ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دۇنيا نوپۇسى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا

دۇنيا نوپۇسى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا

2012-11-28 5:29     كۆرۈلۈشى: 1614 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:       نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى يەر شارى مۇھىتىغا ۋە بايلىق مەنبەلىرىگە بارغانسېرى ئېغىر بېسىم پەيدا قىلماقتا، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان نوپۇسنى بېقىش ئۈچۈن ئىنسانلار تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىدىن پ....

      نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى يەر شارى مۇھىتىغا ۋە بايلىق مەنبەلىرىگە بارغانسېرى ئېغىر بېسىم پەيدا قىلماقتا، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان نوپۇسنى بېقىش ئۈچۈن ئىنسانلار تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتمەكتە، شۇڭا پۈتۈن يەر شارىدا قايتا ھاسىل بولمايدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ زاپىسى بارغانسېرى ئازايماقتا. خەلقئارا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بايلىق مەنبەلىرى تۈگەپ كەتمىگەن شەرت ئاستىدا، ئەگەر ئىنسانلار بايلىق مەنبەلىرىنى ھازىرقى سۈرئەت بويىچە خورىتىپ ماڭسا، 2050 – يىلىغا بارغىچە ئىنسانلار سەرپ قىلىدىغان بايلىقلار ئىككى يەر شارى تەمىنلىيەلەيدىغان ئومۇمىي تەبىئىي بايلىققا تەڭ بولىدۇ. ئۇنداقتا يەر شارى ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچىلىك ئادەمنى باقالايدۇ؟

     دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى دۇنيا نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى پەيدا قىلدى. 2000 يىل بۇرۇن، دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسى 250 مىليونغا يەتمەيتتى، 1650 – يىلىغا كەلگەندە نوپۇس بىر قاتلاندى، 200 يىل ئۆتۈپ نوپۇس يەنە بىر قاتلاندى، 1830 – يىلىغا كەلگەندە 1 مىلياردتىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن نوپۇسنىڭ قاتلىنىش دەۋرى بارغانسېرى قىسقاردى، يەنى 1 مىلياردتىن 2 مىلياردقا يېتىشكە 100 يىل كەتتى، 2 مىلياردتىن 4 مىلياردقا يېتىشكە 45 يىل كەتتى. 20 – ئەسىر كىرگەندىن كېيىن نوپۇس پارتلاش خاراكتېرىدە كۆپەيدى: 1999 – يىلى 6 – ئايدا دۇنيا نوپۇسى 6 مىلياردقا يېتىپ، 1900 – يىلىدىكى نوپۇسنىڭ تۆت ھەسسىسىگە، 1960 – يىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭلەشتى. نوپۇس 5 مىلياردتىن 6 مىلياردقا يېتىشكە 12 يىللا ۋاقىت كەتتى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2012 – يىلى 7 مىلياردقا، 2025 – يىلى 8 مىلياردقا، 2050 – يىلى9 مىلياردقا، ئەسىر ئاخىرىغا بارغاندا 11 مىلياردقا يېتىدىكەن. ئەگەر نوپۇس يىلىغا %2لىك سۈرئەتتە كۆپەيسە، 2500 – يىلىغا بارغاندا ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە بىردىن ئادەم توغرا كېلىدۇ. دۇنيا نوپۇسىنىڭ چېكىگە قارىتا ئۈمىدسىز – ئۈمىدلىك قاراش

     يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زادى قانچىلىك ئادەمنى باقالايدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدىكى تالاش – تارتىش ھازىرغىچە بېسىقمىدى. 1798 – يىلى ئەنگلىيەلىك مارساسنىڭ داڭلىق ئەسىرى ‹‹نوپۇس پىرىنسىپى›› ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، نوپۇس ئۈمىدسىزلىك نەزەرىيەسى ھازىرغىچە توختىغىنى يوق. مارساسنىڭ قارىشىچە، نوپۇسنىڭ ئېشىشى يەر شارى تەمىنلىيەلەيدىغان يېمەكلىكلەردىن ھالقىپ كەتكەندە، نوپۇس جىنايەت ۋە تۈرلۈك ئاپەتلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نوپۇس مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تېز كۆپەيدى، مارساس ۋەكىللىكىدىكى نوپۇس ئۈمىدسىزلىك نەزەرىيەسىمۇ پەللىگە چىقتى. ئامېرىكا نوپۇس ئېكىئولوكى پاۋل. ئەيلىچ 1968 – يىلى دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان ئەسەر ‹‹نوپۇسنىڭ پارتلىشى›› نى ئېلان قىلدى. ئەيلىچنىڭ قارىشىچە، 1970 – 1985 – يىللار ئارىلىقىدا نوپۇسنىڭ تېز ئېشىشى سەۋەبلىك بەزى دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئاچارچىلىق ۋە تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرەتتىكەن، ئەمما 30 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، نوپۇس 3 مىليارد 500 مىليوندىن ئېشىپ، 6 مىليارد 500 مىليونلۇق چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى.

     1964- يىلى ئەنگلىيەلىك بىر ئالىم يەر شارى ئېرىشكەن ئىسسىقلىق بىلەن تارقاتقان ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ تۇرالىسىلا، يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كېلىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالايدۇ، دېگەن قىياسنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېقىندا ئالىملار ناھايىتى ئىلغار تېرمودىنامىكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئۆلچەپ، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك ئۆرلەپ كەتمىگەن، ئىنسانلار يېمەكلىك كەمچىللىك مەسىلىسىنى يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، يەر شارى باقالايدىغان نوپۇس 13 تىرىلياد بولىدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى.

     ئەگەر راستىنلا نوپۇس يۇقىرى چەككە يېتەلىسە، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇددى ئورماندەك زىچ جايلاشقان 2000 قەۋەتلىك ئاسمان پەلەك بىنالارغا سىغدىلىشىپ، تەرتىپلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن ھەم قۇياش نۇرىنى كۆرۈشىمۇ تەس بولىدىكەن.

     ئامېرىكا نوپۇسشۇناسى كېئېن 1996 – يىلى يەر شارىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىگە دائىر ئەڭ سىستېمىلىق، ئەتراپلىق، چوڭقۇر، خۇلاسە خاراكتېرلىق تەتقىقات دوكلاتى ‹‹يەر شارى قانچىلىك ئادەمنى باقالايدۇ››نى ئېلان قىلدى. ئۇ ئەسىرىدە يەر شارىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، يەر شارىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى ھەققىدە ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئامالسىزمىز، دەپ كۆرسەتتى.

 

يەر شارىنىڭ نوپۇس چېكىنى ئىلمىي ھېسابلاش

 

     ئېكولوگلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىنسانلار ئاساسلىقى ئۆسۈملۈكلەرنى يىيىش ئارقىلىق ياشايدۇ. شۇڭا، ئېكولوگلار يەر شارىنىڭ باقالايدىغان نوپۇس چېكىنى ھېسابلاشتا، چوقۇم جانلىقلار چەمبىرىكى تەمىنلىيەلەيدىغان ئوزۇقلۇق مىقدارىغا ئاساسلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. كىشىلەر ئۆسۈملۈكلەردىن كۈنىگە 2200 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە ئالالىسا، ئاندىن نورمال ياشىيالايدۇ، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، يەر شارى باقالايدىغان نوپۇس چېكى 8 تىرىليون بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىنسانلار ئوزۇقلۇقلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەرخىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، بىراق، دۇنيا نوپۇسى ھازىرقى سۈرئەت بويىچە ئېشىۋەرسە، ھەرقانداق ئىلغار پەن – تېخنىكىمۇ ئىنسانلارنى ئاچ قېلىشتىن قۇتقۇزالمايدىكەن، ئوزۇقلۇق ئۆكسۈكچىلىكىنىڭ بېسىمى كۈنسېرى ئېغىرلىشىدىكەن، كىشىلەر بۇنىڭدىن تەشۋىشلەنمەي تۇرالمايدىكەن.

 

ئېلىمىزنىڭ نوپۇس چېكى قانچىلىك؟

 

      جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە: ئېلىمىزگە ئەڭ مۇۋاپىق نوپۇس 700 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا، 1 مىليارد 600 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك ئىكەن. ئالىملار ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى 700 مىليوندىن 1 مىلياردقىچە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا ئاساسلانغان:

     بىرىنچى، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىغا ئاساسلانغاندا، چوقۇم 1 مىليارد 260 مىليوندىن ئاشماسلىقى.

     ئىككىنچى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، چوقۇم 1 مىليارد 150 مىليوندىن ئاشماسلىقى.

     ئۈچىنچى، يەر – زېمىن بايلىقىغا ئاساسلانغاندا، چوقۇم 1 مىلياردتىن ئاشماسلىقى.

     تۆتىنچى، تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئاساسلانغاندا، چوقۇم 450 مىليوندىن ئاشماسلىقى.

     بەشىنچى، ھايۋانات ئاقسىلى بىلەن تەمىنلەشكە ئاساسلانغاندا، چوقۇم 450 مىليوندىن ئاشماسلىقى كېرەك ئىكەن.

 

(تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter