Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> نىياز ھېكىمبەگنىڭ قىلمىشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

نىياز ھېكىمبەگنىڭ قىلمىشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

2013-03-15 10:58     كۆرۈلۈشى: 11,435 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: قارايۈز نىياز ھېكىمبەگنىڭ ۋەقەلىرى، قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە ئاقىۋەت پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىكى   موللا مۇسا سايرامى        نىياز ھېكىمبەگ ئەسلىدە يەكەنلىك ئاددىي بىر دېھقاننىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. كىچىكىدىن ت....

قارايۈز نىياز ھېكىمبەگنىڭ ۋەقەلىرى، قىلمىش-ئەتمىشلىرى

ۋە ئاقىۋەت پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىكى

 

موللا مۇسا سايرامى

 

     نىياز ھېكىمبەگ ئەسلىدە يەكەنلىك ئاددىي بىر دېھقاننىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. كىچىكىدىن تارتىپ خىتاي مەنسەپدارلىرىغا خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكتىن، ئاتىلارنىڭ «دوستۇڭ قارىغۇ بولسا بىر كۆزۈڭنى قىس» دېگەن سۆزىنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق، خىتايلارنىڭ خۇي-پەيلىنى ئادەت قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىپ، مەنسەپ ۋە مەرتىۋىسى دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆسۈپ يەكەنگە ئىشىكئاغا بولغان. بۇ چاغدا يەتتە شەھەردە پاراكەندىچىلىك يۈز بەرگەنىدى. بۇ ۋاقىتلاردا نىياز ھېكىمبەگ يەكەندە ئابدۇراھمان ھەزرىتىمنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇڭگانلارنىڭ خىزمىتىدە بولدى. كۇچالىق خوجىلار يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارغا خىزمەت قىلدى. قەشقەردە ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى باش كۆتۈرگەندە، ئاتىلىق غازىغا خىزمەت قىلدى. ھەممىسىگە ئوخشاش مادارا قىلىپ ئاشكارا ۋە مەخپىي خىزمەت ۋە خۇشامەت قىلىپ كەلگەنىدى. كۇچالىق ياقۇپ دىۋانبېگى نىياز ھېكىمبەگنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، «سىلى ھەممە دەۋردىكى ئۇلۇغلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدىكەنلا، بىرەر ئۇلۇغنىڭ خىزمىتىدە مۇقىم بولمايدىكەنلا. بۇ ئىشلىرى ئوبدان بولماپتۇ»، دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەندە، نىياز ھېكىمبەگ «بۇ يۇرت كىمنىڭ قولىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇ سەۋەبتىن ھەممىسىگە خىزمەت قىلىمەن. ئەگەر سىلى بىلىمەن دېسىلە، جەزم قىلىپ ئېيتىپ بەرسىلە، مەن شۇ كىشىنىڭ ئىشىكىدىن بۆلەك ئىشىككە بارمايمەن»، دەپ تىلىنى چايناپ زەيپانە جاۋاب بەردى. يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولدىكى، نىياز ھېكىمبەگنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ئۇلۇغ تەڭرىم ياراتقان چاغدا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇزكورلۇقنى قوشۇپ ياراتقانىكەن. تۇزكورلۇقنىڭ مۇكاپاتىنى بۇ دۇنيادا كۆردى. تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.

     ئاتىلىق غازى يەكەننى قولغا ئالغاندىن كېيىن، يەكەننىڭ ھاكىملىقىنى يۇنۇسجان شاغاۋۇلغا تۇتقۇزۇپ نىياز ھېكىمبەگنى يۇنۇسجان شاغاۋۇلغا شاغاۋۇل قىلىپ بەردى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسىتى ئىسلامنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگىنىپ ئادەتلەنسۇن، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئاتىلىق غازى خوتەننى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، نىياز ھېكىمبەگ خوتەنگە مۇستەقىل ھاكىم، ئىنىسى مۇھەممەد ئىمىنبەگنى ئەمىرلەشكەر قىلىپ، سەككىز پانساتنى قوشۇپ بەردى. نىياز ھېكىمبەگ 12 يىل خوتەنگە ھاكىم بولدى. ھاكىم بولغاندىن تارتىپ 12 يىلغىچە ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن نىياز ھېكىمبەگنىڭ بىر دوكلاتچىسى سەككىز يامبۇلۇق ئالتۇن ئەكىلىپ ئاتىلىق غازىغا دۇئا قىلدۇراتتى. ھەر يىلدا ئىككى نۆۋەت چوڭ تارتۇق قىلاتتى. قىلغان تارتۇقلىرىنىڭ خىلى ۋە سانىنى يۇقىرىدا ئازراق بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە تەكرارلىمايمىز.

     ئاتىلىق غازىنىڭ زامانىدا خوتەندە ئىشخانا قۇرۇشقا ئەمىر بولغانىدى. نىياز ھېكىمبەگ بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئەقىل- پاراسەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ نۇرغۇن ھۈنەر ۋە تەدبىرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خۇسۇسەن گىلەمچى ئۇستىلارغا ھېچ زامانلاردا بولمىغان يىپەك گىلەملەرنى توقۇتتى. ئاتىلىق غازىغا قىلىدىغان تارتۇق- پىشكەشلەرنى ئاشۇرۇپ، ھەر بىرى توققۇز مېھراپلىقتىن تۆت پارچە يىپەك گىلەپ جايناماز تەييارلاپ، ئۇلۇغ مەككە مۇكەررەمگە، ھەر بىرى توققۇز مېھراپلىقتىن تۆت پارچە يىپەك گىلەم جايناماز تەييارلاپ مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھەدىيە قىلدى. ھەر بىر پارچە گىلەمنىڭ ئېغىرلىقى يۈز جىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى ۋە يەنە بىر پارچە توققۇز مېھراپلىق يىپەك گىلەم، بىر پارچە توققۇز مېھراپلىق يۇڭ جايناماز گىلەپ تەييار قىلىپ ئەسھابۇلكەھفكە ھەدىيە قىلدى. خوتەندىكى پۈتۈن ئۇلۇغ مازار، مەسجىد، خانىقالارنىڭ پەشتاقلىرىنى بۇزۇپ قايتىدىن ياساتتى. شەھەر ئىچىدىكى جامە، ھېيتگاھ، مەھەللە مەسجىدلىرىنى پۇختا خىش ۋە گەج بىلەن زىننەتلەپ ياسىتىپ چىقتى. خوتەنگە تەۋە ئۆتەڭ، مەنزىللەرگە كۆل كولاپ، قۇدۇق قېزىپ، توققۇز گۈمبەزلىك مەسجىد، مېھمانخانا، ئاشخانا ۋە ئاتخانىلارنى بىنا قىلىپ، ئادەملەرنى ئولتۇرغۇزۇپ ئاۋات قىلدى. ئاتىلىق غازىمۇ نىياز ھېكىمبەگنى ئۆزىگە قاراشلىق ھەممە مەنسەپدار ۋە سەركارلاردىن ئارتۇق كۆرۈپ، ناھايىتى كۆپ ئىززەت-ئىكرامىنى قىلاتتى. گويا پەرغانە ۋىلايىتىدە ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازى، موغۇلىستان زېمىنىدا نىياز ھېكىم ئىشىكئاغابەگ تۇغۇلغاندەك، چارە-تەدبىردە، مەسلىھەت ۋە پاراسەتتە بىر-بىرىدىن كەم ياكى زىيادە ئەمەس ئىدى. «ئادەم خىلى بىلەن، ھايۋان تۈرى بىلەن»، دېگەن كونىلارنىڭ سۆزى بۇلارنىڭ شەنىگە تەتبىق قىلىنسا دەل مۇۋاپىق ئىدى.

     ئاتىلىق غازى بىلەن نىياز ھېكىمبەگ بىر-بىرلىرىنى كۆرگەندە ھەسەل بىلەن سېرىق ياغدەك كەمتەر ۋە مۇلايىم بولۇشۇپ كېتەتتى. ئەمما ھەمىشە بىر-بىرىنىڭ قەستىدە يۈرەتتى.

     ئاتىلىق غازى بۇ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش، ئىدارە قىلىش ۋە قوغداشقا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، مېھنەت-مۇشەققەتلەرنى تارتتى. بۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بايان قىلىشقا بۇ ئىككى تىللىق قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئەمما ھەممە دۆلەت ۋە راھەتنى، ئەيش-ئىشرەت ۋە پاراغەتنى نىياز ھېكىمبەگ ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى كۆردى. گويا پەرغانە ۋىلايىتىدىن ئاتىلىق غازى نىياز ھېكىمبەگنىڭ ھالاۋىتى ئۈچۈنلا كەلگەندەك ئىدى.

     نىياز ھېكىمبەگ پۇختا خىشلار بىلەن 12 يەردە ئوردا-ئىمارەت، كەڭرى باغ، كاتتا كۆل بىنا قىلدى. ھەر كۈنلۈكى بالا-چاقىلىرى ۋە خاس مۇلازىم خىزمەتچىلىرى بىلەن بىر باغقا چىقىپ سەيلە-تاماشا قىلىپ، نەغمە-ناۋا بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ يېنىپ كېلەتتى. ئالاھىدە بىر باغ بىنا قىلدۇرۇپ ئۇنىڭغا «جىكەتلىك ئوردا» دەپ ئات قويدى. ئىككى تاغار ئۇرۇق چاچقۇدەك يەرنى نەيزە بويى كولاپ توپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ پەسلىتىپ، ئەتراپىغا ئېگىز قورۇ تام سالدۇردى. شۇ باغنىڭ چوڭلۇقىدا يىپەكتىن تور توقۇتتى. ئېگىز تۈۋرۈكلەرنى قاداپ ئۇ تۈۋرۈكتىن بۇ تۈۋرۈككە يىپەك تاناپ-ئارغامچىلارنى تارتىپ ئۈستىنى يىپەك تور بىلەن ياپتۇردى. چەرەندە-پەرەندە، تۆت ئاياغ، ئۇچار قانات، ياۋايى ھايۋان، ئۆي ھايۋانلىرى دەپ ئايرىماي پۈتۈن جان-جانىۋارلاردىن بىر جۈپ ئېلىپ كېلىپ مەزكۇر باغنىڭ ئىچىگە سولىدى. مېۋىلىك، مېۋىسىز، باغدىكى، جاڭگالدىكى، چۆلدىكى يا يۇرتتىكى دەپ ئايرىماي، رەيھان، سېرىن، رەنا گۈلگىچە ھەتتا چىغ، تىكەن، يانتاققىچە پۈتۈن گىياھ-ئۆسۈملۈكلەرنى باغنىڭ ئىچىگە كۆچەت قىلىپ تىكتى. جاڭگال ۋە سەھرالاردا تېپىلمايدىغان دەرەخ ۋە گىياھلار بۇ باغ ئىچىدىن تېپىلاتتى. ھەر كۈنلۈكى نەچچە تاغار ئاشلىقنى پەرەندە ئۇچار قاناتلارنىڭ ئوزۇقى ئۈچۈن چېچىپ بېرەتتى. نەچچە ئىت-ئېشەكلەرنى يولۋاس، بۆرە، توڭگۇز، تۈلكە قاتارلىق چەرەندىلەرنىڭ يېمىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ بېرەتتى. قاچان كۆڭلى خالىسا شۇ چاغدا چىقىپ تاماشا قىلىپ قايتىپ كېلەتتى. دېمەك، كۆڭلى خالىغاننى ئۆز مۇددىئا- مەقسەتلىرىدىكىدەك قىلدى.

     نىياز ھېكىمبەگ خوتەننى شۇنداق قاتتىق ئىدارە قىلدىكى، ھېچ كىشىنىڭ غىدىڭ-پىدىڭ قىلىشقا قۇدرىتى يوق ئىدى. ئەمما شۇنداق تەرىپلەشكە بولاتتىكى، ئەقىل-پاراسەتلىرى دانا ئاقىللاردىن، پىكىر-تەپەككۇرلىرى ھۆكۈما پەيلاسوپلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ھەر قانچە تەدبىرلىك، ئىش بىلەرمەن، يىراقنى كۆرەر، تەجرىبىلىك كىشى تەپەككۇر بېشىنى خىيال دەرياسىغا چۆمدۈرۈپ، جەۋلان قىلىپ ئۈزسىمۇ، ئۇنىڭ مۇراد قىرغىقى ۋە مەقسەت كانارىسىنى كۆرەلمەيتتى. بۇ قەلەم دۈۋەت دەرياسىغا چۆمگىنىچە بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمەيتتى. نىياز ھېكىمبەگنىڭ بېشىدا بار بولغان ئەقىل-پاراسەت، دۆلەتنىڭ ھەممىسى، ئاتىلىق غازىنىڭ دۆلەت ئاپتىپىنىڭ نۇرىدىن ھاسىل بولغان بىر نىشانە ياكى بىر زەررە ئىدى. ئاتىلىق غازىنىڭ نىياز ھېكىمبەگكە بولغان ئېتىقاد ئىلتىپاتلىرى قانچە چوڭ بولسا، نىياز ھېكىمبەگنىڭ ئاتىلىق غازىغا بولغان خىيانەت ۋە يامان نىيەتلىرى ئۇنىڭدىن يۈز ھەسسە زىيادە ئىدى. بۇنىڭ مىسالى شۇكى، نىياز ھېكىمبەگ بىر تاغىسىنى لەنجۇ تەرەپكە خىتاي مەنسەپدارلىرىدىن ھال سوراپ ئۇلارنىڭ ئەھۋال- ۋەزىيەتلىرىنى بىلىپ كېلىشكە، توغرىراقى، تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىشكە ئەۋەتكەنىدى. ئۇ ئادەم نەچچە ئاي يول مېڭىپ خىتاي مەنسەپدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن خەت-خەۋەر ئېلىپ يېنىپ كەلگەنىكەن. نىياز ھېكىمبەگ خەتنى كۆرۈپ ۋاقىپ بولۇپ ھەم تاغىسىنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاڭلاپ ئوبدان بىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئۆينىڭ ئىچىگە قۇدۇق كولاپ، ئاغزىنى بىلىنمىگۈدەك قىلىپ يېپىپ، ئۈستىگە كىگىز سېلىپ قويغانىكەن. تاغىسىنى شۇ ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ قۇدۇق تەرەپكە باشلاپتۇ. تاغىسى قەدىمىنى قويغان ھامان قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. دەرھال زەمبىلدە توپا-قۇم ئەكىلىپ قۇدۇقنى كۆمدۈرۈۋېتىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى بىلىپ قالغان بىر مەھرەم ئاتىلىق غازىغا ئەرز بېرىپ ۋەقەنى مەلۇم قىپتۇ. ئاتىلىق غازى: «پالانى مەھرەم شىكايىتىڭىزنى قىلىپ ئەرز بەرگەنىكەن، مەن قۇلاق سالمىدىم. شۇ مەھرەمنىڭ جازاسىنى بەرگەيسىز»، دەپ نىياز ھېكىمبەگكە ئىنايەتنامە ئەۋەتىپتۇ. بۇ ئىنايەتنامىنى كۆرگەن ھامان مەزكۇر مەھرەمنى يوق قىپتۇ. يەنە بىرى، ئاتىلىق غازى باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن نىياز ھېكىمبەگ خوتەنگە قايتىپ كېلىپلا ئەسلى ۋۇجۇدىدىكى ئىسيانكارلىق مىجەزى باش كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىك، ئاداۋەت دۇمبىقىنى چېلىپ بىراقلا يۈز ئۆرۈدى. بېكقۇلىبەگ خوتەنگە بارغاندا 30 مىڭ لەشكەر بىلەن ئىنىسى مۇھەممەد ئىمىنبەگ ۋە ئوغلىنى چىقىرىپ بېكقۇلىبەگ بىلەن جەڭ قىلدى. بۇ لەشكەرلەر بېكقۇلىبەگكە تەڭ كېلەلمەي قاچتى. نىياز ھېكىمبەگ قالغان لەشكەرلىرىنى توپلاپ، توپ- زەمبىرەكلىرىنى تەييارلاپ تۇرغان چاغدا، چىقارغان لەشكەرلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. توپ-زەمبىرەكلەرنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىپ پۈتۈن خوتەن ئەھلىنى ۋە قېچىپ كېلىۋاتقان لەشكەرلەرنى قەتلىئام قىلىشنى قەستلىدى. بۇ ئەھۋالدىن ئىشەنچلىك مۇلازىم ۋە ياخشى نىيەتلىك ئەمىرلەر خەۋەر تېپىپ قېلىپ، ھەممىسى يىغلىشىپ بۇ يامان نىيەتتىن قايتىشنى ئىلتىماس قىلدى. نىياز ھېكىمبەگ بۇنداق نالايىق ھەرىكەتتىن قولىنى تارتىپ «مەيلى لەشكەر ياكى پۇقرا بولسۇن خەزىنىلەرنى بۇلىۋالسۇن»، دەپ ئەمىر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خالايىق تالان-تاراجغا كىرىشىپ كەتتى.

     مۇشۇ ئەھۋالدا نىياز ھېكىمبەگ مەخسۇس ساندۇق، تۇلۇملارغا قاچىلانغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ ئىشەنچلىك مۇلازىم ۋە ياساۋۇللىرى بىلەن خىتايلاردىن ياخشىلىق ئۈمىد قىلىپ كېرىيە يولى بىلەن كورلىغا قاراپ قاچتى. بۇ مەنزىللەردە بۇرۇنلا مەخسۇس ئاتلارنى قويۇپ بېقىپ تۇرغانلىقتىن، 16 كۈنلۈك يولنى تۆت كېچە-كۈندۈزدە بېسىپ يېتىپ باردى. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن مىنىپ بارغان ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەتتى. قېچىپ كېتىپ بارغان يولدا مەيلى يىگىت-سەرۋاز، مەيلى سودىگەر بولسۇن پەرغانە تەرىپىدىن كەلگەنلا كىشى بولسا ئۇچرىغان يېرىدە يوقاتتى. قاراۋۇلدا تۇرغان تاش بەچە باشلىق 30دەك مۇساپىر يىگىت بار ئىدى. ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئوبۇلقاسىم پانسات ۋە مىرزا پانساتلار نۇرغۇن يىگىتلەر بىلەن كەينىدىن قوغلاپ بارغان بولسىمۇ، يول قۇملۇق بولغانلىقتىن ئاتلارنىڭ تولىسى ماڭالماي توختاپ قالدى. 200چە يىگىت نىيە دېگەن يەردە يېتىشىۋالدى. خوتەن بىلەن نىيەنىڭ ئارىلىقى قاتتىق 16 كۈنلۈك يول ئىكەن. ئىككى ئوتتۇرىدا جەڭ ۋە جېدەل بولدى. ئىككى تەرەپتىن 150تەك ئادەم زايە بولدى. قوغلاپ بارغان يىگىتلەر ئاز بولغانلىقتىن نىياز ھېكىمبەگنى تۇتۇۋالالمىدى. نىياز ھېكىمبەگ قېچىپ كەتتى.

     نىياز ھېكىمبەگ مۇشۇ تەرىقە بىلەن كورلىغا بېرىپ خىتاي مەنسەپدارلىرى بىلەن ئۇچراشتى. بۇ كۈنلەردە خىتاي مەنسەپدارلىرىنىڭ چوڭى لوشەي دارىن بايدا، زۇڭدۇ دارىن ئاقسۇدا ئىكەن. نىياز ھېكىمبەگ كورلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئاپارغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى بەردى. بۇلار لوشەي دارىن ۋە زۇڭدۇ دارىنلارغا خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇلاردىن «كەلسۇن» دېگەن پەرمان كەلدى. ئاڭغىچە زۇڭدۇ دارىن قەشقەرگە كەتكەنىدى. يەكەنگە دۇڭ دارىن كەلگەنىدى. نىياز ھېكىمبەگ قەشقەرگە بېرىپ زۇڭدۇغا «مەن خوتەنگە 12 يىل ھاكىم بولغانىدىم. خوتەن ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ خان چېرىكىگە بېرىدىغان 12 يىللىق غەللە-پاراق مەھسۇلاتىنى يىغىۋېلىپ مەخپىي ساقلاپ قويغانىدىم. ئىلگىرىكى پادىشاھقا پۇقرالاردىن ئارتۇق ئالغان قىسمىنى بېرىپ ئالداپ كەلگەنىدىم. شۇ مەخپىي ساقلىغان خەزىنىلەرنى ئېچىپ ئۇلۇغ خان چېرىكلىرىگە تاپشۇرسام»، دەپ مەلۇم قىلدى. زۇڭدۇ دارىن نىياز ھېكىمبەگنى چاقىرتىپ كېلىپ: «سەن ھاكىم بولۇشتىن ئىلگىرى نېمە ئىش قىلغان؟» دەپ سورىدى. نىياز ھېكىمبەگ: «مەن يەكەندە تۆتىنچى ئىشىكئاغا بولغانىدىم»، دەپ جاۋاب بەردى. زۇڭدۇ دارىن: «سەن نىيىتى يامان ئادەم ئىكەنسەن. سېنى ئادەم قىلىپ بىر چوڭ شەھەرگە 12 يىل ھاكىم قىلغان، تۇز بەرگەن ئۇلۇغۇڭغا خىيانەت قىپسەن…» دەپ ئانچە ئېتىبار قىلمىدى. ئۇ ئاخىر خىتاي مەنسەپدارلىرىنى خوتەنگە باشلاپ ئاپىرىپ مەخپىي جايلاپ قويغان خەزىنىلىرىنى ئېچىپ بىر-بىرلەپ تاپشۇرۇپ بەردى.

     نىياز ھېكىمبەگنىڭ شەھەردىكى ئوردا بېغىنىڭ بىر تەرىپىدە ئېگىز-پەس دۆڭلۈك زېمىن بار ئىدى. بۇ يەردە شېھىتلەرنىڭ مازىرى بار ئىكەن، دەپ ئەتراپىغا ئېگىز قورۇ تام سالدۇردى. تامنىڭ ئىچىگە مەسجىد، ھۇجرا، قارىيخانا، ئېتىكاپخانا، ئاشخانا، ئاتخانا بىنا قىلدۇرۇپ يەنە ئىككى قەبرە بەرپا قىلدۇردى. ھەر بىر قەبرىنىڭ ئىچىگە 1500دىن يامبۇ، بىر نەچچە چارەكتىن ئالتۇننى قاچىلاپ ئاغزىنى چاپلىدى. ئۈستىگە تۇغ-شەددە، ئەلەم-بايراقلارنى قاداپ كاتتا ئالىي مازار قىلدى. بىر مۇنچە يەر-زېمىن، دۇكانلارنى ۋەخپە قىلىپ ھوسۇلىنى قارىي ۋە ئېتىكاپ قىلىپ ياتقان كىشىلەرگە بېرىشنى تەيىن قىلدى. ھەر دۈشمەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى قويلارنى سويۇپ ڭەڭرى نەزىر-نۇزۇراتلار قىلىپ غېرىب-غۇرۋا، مىسكىنلەرگە بېرىپ تۇردى. مەيلى تۈركىستان ۋە ھىندىستان ياكى پەرغانە ۋىلايىتى ۋە بەدەخشان تەرىپىدىن كەلگەن ئەپەندى ھەزرەت، شەيخ ۋە ئىشانلارنى مەزكۇر مازاردا بىر ھەپتە، ئەقەللىي ئۈچ كۈن ئېتىكاپ قىلىپ دۇئا تەلەپ قىلىشقا قوياتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ «بۇ مازار شېرىپنىڭ پەيزى-كارامىتى قانداقراق ئىكەن؟»، دەپ سورايتتى. بۇ دۇئاگۇي تەمەخورلار: «ناھايىتى ئۇلۇغ مازار ئىكەن. ھېچقانداق مازاردا بۇ مازاردىكىدەك پەيزى بولمىغانىدى. بۇ مازار مەخپىي بولۇپ كەلگەنىكەن. جانابىي ئالىيلىرىنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ ئالىيلىقىدىن ئاشكارا بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاجىتى راۋا بولۇپ مۇرادى ھاسىل بولدى»، دەپ جاۋاب بېرەتتى.

     بۇ جايغا ئالتۇن- كۈمۈشلەرنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ، يەرنى كولاپ كۆمگەن ھاشارچى-مەدىكار، يىگىت-مەھرەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن قوشۇپ كۆمۈپ يوق قىلدى، بەلكى بۇ سىردىن ئازراق خەۋىرى بولغانلارنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ يوقاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خەزىنىنىڭ ئىس-پۇرىقىنى ھېچكىم بىلەلمىگەنىدى. ئاقىۋەت نىياز ھېكىمبەگ خىتاي مەنسەپدارلىرىنى خوتەنگە ئۆزى باشلاپ بېرىپ، مازارنىڭ تۇغ-شەددە، ئەلەم- بايراقلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ، ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆمۈپ قويۇپ «ئۇلۇغ مازار» دەپ خالايىقنى ئالداپ يۈرگەن قەبرىنى ئېچىپ ئىچىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ «ئۇلۇغ خان چېرىكلىرىنىڭ ھەققى» دەپ تاپشۇرۇپ بەردى.

 

     نەزم:

     ئىنسان ئەگەر ئاچسىلەر تەلىبىسغە ئېغىز،

     بىچارە بولۇر ئىبلىس لەئىن بىتەمىز

 

     مانا بۇ شېئىر نىياز ھېكىمبەگنىڭ قىلمىشلىرىغا دەل مۇۋاپىق كېلىدۇ.

     نىياز ھېكىمبەگ يەنە بىر بېغىغا مىڭ يامبۇنى كۆمۈپ ئۈستىگە ئانار، ئۈزۈم، شاپتۇل كۆچەتلىرىنى تىكىپ باغ قىلىۋەتكەنىدى. بۇ كۆچەتلەرنىمۇ قومۇرۇپ ئېچىپ يامبۇنى ئېلىپ خىتاي مەنسەپدارلىرىغا بەردى. باغدىكى كۆلنىڭ تېگىدىن بىر مۇنچە پاكىز، چىرايلىق قاش تېشىنى سۈزۈۋېلىپ مەنسەپدارلارنىڭ ئالدىدا قويدى. باغنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن 700 يامبۇنى كولاپ ئەكىلىپ «چېرىكلەرنىڭ ھەققى»، دەپ تاپشۇردى. مۇشۇ تەرىقىدە نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە خىتايلار ياخشى كۆرىدىغان مەرغۇپ تاشلارنى يوشۇرۇپ قويغانىكەن. ھەممىنى تاپشۇردى. چوڭ-كىچىك خىتايلار بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ ماختاپ، ئۇنىڭغا ئاپىرىنلار ئوقۇدى.

     نىياز ھېكىمبەگنىڭ بۇنداق ئەقىدە-ئىخلاسلىرى ۋە خىزمەتكارچىلىقى تۈپەيلىدىن خىتايلار ئۇنى يەكەنگە ھاكىم قىلدى. ئەمما نىياز ھېكىمبەگ خىتاي مەنسەپدارلىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ مەنسەپ بېرىشىنى كۆزلىگەنىدى. يەكەننىڭ ھاكىملىقىنى نەزەرىگە ئىلمىدى. «مەن ئەقىدە ۋە ئارزۇ قىلغان خىتايلار بۇ ئەمەسكەن»، دەپ نىيىتىنى بۇزۇپ كونا ئادىتىنى تەكرارلىدى. يەكەندە مەخپىي ئىشخانا قۇرۇپ، يوشۇرۇن قورال-ياراق تەييارلىدى. شەھەر، سەھرالاردىن تونۇش- بىلىشلىرىنى بىر-بىرلەپ قىچقىرىپ، مېھمان قىلىپ ۋەدە-قەسەملەر بىلەن خۇش قىلىپ ئۆزىگە تارتىپ ئۈمىدۋار قىلدى ۋە ۋاقىت-مۇددەتنى تەيىن قىلدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشىدۇ» دېگەن ھەدىسلىرى ئىجرا بولدى. نىياز ھېكىمبەگدىن بىر قونداقچى ئۇستىنىڭ كۆڭلى ئاغرىغانىدى. ئۇ بېرىپ ۋەقەنى دۇڭ دارىنغا ئېيتىپ قويدى. دۇڭ دارىن كىشى ئەۋەتىپ مەخپىي تەكشۈردى. تەكشۈرگۈچى راستلىقىنى مەلۇم قىلدى. دۇڭ دارىن شۇ زامان بىر خان ئوقى بىلەن 20 چېرىكنى ئەۋەتتى. خان ئوقىنى نىياز ھېكىمبەگ ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىشىكىگە قاداپ قويدى. ئۆز ئۆيى ئۆزىگە گويا بىر زىندانغا ئوخشاش تۈرمە بولدى.

     يەكەننى كۇچالىق قادىر ئىشىكئاغا بەگكە تاپشۇردى. شۇ ئارىدا 23 كۈن ئۆتتى. قەشقەردىن بىر مەنسەپدار كېلىپ نىياز ھېكىمبەگنى قۇرۇق ھارۋىغا سېلىپ خار ۋە ئېتىبارسىزلىق بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ ماڭدى. نىياز ھېكىمبەگنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئاداۋەت ۋە خۇسۇمەتلىرى ئەسلى زاتىدا بىللە يارىتىلغانىكەن.

     نىياز ھېكىمبەگنىڭ قاراڭغۇ ۋۇجۇدى بۇ يورۇق ئالەمگە كېلىشتىن ئىلگىرى، مەرھۇم شائىر كارامەت قىلغاندەك بۇ شېئىرنى مۇشۇ بەگنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇناسىپ يازغانىكەن:

 

     نەزم:

     گەر قارا توقۇلسا ئەزەلدە كىشىنىڭ گىلىمىن،

     ئابى زەمزەم بىرلە ئاقارماس ھەرقانچە يۇغان بىلەن.

 

     دېمەك، ئاۋۋال كۇچالىق خوجىلارنىڭ دۆلەت چىرىغىنىڭ خىرە بولۇپ ئۆچۈشىگە نىياز ھېكىمبەگ سەۋەبچى بولدى. ئاندىن ئاتىلىق غازىنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان پەرمانلىرى بويىچە خوتەندەك ئالتە ھاكىملىق كاتتا يۇرتقا يۈز دىۋان ، 40 كۈنلۈك سەھرا ۋە قىشلاقلىرى بىلەن قوشۇپ مۇستەقىل ھاكىم قىلىپ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى بەردى. خالىغىنىچە بۇيرۇق بېرىپ ئىش يۈرگۈزۈشكە ئىختىيارنىڭ تىزگىنىنى قولىغا تۇتقۇزدى. شۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت ۋە مەنسەپكە قانائەت قىلماي، ئىسلام دائىرىسىدە ئۆتكەن ئۆمۈر ۋە تۇرمۇشلىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلمەي، شۈكرانە نېئمەتنى كۇپرانە نېئمەتكە ئۆزگەرتىپ، خىتايلاردىن مەنسەپ تەمە قىلىپ ۋاپا ئۈمىد قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ناھايىتى ھاماقەت ۋە ئەقىلسىزلىكىنى ئاشكارا قىلدى.

 

     نەزم:

     نېئمەتىڭ ئارتار ئەگەر شۈكرانە نېئمەت ئەيلىسەڭ،

     قوللىرىڭدىن پات كېتەر كۇفرانە نېئمەت ئەيلىسەڭ.

 

     بۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپراقى شۇكى، بەخت-دۆلىتىگە سەۋەب بولغان ئۆز ئۇلۇغىغا خىيانەت قىلىپ يوقاتتى. بۇ ۋەقەلەر يۇقىرىدا بايان قىلىندى. يەنە بىرى، كىچىكبەگ بەچە (ھەققۇلىبەگ) نىڭ ئۆلۈشى ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، چوڭ بەگ بەچە (بېكقۇلىبەگ) كە خەت يېزىپ ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ناھەق قان تۆكۈپ خالايىقنىڭ مالامەت ئوقىغا نىشان بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى.

     نىياز ھېكىمبەگ ئاتىلىق غازىغا بەرگەن زەھەردىن ئۈزۈكىنىڭ كۆزى ئاستىدا ئازغىنا مەخپىي ساقلىغانىكەن. خىتايلارنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ ئۈزۈكىدىكى ئاشۇ زەھەرنى چىقىرىپ ئاغزىغا سالدى ۋە بۇ پانىي ئالەمدىن خوشلاشتى.

 

     نەزم:

     يامان قىلماق يامان پەيدا قىلۇر ھەم ياخشى ئىش يامان،

     كى ئارپادىن ئۈنەر ئارپا، كى بۇغدايدىن ئۈنەر بۇغداي.

 

     دېمەك، نىياز ھېكىمبەگ ھوقۇق تۇتقان كۈنلىرىدە خالايىقنىڭ خۇنلىرىنى ناھەق تۆكتى. ھوقۇقى قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئاقىۋەت ئۆزىنىڭ خۇنىنى ئۆز قولى بىلەن تۆكتى.

     يەكەنگە مۇھەممەد يۇنۇس شاغاۋۇل دادخاھ 12 يىلدىن كۆپرەك مۇستەقىل ھاكىم بولدى. دۆلەتلىرى نىياز ھېكىمبەگنىڭ دۆلىتىدىنمۇ زىيادە ئىدى. شاغاۋۇل دادخاھ ئالىم، ئېتىقادلىق كىشى ئىدى. يۇرتدارچىلىق ئىشلىرى، غەللە-پاراق، باج-خىراج توغرىسىدا شەرىئەت ھۆكمىدىن قىلچە چىقمايتتى. ھەمىشە ھەر قانداق ئەھۋالدا مۇستاپانىڭ شەرىئىتىگە تولۇق رىئايە قىلىپ قاتتىق ئېھتىيات قىلاتتى. ئۆز ۋاقتىدا ھېچقانداق بىر كىشىگە زۇلۇم-تەئەددى قىلمىغانىدى. ئەمما بېيجىڭ ئەھلى يېتىپ كەلگەندە قورقۇپ سېرىق قول تەرىپىگە نۇرغۇن ئەمىر ۋە سەركەردىلىرى بىلەن قاچتى. سوغۇقنىڭ يامانلىقىدىن داۋانغا قار يېغىپ يول توسۇلۇپ قالغاچقا، ئۆتەلمەي يەكەنگە يېنىپ كەلدى. بۇ چاغدا خىتاي مەنسەپدارلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. خىتايلار بىر نەچچە ئەمىر ۋە سەركەردىلەرنى شېھىت قىلدى. خىتاي مەنسەپدارلىرى يۇنۇسخان شاغاۋۇل دادخاھقا ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىپ، «سىز تولا ئوبدان ئادەم ئىكەنسىز، ئەمما ئەيىبىڭىز  ‹异人›، يەنى يات كىشى – باشقا يۇرتنىڭ ئادىمى ئىكەنسىز. مۇشۇ يەردە تۇرسىڭىز مائاش بەلگىلەپ بەرسەم، يۇرتۇمغا كېتىمەن دېسىڭىز ئادەم قوشۇپ، يول خىراجىتى بېرىپ يولغا سېلىپ قويسام»، دەپ ئىلتىپات قىلغاندا، شاغاۋۇل دادخاھ يۇرتۇمغا كەتسەم، دېگەن ئەرزنى بايان قىلدى. دۈشمەنلىكى شۇنداق ئاشكارا تۇرسىمۇ، زۇڭدۇ 500 سەر كۈمۈش ۋە ئات-ئۇلاغ بېرىپ، ئادەم قوشۇپ، ئىززەت-ئابرويى بىلەن پەرغانە ۋىلايىتىگە يولغا سېلىپ قويدى. ياراتقان تەڭرىم ئۇنى قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بۇ ئالەمدە ئوچۇق كۆرسەتتى. بۇ ۋەقەلەرنى بۇ يەردە تەپسىلىي بايان قىلىشتىن مەقسەت، ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن ھاكىم بولغانلار ۋە مەملىكەتنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرىغا، نىياز ھېكىمبەگ بىلەن مۇھەممەد يۇنۇسخان شاغاۋۇل دادخاھنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر كۆرۈلدى.

     مۇھەممەد يۇنۇسخان شاغاۋۇل دادخاھ بىلەن نىياز ھېكىمبەگنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىر پادىشاھنىڭ قول ئاسىتدا بولۇپ، بىر دەۋردە ئوخشاش ئىككى چوڭ شەھەرنىڭ مۇستەقىل ھاكىملىرى ئىدى. ھەر ئىككىسىگە بۇيرۇق، پەرمان، يارلىق ئوخشاش چۈشەتتى. بۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندە، بىرىگە قەدىمىي دۈشمەنلىرى سەمىمىي دوست بولۇپ، ئاسراپ، ئىززەت-ھۈرمىتىنى قىلىپ، مەقسەت ۋە ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈپ، جان ۋە ماللىرىغا ئامانلىق بېرىپ، ھەتتا ئالتۇن-كۈمۈش خىراجەتلەرنى ئىنئام قىلىپ ئەل-يۇرتى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قوۋم-قېرىنداشلىرىغا ئۇلاشتۇردى. يەنە بىرىنىڭ جان-دوستلىرى ۋە ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيالىق بۇرادەرلىرى دۈشمەن بولۇپ، ئىززەت ۋە ئېتىباردىن ئايرىپ، خار-زار قىلىپ، مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋېلىپ نائۈمىد قىلدى. ئۇنى ئەل-يۇرتى ھەتتا قوۋم-قېرىنداش، پەرزەنت- ئەقرىبالىرىدىنمۇ جۇدا قىلىپمۇ جېنىغا ئامانلىق بەرمەي، زېمىننىڭ ئاستىغا تاپشۇردى.

     دېمەك، پۇقرا- رەئىيەلەرنىڭ ئاسايىشلىقىنى كۆزلەپ، ئەدلى-ئادالەتنى ئۆزىگە لازىم تۇتقانلار ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ۋە ئەجرىنى مۇشۇ ئالەمدىلا ئاشكارا كۆردى. پۇقرالارنىڭ پۇل-ماللىرىنى سەل چاغلاپ ئېلىۋېلىپ، جەبىر-زۇلۇم قىلغان، پۇقرالارنىڭ كۆز يېشىدىن ئېھتىيات قىلمىغانلارمۇ نەتىجىسىنى مۇشۇ ئالەمدە ئاشكارا كۆردى. ئۇلۇغ تەڭرىم، بىزنى رەھىم-شەپقەت قىلىپ توغرا يولغا باشلىغايسەن، ئامىن.

 

     موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخي ئەمىنىيە» نامىلىق كىتابىغا ئاساسەن تورغا يوللىغۇچى: ئالىم بىز بلوگىدىن تۇران تېكىن



无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter