۆۋەن كاربونلۇق ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولماقتا، بىز مار....

    ۋېي شىنخۇا

 

     نۆۋەتتە كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىلغا ئايلىنىپ، تۆۋەن كاربونلۇق ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولماقتا، بىز ماركسىزملىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد نەزەرىيەسى ۋە تەبىئەت كۈچلىرى ئىقتىساد نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى ئېكولوگىيە توزىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئالىملار بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا ماركسىزملىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد ئىدىيەسىگە بولغان تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، غەرب ئەللىرى ماركسىزمنىڭ يېڭى تارمىقىنى، يەنى ئېكولوگىيە ماركسىزمىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز ئالىملىرىمۇ ماركسىزمنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد نەزەرىيەسى تەتقىقاتىغا كىرىشىپ، ماركسنىڭ تەبىئەت كۈچى خەۋپى ئىدىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەمما شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ھازىر ماركسىزملىق ئېكولوگىيە ئىدىيەسى تەتقىقاتى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز ھالقا بولۇپ، كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

     ماركسىزملىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد ئىدىيەسى مول ھەم چوڭقۇر. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى كىشىلەرنىڭ تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، تەبىئەتنى بەلگىلىك دەرىجىدە كونترول قىلىپ، ماددىي بايلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ؛ تەبىئەت كۈچلىرى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھاسىل بولۇش ئامىلىدۇر؛ ئەمگەك بايلىقنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ئەمەس، ئەمگەك بىلەن تەبىئەت دۇنياسى بايلىقنىڭ مەنبەسىدۇر؛ ئەمگەك جەريانى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدۇر؛ يېزا ئىگىلىك تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەبىئەت تەكرار ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرلىكىدۇر؛ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئورماننى ۋەيران قىلىپ بوز يەر ئېچىپ، يەرنى زىيادە ئىشلىتىش قاقاسسىزلىشىش ۋە تۇپراق چۆللىشىشتەك تەبىئەتنىڭ ئۆچ ئېلىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ؛ يىرىك ئىشلەپچىقىرىش تەبىئەت كۈچلىرىنى، يەنى شامال، سۇ، پار، توك قاتارلىقلارنى ئىجتىمائىي ئەمگەككە ئايلاندۇرۇش ئامىلى، ئىجتىمائىي ئەمگەك بولسا ئايلاندۇرۇش كۈچىدۇر. بۈگۈن بىز دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىپە: ماركسىزملىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد نەزەرىيەسى ۋە تەبىئەت كۈچلىرى ئىقتىساد نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد ئىدىيەسى ئارقىلىق، ئادەم بىلەن تەبىئەتنى ئىناق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭىچە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى يېڭى نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىن ئېتىشتىن ئىبارەت. ھازىرقى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىقتىسادىي سەۋەبى زادى نېمە؟ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى جەريانىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى، ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى كاپىتالىزم ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ماركس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹تەبىئەت كۈچلىرى گەرچە نورمىدىن ئاشقان پايدىنىڭ مەنبەسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ نورمىدىن ئاشقان پايدىنىڭ تەبىئىي ئاساسىدۇر. كاپىتالنىڭ ئاچكۆزلۈك خۇسۇسىيىتى مۇقەررەر بىر نەتىجىنى پەيدا قىلىدۇ، يەنى ئۇ تېخىمۇ زور پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەمگەكچىلەرنىڭ جىسمانىي تەبىئىي كۈچىنى تالان – تاراج قىلىپلا قالماي، بەلكى تەبىئەتنىڭ تەبىئىي كۈچىنىمۇ تالان – تاراج قىلىدۇ، نەتىجىدە يۇقىرى كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش شەكلى پايدا بولىدۇ››. سانائەت ئىنقىلابى يۈز بەرگەن 200 نەچچە يىلدىن بۇيان، غەرب ئەللىرى بۇنداق يۇقىرى كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئارقىلىق زور مىقداردا پارنىك گازى قويۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېكولوگىيە كىرىزىسىدە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. گەرچە غەرب ئەللىرى سانائەتلىشىشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە سەرپ سېلىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا بۇلغىما كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۆتكىمەكتە. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ياكى ئېكولوگىيە كىرىزىسى 200 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ‹‹ۋاسىتىچى››لەرنىڭ پايدىغا بولغان ئاچكۆزلۈكىگە باغلىقتۇر. بۇ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتتىكى قالاقلىقىنىڭ سەلبىي تەسىرىدۇر.

     12- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بايلىق تېجەيدىغان، تەبىئەت بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان جەمئىيەت قۇرۇش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلى يەنىلا يىرىك ئىگىلىكتىن كۆجۈملەشكەن ئىگىلىككە ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا تۆۋەن سېلىنما، تۆۋەن سەرپىيات، تۆۋەن بۇلغىما، يۇقىرى مەھسۇلات، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆجۈملەشكەن تەرەققىيات شەكلىگە ئۆزگىرىشكە توغرا كېلىدۇ. قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن خىرىس بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا پۇرسەتتۇر. ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى زور مۇقىملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغاچقا، پاكىز ئەشيا، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا قانچە بالدۇر ئىشلىتىلسە، كەلگۈسى تەرەققىياتقا شۇنچە پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا بىز تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشىغا مەدەت بېرىپ، يۇقىرى سەرپىيات، يۇقرى بۇلغىمىلىق سانائەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ، پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى كېمەيتىشكە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter