ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى سەككىز ئاچقۇچلۇق مەزمۇن

18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى سەككىز ئاچقۇچلۇق مەزمۇن

2012-11-27 11:54     كۆرۈلۈشى: 11,312 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ىسىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى شەرھلىدى      پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيە ئىچى–سىرتىغا، دۆلىتىمىز ۋە چە....

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ىسىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى شەرھلىدى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيە ئىچى–سىرتىغا، دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەرگە پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلە ئىخچام ئەمما روشەن ئۇقتۇرۇلۇپ، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ھەر ساھەدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

     مۇخبىرىمىز ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخۇڭنى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى مەسىلە، يېڭى يارقىن نۇقتا، يېڭى تەدبىر، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما توغرىسىدا زىيارەت قىلدى.

     ئىككى ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى.

      پارتىيە 18– قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ‹‹تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› تىن ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› كە كېڭەيتىلدى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدىمۇ ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››، يەنى ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەكىتلەندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تەبىئەت دۇنياسىنى ساپلاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن بولسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنىڭ ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆز–ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى تەكىتلەندى.

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخىي ئورنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيەمىز ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ئىككى قېتىم تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، 1 – قېتىملىق ھالقىشتا ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى شەكىللەندۈرۈلدى؛ 2–قېتىملىق ھالقىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىنقىلابى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدۇر. بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىدا پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ ئۈچ قېتىملىق دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 1 – قېتىملىقىدا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، 2–قېتىملىقىدا ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، 3 – قېتىملىقىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە كىرگۈزۈلدى، شۇڭا بۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ نەزەرىيەۋى يارقىن نۇقتىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسى.

     «سەككىز تەلەپ›› جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە جەھەتتىن يېڭىدىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە سەككىز ئاساسىي تەلەپنى چىڭ ئىگىلەش كېرەكلىكى تەكىتلەندى، بۇ سەككىز تەلەپ: خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلىكتە بېيىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.

     «ئىككى نىشان›› يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىككى ئابىدە

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىككى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭ بىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنە بىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا قۇدرەتلىك، باياشات، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش.

     شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئىككى 100 يىللىق نىشان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى ئىككى ئابىدە بولۇپ قالىدۇ.

     ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۈرەش تەلىپى ‹‹بەش جەھەت››تىن تولۇق مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ‹‹قۇرۇش›› سۆزىنىڭ ‹‹قۇرۇپ چىقىش›› سۆزىگە ئۆزگىرىشى ماھىيەتلىك ھالقىش؛ بۇ سۆزدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ سالمىقى ئىنتايىن زور بولۇپ، بىزنى كۆرگىلى، تۇتقىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان باسقۇچلۇق نىشانغا ئىگە قىلدى.

     ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت يېڭى نىشاننىڭ تەلىپى ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

     بۇ يەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان نىشان 2020–يىلى ‹‹ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010–يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش››تۇر.

     سوتسىيالىستىك كېڭەش دېموكراتىيەسى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىندى

     جۇڭگوچە سايلام دېموكراتىيەسى بىلەن سوتسىيالىستىك كېڭەش دېموكراتىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى زورايتىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلق دېموكراتىيەسىگە توغرا نىشان بەلگىلەشكە پايدىلىق.

     سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئومۇملاشتۇرۇلدى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بايانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بايان دۆلەت، جەمئىيەت، شەخستىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام بويىچە شەرھلەندى.

     دۆلەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، باياشات، كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولۇش؛ جەمئىيەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئەركىن، باراۋەر، ئادىل، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان بولۇش؛ شەخس قاتلىمىدىن قارىغاندا، ۋەتەنپەرۋەر، كەسىپچان، سەمىمىي، دوستانە بولۇشتىن ئىبارەت.

     «ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان›› بولۇش ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ دوكلاتتىكى ‹‹خەلق›› ئاچقۇچلۇق سۆز، ‹‹مۇلازىمەت››مۇ ھەم ئاچقۇچلۇق سۆز. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش دوكلاتقا باشتىن–ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشمۇ باشتىن – ئاخىر تەكىتلەندى. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قىسمىدىكى بايان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلاردا پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك خىزمەت قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپ، ساھەلەرنىڭ مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 18–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنداق بولغاندا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، قەلبلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–نويابىر تېلېگراممىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter