Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> قەشقەردە ماۋ زېدوڭ ھەيكىلىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنىڭ باش – ئاخىرى

قەشقەردە ماۋ زېدوڭ ھەيكىلىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنىڭ باش – ئاخىرى

2012-08-11 3:53     كۆرۈلۈشى: 12,552 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ما شۇكاڭ        قەشقەر خەلق مەيدانى رەئىسلەر سەھنىسىنىڭ ئارقىسىغا قوپۇرۇلغان ماوۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى ئېگىز، ھەيۋەتلىك بولغاچقا قەشقەر شەھرىدىكى گۈزەل بىر مەنزىرە بۇلۇپ قالدى.ئۇزۇندىن بۇيان بۇ يەرگە كە....

ما شۇكاڭ

 

     قەشقەر خەلق مەيدانى رەئىسلەر سەھنىسىنىڭ ئارقىسىغا قوپۇرۇلغان ماوۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى ئېگىز، ھەيۋەتلىك بولغاچقا قەشقەر شەھرىدىكى گۈزەل بىر مەنزىرە بۇلۇپ قالدى.ئۇزۇندىن بۇيان بۇ يەرگە كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ۋە ئەل ئىچى ساياھەتچىلەرنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان، رەسىمگە چۈشىدىغان، كۆرگەنسىرى كۆرگىسى كىلىدىغان مۇھىم بىر ساياھەت نۇقتىسى بۇلۇپ قالدى.

 

 

     بۇ ھەيكەل مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ مەھسۇلى بۇلۇپ، ئەينى چاغدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ياساتقان. بۇنداق ھەيكەلدىن مەملىكەت بۇيىچە 4 ئورۇندا بار بۇلۇپ، ھازىر ئىككىسى قالدى. بۇ ھازىر مەملىكەت بۇيىچە ئەڭ ئېگىز ھەيكەللەرنىڭ بىرى. بۇنداق ھەيكەلنىڭ چەت، يىراق چېگرا رايۇندىكى بۇ شەھەرگە ياسىلىشى يەنىلا بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماۋجۇشىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

     جاھاندا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەردە خېلى كۆپ ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلدى. كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلارنى «قوغداش» بىلەن «يوقۇتۇش» مەسىلىسىدە كۆز قاراش ئوخشاش بولمىغاچقا، بۇ تەشكىلاتلار ئىككى تەرەپ، تۆت چوڭ تەشكىلاتقا بۆلۈنۈپ ئىنقىلاپ قىلدى.

     دەل مۇشۇ چاغدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قولىدا قىزىل كىتاب بۇلۇش، ئاغزىدا ماۋجۇشىنىڭ ئۈزىندىسىدىن ناخشا ئوقۇش، مەيدىسىگە ماۋجۇشىنىڭ ئىزنىكىنى تاقاش ئەۋج ئالغان ئىدى. كېيىنچە «قىزىللاشتۇرۇش» ئەۋج ئېلىپ «ئۈزىندە تېمى»، «ئۈزۈندە سەھنىسى» سادىقلىق مۇنارى ياساشتىن ئىبارەت تارىخىي كۆرۈنۈش ئارقىسىدا قەشقەردىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ ماۋجۇشىغا بولغان چەكسىز سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق «سادىقلىق» تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

     1968- يىلى قەشقەردىكى تۆت چوڭ تەشكىلاتتىكى كۆز قارىشى ئوخشاش بولغان ئىككى چوڭ تەشكىلات ئىچكىردىكىدەك ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلىنى ياسايمىز دەپ قارار قىلىشتى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن بۇ تەشكىلاتتىكى كادىر، ئىشچى، خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ باردى. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭ، نەنچاڭ، شىئەن پويىز ئىستانسىگە ئورناتقان «ماۋجۇشىنىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئالغا قاراپ كىتىۋاتقان» مودىلىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ قېلىپىنى ئېلىپ كىلىپ، خەلق مەيدانىغا پولات سىمۇنىت قۇرۇلمىلىق قىلىپ ھەيكەل ياساش قارارىغا كەلدى. بۇ ئىككى ئاممىۋى تەشكىلات ئىچكىرگە كىرىپ ئۇقۇشىشقا بىر قانچە ئادەم ئەۋەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستىخىيەلىك ھالدا ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. ماۋجۇشىغا بولغان مىھرى – مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈش يۈزسىدىن كادىرلا، ئىشچىلار، قىزىل قوغدۇغۇچىلار بەس بەس بىلەن پۇلى بارلار پۇل، ئاشلىقى بارلا ئاشلىق، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، سېخى قوللىرىنى سۇنۇشقا باشلىدى. ئۇ چاغدىكى مەنزىرىنى تەسۋىرلەش تولىمۇ قىيىن، شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭ بىناكارلىق شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 1938- يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان بىر پىشقەدەم كادىر بىر ئۆمۈر يىققان 600 يۇەن پۇلىنى ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى ئۈچۈن ئىئانە قىلغان. يەنە بىر بپىشقەدەم ئېنجىنىرنىڭ پەرزەنتى كۆپ، ئائىلىسىدە خېلى قىيىنچىلىقى بار تۇرۇپ 500 يۇەن ئىئانە قىلغان. باشقا ئورۇنلاردىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇرمۇشى خېلى جاپالىق بولسىمۇ بىر ئايلىق مائاشىنى، بىر ئايلىق ئاشلىق بېلىتىنى ئىئانە قىلىپ، ئىمكانىيىتى نىمىگە يار بەرسە شۇنى ئىئانە قىلىپ، ماۋجۇشىغا بولغان سادىق قەلبىنى ئىپادىلىگەن. مائاشى يوق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، قىزىل قوغدىغۇچىلارمۇ سەپتىن قالمىغان. بەزىسى 1-2 يۇەن، بەزىسى 4-5 يۇەن، ھەتتا 8-10 يۇەنگىچە ئىئانە قىلغان. شۇ چاغدا كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى نەچچە ئون يۇەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بارلىق كۆڭلىنى قويماي ئاتىغان. بۇنداق روھنى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە تىگىشلىك، ئەلۋەتتە. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئارقىسىدا ئىككى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات بىر دەمدىلا بىر قىسىم قۇرۇلۇش مەبلىغىنى غەملەپ بولغان.

     ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ پاختا توشۇش شىركىتى، قەشقەر تىرانسىپورت شىركىتى، ۋىلايەتلىك تىرانسپورت شىركىتى قاتارلىق ماشىنىسى بار ئورۇنلاردىكى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن داخىيەنگە ماشىنا ئەۋەتىپ، شىئەندىن يۆتكەپ كىلىۋاتقان ھەيكەل قېلىپىنى 16 ماشىنىغا لىق بېسىپ ئېلىپ كەلگەن. شوپۇرلار كېچە – كۈندۈز دېمەي يول يۈرۈپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي قېلىپنى ساق – سالامەت ئېلىپ كەلگەن. ئۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭ يوللىرى ناچار بۇلۇپ، بىر نەچچە يەردىكى كۆۋرۈكنى سۇ ئېلىپ كەتكەن بۇلۇپ ماشىنا توسۇلۇپ قالغان. ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەيكەل قېلىپى توشۇۋاتقان ماشىنىلارنىڭ توسۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قەشقەردىن بىر قىسىم ئادەملەرنى يولغا سېلىپ، ئۇلار يول بۇيى يولنىڭ كاتاڭلىرىنى تۈزلەپ، كۆۋرۈكلىرىنى ياساپ، قېلىپنىڭ ساق سالامەت يىتىپ كىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. ماشىنا قەشقەرنىڭ يارباغ كۆۋرىكىگە كەلگەندە ئاممىۋى تەشكىلاتلار كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. قېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئىش مەيدانىغا چۈشۈرۈپ ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يەنە بىر بۆلەك ماشىنىلار جېجاڭغا (بەزىلەر سىچۇەنگە دەيدۇ) ھەيكەلنىڭ سىرتىغا بىرىدىغان ئاق سىمۇنىت توشىغىلى ماڭغان.

     ئۇزۇن ئۆتمەي ھەيكەلگە ئىش باشلاندى. قۇرۇلۇشقا جەنۇبىي شىنجاڭ بىناكارلىق شىركىتى، يول ئاسراش ئوچاستىكىسى، شىنجاڭ تاشيول 1- قۇرۇلۇش ئەترىتى، قەشقەر پاختا توقۇمچىلىق فابرىكىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تېخنىڭ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قاتناشتى. ۋىلايەتلىك لايىھەلەش ئورنى قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە نازارەتچىلىك قىلدى. ئىش باشلىنىش ھامان قۇرۇلۇش ئەترەتلىرى ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆرسىتىپ سۈپەتكە، سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا بۇرۇنراق پۈتتۈرۈش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز جاپالىق ئىشلىدى. بۇ قالايمىقانچىلىق ئەلەم كۆرىشى، ئەندىشىلىك كۈنلەر بىلەن رۇششەن سېلىشتۇرما ئىدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماۋجۇشىغا بولغان سېغىنىشى تۈپەيلى قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېز بۇلۇپ، بىر نەچچە ئايدىلا ئاساسى گەۋدىسى پۈتۈپ بولدى.

     1969- يىلى ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى پۈتتى. ھەيكەلنىڭ پۈتۈن ئىگىزلىكى 24 مىتىر، يەردىن سۇپىغا بولغان ئارلىقى 11.74 مىتى، ھەيكەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىزلىكى 12.26 مىتىر بولدى. (بۇنىڭ مەنىسى: ماۋجۇشى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى تۇغۇلغان) ھەيكەل پۈتكەندىن كېيىن بىر تەرەپ ئىككى چوڭ تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى خەلق مەيدانىدا تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ئوخشاش بولمىغان قاراشتىكى تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرىمۇ كىلىپ قاتناشتى، رەسىمگە چۈشۈشتى، سالام بىرىشتى.

     «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» ئاياقلاشقاندىن كېيىن بەزى قۇرۇق پاراڭلار مەيدانغا چىقتى. قەشقەردىكىدەك ھەيكەللەرنى بېيجىڭ، شىئەنلەردە چېقىپ تاشلاپتۇ، قەشقەردىكىنىمۇ چېقىپ تاشلىغۇدەك، پارتلاتقۇدەك دېگەنگە ئوخشاش. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن كۆپ غۇلا-غۇلا بۇلۇشتى. قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېلىۋىتىشكە قارشى چىقتى. ئەينى چاغدا مۇنداق بىر ئىش بولغان ئىكەن: بىر كۈنى ئەتتىگەندە ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئاستىغا قىزىل رەڭلىك پىلاكاتنىڭ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭغا قارىسا: «بۇ مۇنبەرنىڭ ھەيكىلى سىنىڭ نېمەڭگە پۇتلاشتى!» دېگەن خەت يېزىلغان ئىكەن. بۇ پىلاكات قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلىگە بولغان قەدىرلىشىنى ئىپادىلىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بەزى ماتىرىياللارنىڭ روھى ۋە ئىچكىرىنىڭ تەسىرى بىلەن قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ ھەيكەلنى ئېلىۋىتىش ئويىدىمۇ بولغان ئىكەن. ئالاقىدار خادىملارنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپمۇ كۆرگەن ئىكەن. قارىسا بۇ ئەينى زاماندا «ھىيلىگەرلىك» يوق چاغدا قىلىنغان قۇرۇلۇش بۇلۇپ ناھايىتى پۇختا، بىجىرىم بۇلۇپ چېقىشقىمۇ، پارتىلىتىشقىمۇ بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن چېقىش پىلانى شۇ پېتىچە قېلىپ، بۇ ھەيكەل بەختكە يارىشا ساقلىنىپ قالغان ئىكەن.

     1997- يىلى قەشقەر شەھرى خەلق مەيدانىنى نۇقتىلىق ئۆزگەتتى. بۇ چاغدا ماۋجۇشىنىڭ بۇ ھەيكىلى ساقلىنىپلا قالماي بەلكى رەئىس سەھنىسىنىڭ مەركىزى قىلىنىپ كاتتا ھەيۋەتلىك بېزەلدى. ماۋجۇشى ھەيكىلىنىڭ ئاستىغا مەرمەر تاش چاپلىدى. ھەيكەلنىڭ ئارقىسىغا ئىگىزلىكى 10 مىتىر، كەڭلىكى 62 مىتىر تام ياساپ، مەرمەر تاش چاپلاپ، مەرمەر تاشنىڭ ئۈستىگە ماۋجۇشىنىڭ «قار» دېگەن شېئىرىنى ئۇيۇپ ئالتۇن بىلەن ھەل بەردى. بۇ شېئىر بىلەن ھەيكەل تازا ماسلىشىپ ئاجايىپ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بۇلۇپ كەتتى. خەلق مەيدانىدىكى ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى 40 يىللى بوران – چاپقۇننى بېشىدىن كۆچۈرگەن بولسىمۇ ھېلى ھەم شۇنداق مەزمۇت تۇرماقتا. 1998- يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەشۋىقات بۇلىمى مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسى بۇ ئورۇننى ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قىلىپ بىكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماۋجۇشىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىنىڭ كارتىنىسى بۇلۇپ قالدى. ماۋجۇشى قەشقەردىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ ھايات!



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2012-08-21 00:45 ئاتەش 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئايەم مۇبارەك! (كىچىكىپ بولسىمۇ بۈگۈن كەلدىم)
    بۇ ھەيكەل توغرىسىدا تەپسىلىيرەك بىر ماتېرىيال تاپالماي يۈرگەن ئىدىم، بۇ يازمىڭىزنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» نىڭ «ھەيكەلتاراشلىق» سەھىپىسىگە ئالغاچ كەتسەم قانداق قارايسىزكىن؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    قەدىمىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!
    يازما يارىغان بولسا ئەلۋەتتە پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ. مىنىڭ بلوگ يېزىشتىكى مەقسىدىممۇ باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.
    سىز ئۈچۈن تۇران تېكىننىڭ دەۋازىسى دائىم ئوچۇق!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter