ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تېلېگرامما شىفىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشى ۋە جوڭگۇنىڭ مەغلۇبىيىتى

تېلېگرامما شىفىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشى ۋە جوڭگۇنىڭ مەغلۇبىيىتى

2012-11-30 12:13     كۆرۈلۈشى: 12,283 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: تېلېگرامما شىفىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشى جوڭگۇنىڭ ماگۇەن شەرتنامىسىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇب بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان      1894- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى جوڭگۇ – ياپونىيە «جياۋۇ ئۇرۇشى» پارتىلاپ، 2- ي....

تېلېگرامما شىفىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشى جوڭگۇنىڭ ماگۇەن شەرتنامىسىدا

ئېچىنىشلىق مەغلۇب بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان

     1894- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى جوڭگۇ – ياپونىيە «جياۋۇ ئۇرۇشى» پارتىلاپ، 2- يىلى 3- ئايدا جوڭگۇ پەخىرلىنىدىغان شىمالىي دېڭىز فلوتى پۈتۈنلەي گۇمران بولدى. ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شەنخەيگۇەنگە قىستاپ كىلپ، ئاستانە ساراسىمدە قالدى.

لى خوڭجاڭ

     لى خوڭجاڭ 1895- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى جوڭگۇ سۆھبەت خادىملىرىنى باشلاپ ياپونىيەنىڭ ماگۇەن شەھىرىگە يىتىپ كەلدى. ياپونىيە سۆھبەتنى ماگۇەننىڭ چۈنفەن سارىيىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئۆزى كىچىك بولسىمى خېلى داڭقى بار مىھمانساراي ئىدى. ياپونىيەگە ۋاكالىتەن سۆھبەتكە قاتنىشىدىغىنى باش ۋەزىر ئىتوفىروبۇمى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇستۇمۇنىمىتسۇلار ئىدى. ئۇلار ئىنتايىن تەمكىن بۇلۇپ، جوڭگۇنىڭ سۆھبەت خادىملىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە سۆھبەت ۋەكىللىرى سۆھبەتتە باشتىن – ئاخىر تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇردى. جوڭگۇ ۋەكىللىرىنىڭ ھەر بىر سۆز ھەركىتىنى، چىڭ ئوردىسىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بەرگەن ھەر خىل كۆرسەتمىلىرىنى بىرمۇ بىر بىلىپ تۇرغان. چۈنكى ياپونىيە خېلى بۇرۇنلا جوڭگۇنىڭ تېلېگرامما مەخپىي شىفىرىنى يەشكەن بۇلۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئوردىنىڭ بارلىق مەخپى تېلېگراممىلىرى ياپونىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

     جياۋۇ ئۇرۇشى پارتىلاشتىن بۇرۇن جوڭگۇنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلڭق ئەلچىسى ۋاڭ فېڭزاۋ ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بىلەن چاۋشيەندىن ئورتاق قوشۇن چىكىندۈرۈش مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم مەسلىھەتلەشكەن. 1894- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بىر دېپلوماتىك ھۆججەت ئەكىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇن چىكىندۈرمەيلا قالماستىن بەلكى ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە بۇ دېپلوماتىك ھۆججەتنى خەنزۇچە تەييارلىغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەتتىكىچە بولمىغان بىر ھەركەت بۇلۇپ، بۇ خىل دېپلوماتىك ھۆججەتلەر ياپون يېزىقىدا يېزىلىشى كېرەك ئىدى. سۆھبەتتە جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ۋاڭ فېڭزاۋ دېپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ بۇ نورمالسىز ھەركىتىنى كۆپ ئويلاشمايلا بۇ ئىشنى دەرھال دۆلىتىمگە تېلېگرامما يوللاپ ئۇقتۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئويلىغان.

     ئۇ چاغلاردا سىمسىز تېلېگرامما بولمىغاچقا سىملىق تېلېگرامما يوللاش كېرەك ئىدى. سىملىق تېلېگرامما دەۋرىدە مەخپى تېلېگرامما بىردەك ئۆز مەخپى شىفىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن تېلېگرامما ئىدارىسىنىڭ يوللىشىغا تاپشۇرۇلاتتى. يەنى مەخپى شىفىر ئەينى ۋاقىتتا تېلېگرامما مەزمۇنىنىڭ بىردىن بىر مەخپىيلەغتۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىدى. ياپونىيە ئەكەلگەن دېپلوماتىك ھۆججت خەنزۇچە بولغاچقا، جوڭگۇ ئەلچىخانىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلماي، بۇ ھۆججەتنى مەخپى شىفىرغا ئايلاندۇرۇپ تېلېگرامما ئارقىلىق يوللىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى مەخپى تېلېگراممىنى پەقەت ياپونىيە تېلېگرامما ئىدارىسىگە ئاپىرىپ ئىۋەتكىلى بولاتتى. تېلېگرامما ئىدارىسى ئادەت بۇيىچە قۇشۇمچە نۇسخىدىن بىرنى كۈچۈرۈۋالاتتى. مۇشۇنداق بولغاچقا ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى خەنزۇچە دېپلوماتىك ھۆججەتنىڭ ئارگىنالىنى ئېلىپ قېلىپ، مەخپى شىفىر تېلېگراممىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، جوڭگۇ ئەلچىخانىسىنىڭ مەخپى شىفىرىنى يېشىۋەتكەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بولسا پۈتۈن ئۇرۇش ئاخىرلاشقانغا قەدەر مەخپى شىفىرنى ئۆزگەرتمىگەن.

     ياپونىيە جوڭگۇنىڭ بارلىق مەخپى تېلرگراممىسىنى بىلىۋالغاچقا، لى خوڭجاڭ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئاڭل؛اشلارغا قارىغاندا لى خوڭجاڭ چۈنفەن سارىيىدىن ياتىقىغا قايتىش يۇلىدا ياپونىيەلىك قاتىل خىلفېڭتارۇ ئۇنىڭغا ئوق ئېتىپ سول كۆزىنى يارىلاندۇرغان.

     لى خوڭجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياپونىيە سۆھبەتنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا ئالاھىيدە ئىتىۋار بەرگەن. خىلفېڭتارۇغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىنغان ماھىيەتلىك يول قۇيۇش ئۇرۇش توختۇتۇش مەسىلىسى بولغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيە تۈزگەن ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى مۇنداق ئىدى: ئەگەر ئۇرۇش توختاتساق جوڭگۇ شەنخەيگۇەن، تيەنجىن، داگۇدىن ئىبارەت ئۈچ رايۇننى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىش، ھەمدە ھەربىي خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. لى خوڭجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن تەيۋەن، پىڭخۇدىن باشقا بارلىق جەڭ مەيدانلىرىدىكى ياپونىيە ئارمىيەسى شەرتسىز ئۇرۇش توختاتتى.

     ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە 300 مىليۇن سەر كۈمۈش تۆلەم بىرىش، شەرقىي لياۋنىڭنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى، تەيۋەندىكى بارلىق ئاراللار ۋە پىڭخۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىقلارنى بۆلۈپ بىرىشتەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان تەلەپنى ئوتتۇرغا قويدى. لى خوڭجاڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ چۆچۈپ، ياپونىيەنىڭ شەرتلىرىنى زوڭلى مەھكىمىسىگە تېلېگرامما ئارقىلىق يەتكۈزۈش بىلەن بىر چاغدا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ: ياپونىيە تەلەپ قىلغان ھەربىي راسخئۇتنى زور دەرىجىدە قىسقارتمىسا ھەمدە تيەنجىننىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلارنى تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچمىسە، يارىشىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا داۋاملىق ئۇرۇش قىلساق بۇلىدۇ دېگەن.

     بۇ مەخپىي تېلېگراممىنىڭ مەزمۇنىنى ياپونىيەمۇ كۆرگەن ئىدى. غەرپ ئەللىرىنىڭ قارشى تۇرىشى ۋە يۇقىرى بۇلۇپ كەتكەن تۆلەم تەلىپى سەۋەبلىك جوڭگۇنىڭ ئاداققىچە جەڭ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ياپونىيە ئاران 100 مىليۇن سەر كۆمۈش قىسقارتقان ۋە شەرقىي لياۋنىڭنى بۆلۈپ بىرىش تەلىۋىدىن ۋاز كەچكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ