ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ناتسىستلارنىڭ مەغلۇپ بۇلىشىدىكى يەنە بىر سىر

ناتسىستلارنىڭ مەغلۇپ بۇلىشىدىكى يەنە بىر سىر

2012-08-06 12:27     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ناتسىستلارنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلىشى گېتلىرنىڭ ياپونىيىلىك  سىردىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟        گېتلىرنىڭ ئىلگىرى ياپونىيەلىك بىر سىردىشى بۇلۇپ، ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە ياپونىيەنىڭ ناتس....

ناتسىستلارنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلىشى گېتلىرنىڭ ياپونىيىلىك

 سىردىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

 

     گېتلىرنىڭ ئىلگىرى ياپونىيەلىك بىر سىردىشى بۇلۇپ، ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە ياپونىيەنىڭ ناتسىست گېرمانىيىسىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوشىماخۇ ئىدى.

     ئوشىماخۇ 1886- يىلى ياپونىيەدە بىر ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى گېرمانيە ئارمىيىسىگە چوقۇنغۇچى بۇلۇپ، ئاتىسىنىڭ تەربىيىسى ئارقىسىدا ئوشىماخۇدا كىچىكىدىنلا گېرمانىيىگە نىسبەتەن ئالاھىيدە ياخشى تەسىرات پەيدا بولغان. ئوشىماخۇ 1934- يىلى ياپونىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئەلچىخانىسىدا ھەربىي دېپلومات بولغان. ئۇ گېرمان تىلىغا راۋان بولغانلىقتىن ناتسىست گېرمانىيىسىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدار بىلەن تونۇشقان. گېتلىرنىڭ دېپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى بىرتېلوف بىلەن دوستلىشىش ئارقىلىق گېتلىر بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشكەن. 1938- يىلى ئوشىماخۇ ياپونىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى بولغاندىن كېيىن، ئىزچىل ياپونىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەمدە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشىپ، «كومۇنىستىك پارتىيەگە قارشى خەلقئارا ئەھدىنامە» ھەمدە «گېرمانىيە – ياپونىيە – ئىتالىيە ئۈچ دۆلەت قوشما شەرتنامىسى» ئىمزالىغان. گېتلىر ئۇنى ”ئىرادىسى پولاتتەك ھەقىقىي ناتسىست» دېگەن.

     ئوشىماخۇنىڭ گېتلىر ھەمدە بىرتېلوف بىلەن بولۈەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلىقتىن، ئۇ گېرمانىيەنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئىرىشكەن ھەم ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ سىياسىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. گېتلىر گەرچە رادىكال ئىرقىچى بولسىمۇ، ئوشىماخۇنى يېقىن سىردىشى قاتارىدا كۆرگەن. شۇڭا ئوشىماخۇ گېتلىرنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دائىم گېرمانىيە – سوۋېت ئالدىنقى سېپىگە كىلىپ، تەكشۈرۈشتە بولغان. ئوشىماخۇ 2- دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە ياپونىيەگە دېپلوماتىيە مەخپى ھۆججىتى ئارقىلىق ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى يوللاپ تۇرغان. لېكىن ئۇ ئامېرىكىنىڭ 1940- يىلىلا ئۇنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بىلىۋالغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ ئەۋەتكەن بارلىق ماتىرىياللارنى ئامېرىكا ئېلىۋالغان. 1941- يىلى 6- ئىيۇن ئۇ ياپونىيەگە ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ 22- ئىيۇن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقى توغرۇلۇقتېلگىرامما يوللىغان. بۇ مۇھىم ئۇچۇر ئامېرىكىنىڭ قولىغا چۈشكەن.

     ئوشىماخۇ 1943- يىلى نويابىردا دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىدىكى ھەربىي ئەھۋالنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە ئوفېتسىرلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، قۇراللىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات يېزىپ ياپونىيەگە ئەۋەتكەن. لېكىن بۇ ئاخباراتلا يەنىلا ئىتتپاقداش ئارمىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ نورماندىدا قۇرۇقلىققا چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان.

     ئوشىماخۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە ئەنگىلىيەنى تېزلا تەسلىم بۇلىدۇ دەپ ئويلىغان. ھەتتا 1944- يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىدا قۇرۇقلىققا چىقىشتىن ئىلگىرىمۇ ئۇ گېرمانىيەنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ يەنە بۇ توغرىسىدا گېتلىرغا بىر پارچە دوكلات يېزىپ بەرگەن. 1945- يىلىغا كەلگەندىمۇ ئوشىماخۇ ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئوشىماخۇ شۇ يىلى 13- ئاپرېل گېرمانىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى بىرتېلوف بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى ئېيتقاندا، گېتلىر بۇنىڭغا قوشۇلماي، بارلىق دېپلوماتلارنى بېرلىنغا قايتىش بۇيرىقى چۈشۈرگەن. ئوشىماخۇ ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ ئاۋستىرىيەگە كىلىپ پاناھلانغان. لېكىن ئون نەچچە كۈندىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئۇنى تۇتقان. ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۈەندىن كېيىن، ئوشىماخۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2012-08-08 14:38 ئۇيغۇر بىلوگ 

    ياخشى تىمىكەن

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېقىندا ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرى ئېچىلىپتۇ ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىدە بىلوگگىرلار پائالىيەت ، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىكەن ھەمدە بىلوگ توغرىسىدا ھەرقانداق مەسلىھەت سورىسڭىز ياكى ئۆز بىلىمىڭىزنى يولىسڭىز بۇلۇدىكەن ئۇنداقتا سىزمۇ دەرھال ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىگە كىرىڭ http://bbs.uyblog.cn

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ئۇيغۇر بلوگ مۇنبىرىدىن يەنە بىرى كۆپىيىپتۇ – دە؟ بىلىم ئېلىش سورۇنلىرىمىز موللىشىدىغان بولدى. ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت! ھازىرلا باراي.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter