Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرايلى

شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرايلى

2013-05-30 8:51     كۆرۈلۈشى: 12,103 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «شىنجاڭچە روھ›› نى ئەۋج ئالدۇرۇپ ، شىنجاڭچە ئۈنۈم يارىتىپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتايلى   شىن شۈەن        ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە ....

«شىنجاڭچە روھ›› نى ئەۋج ئالدۇرۇپ ، شىنجاڭچە ئۈنۈم يارىتىپ، ئۆزگىرىش

ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى

ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتايلى

 

شىن شۈەن

 

     ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹شىنجاڭچە روھ››قا ‹‹ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆز ئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش››، دەپ ئېنىق تەبىر بېرىلدى ۋە ئۇ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاندى.

     شىنجاڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ماددىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھى ۋە ئىدىيەسى جەھەتتە چوڭ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭچە روھ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ھاسىل بولغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى مەدەنىيەت جۇغلانمىسى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى مەنبە قىلغان. شىنجاڭچە روھ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دەۋر روھىنىڭ شىنجاڭدىكى جۇغراپىيەلىك ئىپادىسى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ پائال يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇشىنىڭ مەنىۋى كوئوردىناتى.

 

 

     «ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش›› شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھېسسىيات بەلبېغىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ بەلباغ شىنجاڭ بىلەن ۋەتەن بۈيۈك ئائىلىسىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان شۇنداقلا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت كۆپ مەنىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

     ۋەتەننى سۆيۈش دېگەنلىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرىنى، شانلىق تارىخىنى، پارلاق مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشتىكى ئىدراك ئاڭلىقلىقى. ۋەتەننى سۆيۈش ئۆزىنى بېغىشلاش، ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ۋەتەننى سۆيۈش ئىزچىل بايراق بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەسلىككە، شىنجاڭنى تاشقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ كەلدى. بۈگۈنكى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش يېڭى دەۋردىكى ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ يېڭى تەلىپى. ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن ‹‹تۆتنى تونۇش›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىك ئۇلۇغ ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقى ئاستىدىلا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىغىلى، تەرەققىياتنىڭ ئەۋزەل پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. شىنجاڭنى سۆيۈش دېگەنلىك شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەل بىلەن جاھان ئايرىلماس پۈتۈن گەۋدە، ئۇنى بىر – بىرىدىن ئايرىشقا بولمايدۇ، بۇ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەر مىللەت خەلق قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىدىن ھاسىل بولغان ئىدىيە. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدىكى يىرىك پىلانى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، بولۇپمۇ يېڭىلا ئاياغلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل پىلانىنى تۈزۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسىگە زور ئىلھام بەخش ئەتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدىكى گۈزەل ئارزۇلار رېئاللىققا ئايلانغۇسى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭغا بولغان چىن مۇھەببىتى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگۈسى.

     «ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش›› بىزنىڭ ئىلگىرى شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى تۈپ سەۋەبنى شەرھلەپ بەردى، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ قىلغان كۈرەشلىرى ۋە بوشاشماي ئىزدىنىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كەلگۈسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە گەۋدىلەندۈرۈشىمىزگە تېگىشلىك ئىدىيەۋى ئېتىقادىمىز بىلەن روھىي ھالىتىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

     ئىتتىپاق ئۆتۈش دېگەنلىك بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىللە ياشاپ، ئورتاق پايدىغا ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىدىيەنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، كۈچنىڭ مۇجەسسەملىنىشى بولۇپ، ئورتاق نىشاننى ھەر بىر كىشىنىڭ ئاڭلىق ئەمەل قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانىغا ۋە تىرىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان كوللېكتىپ ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىدۇ. شىنجاڭدا ئىتتىپاق ئۆتۈش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىتتىپاقلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى. شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، ئىناقلىق، مۇقىملىق، گۈللىنىش، تەرەققىياتقا ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تۆھپە قوشۇش بىر خىل روھىي مەنزىل بولۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇش، نام – مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك، ۋەتەن ۋە خەلقنى كۆزلەپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداش، ئۆزىنى خالىس بېغىشلاش، ئۆكۈنمەسلىك – پۇشايمان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ‹‹يېڭى دەۋر يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش›› جاسارىتى بىلەن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، نۇرغۇن ‹‹جۇڭگو بويىچە ئەڭ››، ‹‹دۇنيا بويىچە ئەڭ›› بولغىدەك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، تۆھپە قوشۇش روھىنى داۋاملىق كۈچەپ تەشەببۇس قىلىش ھەم تارىخنىڭ تەلىپى، ھەم دەۋرنىڭ چاقىرىقى.

     «تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆز ئارا ياردەملىشىش›› شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان گۈزەل ئەخلاق مىزانىنى كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە، تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا بېيىغىلى بولىدۇ؛ ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق ئۆتۈش – ئۆز ئارا ياردەملىشىشتەك تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ياردەملەشكەندىلا، ئورتاق گۈللەنگىلى، تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.

     ئەمگەكچانلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا چېنىقتۇرۇپ، يېتىشتۈرۈپ چىققان تەبىئىي، ئاددىي ھەم گۈزەل پەزىلەت. شىنجاڭنىڭ تارىخى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ ئەمگەك قىلغانلىقىغا ئائىت تەرەققىيات تارىخى. ‹‹شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش›› نىشانى ئاستىدا، ئەمگەكچانلىق تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشتا تېخىمۇ يۇقىرى نىشانىغا ئىگە بولۇش، بازار ئىگىلىكى ۋە زامانىۋى تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، يۇرتىدىن، شىنجاڭدىن چىقىپ، تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئىقتىدار بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش،بىرلىكتە ئىلگىرىلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى. يېڭى تارىخىي دەۋردە، مەركەزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، دۆلەت مالىيەسىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى يولغا قويۇشى ئۆزئارا ياردەملەشكەنلىك، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئۇلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشمۇ ئۆز ئارا ياردەملەشكەنلىك. بىز ‹‹ئۆز ئارتۇقچىلىقىمىز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق ئۆز كەمچىلىكىمىزنى تولۇقلاش›› پوزىتسىيەسى بىلەن، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، بىر بىرىمىزنىڭ كەم يەرلىرىمىزنى تولۇقلاپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىمىزنى يارىتىشىمىز كېرەك.

     «ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش›› شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە يېتىشى ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تەرەققىياتتىكى پەرقنى توغرا تونۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى زۆرۈر.

     ئېچىۋېتىش يېڭىلىققا ئىنتىلىش، كەڭ قورساق بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقلىنى قوبۇل قىلىش، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا قەدىرلەشنى كۆرسىتىدۇ، ئېچىۋېتىش مەردانە روھىي ھالەت بولۇپلا قالماي، مەسىلىلەرگە توغرا قارايدىغان، بارلىق ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئىلمىي پوزىتسىيە. يېڭى تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا، ئېچىۋېتىلگەن روھىي قىياپەت ۋە ئەقىل – پاراسەت بولۇشى كېرەك. ئېچىۋېتىشتە ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قاراشنى يېڭىلاش كېرەك. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئېچىۋېتىش دائىرىسى قانچە كەڭ بولسا، تەرەققىياتنىڭ ماكانى شۇنچە چوڭ، ھاياتىي كۈچى شۇنچە يېتەرلىك، سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ.

     تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن روھىي ھالەت بىلەن، ئىدىيەدە زور ئازاد بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ، ئىقتىسادنىڭ زور ھالقىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش جان تىكىپ كۈرەش قىلىش، ئۆزگىرىش ياساشنى، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى، قورقۇمسىز جاسارەت، ئۇلۇغ روھنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان شىنجاڭدا ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلەشتە پۇختىلىقنى كۆزلەپ، قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇش، پايدا – زىياننىلا ئويلاش، كونا قائىدە يوسۇنلارغا ئېسىلىۋېلىش، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتەك قاتمال ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھات قىلىش، سىناق قىلىش، تەۋەككۈل قىلىش ۋە باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئىككى زور تارىخىي ۋەزىپە››نى ئورۇنداش ئۈچۈن، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

     «ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆز ئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش››تىن ئىبارەت شىنجاڭچە روھ مول مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىنئېيتقاندا، ئۈچ چوڭقۇر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قىممەت يۈزلىنىشىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭچە روھ بايراق بولۇپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تەۋەلىك ئېڭى، بۇرچ ئېڭى، ساداقەتمەنلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەيدۇ؛ تەپەككۇر شەكلىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭچە روھ ئىدىيە بولۇپ، ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، كىشىلەرنىڭ ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىش جەريانىدا قارىشىنى ئۆزگەرتىشى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ ھەرىكەت ئەمەلىيىتىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭچە روھ مەسئۇلىيەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ‹‹تىرىشسىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ›› دەيدىغان مۇستەھكەم ئېتىقاد تۇرغۇزۇشىغا، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھى ھالىتىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈشىگە ئىلھام بولىدۇ.

     يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شىنجاڭچە روھنى جارى قىلدۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىپ، مەنىۋى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۈنۈم يارىتىش، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىشتىكى روھىي تۈۋرۈك ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ھاسىل قىلىشقا يىتەكلەيدۇ.

     مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تارىخىي غەنىيمەت پۇرسەتكە ئىگە قىلدى، يېڭى تارىخىي پەللىدە، شىنجاڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. شىنجاڭچە ئۈنۈمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بوشاڭلىق، چېچىلاڭغۇلۇق ۋە سۆرەلمىلىك ئىدىيەلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۈنۈم ۋە سۈرئەتكە ئەھمىيەت بېرىشنى ھازىرقى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خەلقى ئىدىيەۋى ئاڭ جەھەتتە چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ھەم تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغان نىشانغا ئايلاندۇردى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلانغاندىلا، ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى يەنى بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم›› يارىتىپ، خىزمەتلەرگە ئاتلىنىش يولىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئاجايىپ مۆجىزىلەر يارىتىلدى.

     «خىزمەت تامىقى يىغىنى›› ئېچىپ، نەق مەيداندا خىزمەت ئىشلەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ نامى بېرىلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى، خەلق كەڭ كۆلەمدە مەنپەئەتلىنىدىغان 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ‹‹شىنجاڭچە سۈرئەت››نى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››، ‹‹شىنجاڭچە ئىقتىدار››نى گەۋدىلەندۈردى، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى شەرھلىدى، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش ئىدىيەسىنىڭ جىددىي چاقىرىقىنى چىقاردى.

     شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئالغا ئىلگىرىلەشنى، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن باشتىن – ئاخىر ماس قەدەمدە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزگىرىش ياساش زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشنىڭ ئۆتكۈر قورالى. يېڭىلىق يارىتىش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى. ئۆزگىرىش ياسىغاندىلا، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھالقىما تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ؛ يېڭىلىق ياراتقاندىلا، كونىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كەتكىلى بولىدۇ؛ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭىتەپەككۇرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىقتىسادىي قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق، رايونلار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئارقىدا قېلىش، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىلىق ياراتقاندىلا تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرغان ئاسارەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، تەرەققىيات يولىدا يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ؛ ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى كەم – كوتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا لايىقلاشتۇرۇپ، سىياسەت ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرغىلى ۋە خەلقنى ئەڭ زور مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

     بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىشتا دۇنياۋى نەزەر تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئەمەلىيەتنى ئۆرنەك قىلىپ، يېڭى ۋە يۇقىرى ئۆلچەمنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلىشى، ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشى، ئۈزلۈكسىز ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىشتا راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئارىسىدىن ئېلىپ، ئامما ئارىسىغا قايتۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

     يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچ، يېڭى پەللىدە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭچە روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا، خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇنى، ئىچكى جەھەتتە ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ ئېڭىغا، تاشقى جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش، بەختىيار كەلگۈسىنى يارىتىشىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭچە ئۈنۈم يارىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىمىز كېرەك.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
    1. دىۋان
      2013-06-04 16:53 mermer 

      شىنجاڭچە روھنىڭ مەزمۇنىنى بىلىۋالدىم. تولا ئۇچرىتاتتىم بۇ سۆزنى

      بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

      [جاۋاب]

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter