ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> سۇن ۋۇكوڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەت

سۇن ۋۇكوڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەت

2013-04-19 12:54     كۆرۈلۈشى: 11,246 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      سۇن ۋۇكوڭ ھەممىمىزگە تونۇش، «ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم»، 72 خىل ئۆزگىرەلەيدۇ، بىر موللاق بىلەنلا 18 مىڭ چاقىرىم يىراقلىققا بارالايدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا بىر راھىپقا باش ئىگىپ ئۇنىڭ شاگىرتى بول....

     سۇن ۋۇكوڭ ھەممىمىزگە تونۇش، «ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم»، 72 خىل ئۆزگىرەلەيدۇ، بىر موللاق بىلەنلا 18 مىڭ چاقىرىم يىراقلىققا بارالايدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا بىر راھىپقا باش ئىگىپ ئۇنىڭ شاگىرتى بولدى. ئۇنىڭدىكى بۇ روھ  ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدۇ. يېقىندا مۇخبىر سۇن ۋۇكوڭنى بۇ ھەقتا زىيارەت قىلدى.

 

 

     مۇخبىر: سۇن ۋۇكوڭ ئەپەندى، ئاڭلىسام سىزنى ئەۋلىيا تېغى قۇرساق كۆتۈرۈپتىكەن، ئۇنىڭ باغرىنى يېرىپ چىقىپتىكەنسىز، بۇ گەپ راستمۇ؟

     سۇن ۋۇكوڭ: بۇ قىپقىزىل يالغانچىلىق! ئويلاپ باقمامسىز، تاغدىكى تاشلاردا قانداقمۇ ھاياتلىق شەكىللىنەلىسۇن؟ راستىنى ئېيتسام مىنىڭمۇ ئاتام بار، ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. ئاتام ئىزچىل مىنى يۇشۇرۇن قوغداپ كەلدى. شۇڭا ھېچقانداق خىزمەت تارىخىپ يوق تۇرۇپمۇ مىراخورلۇققا تەيىنلىنەلىدىم. مەيلى توغاچ ئوغۇرلىغىنىمدا بولسۇن ياكى ئەرش ئوردىسىنى مالىمان قىلغانىمدا بولسان، ھېچقانداق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىمگە ئالمىدىم، پەقەت 500 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچراپ تاغقا بەنت قىلىندىم، خالاس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتامنىڭ يۇشۇرۇنچە قوغدىغىنىدىن بولدى.

     مۇخبىر: ئەرش ئوردىسىدىكى مىراخورلۇق ئەمىلىنى كىچىك كۆرگەنمىدىڭىز؟

     سۇن ۋۇكوڭ: بىر موللاق بىلەنلا 18 مىڭ چاقىرىم يىراقلىققا بارالايمەن. شۇڭا ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈشىمنىڭ ھاجىتى يوق. يۈرىن سۇلتاننىڭ مىنى مىراخورلۇققا تەيىنلەپ قۇيىشىدىكى مەقسىتى نوپۇزىنى كۆز – كۆز قىلىشلا، خالاس.

     مۇخبىر: يۈرىن سۇلتان «ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم» دېگەن نامىڭىزنى ئىتىراپ قىلغىنىدا قانداق ھىسىياتتا بولغان ئىدىڭىز؟

     سۇن ۋۇكوڭ: دەسلەپ بۇنى چوڭ شەرەپ ھىس قىلغان ئىدىم. شۇڭا ھەر قېتىم يۈرىن سۇلتان مۇھىم سۆز قىلغاندا ئۇنىڭغا قول قوۋۇشتۇرۇپ تەزىم قىلىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كىتەتتىم. «ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم» دېگەن قالپاقنىڭ نامدا بار، ئەمەلدە يوقلىقىنى بىلگەن بولسام ئۇنداق ئەخمەق بولماس ئىكەنمەن.

     مۇخبىر: ھازىرقى باشقۇرۇش ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا توغاچ ئوغۇرلىغانلىقىڭىز ئۆرنەكلىك كىلاسسىك مىسال سۈپىتىدە يېزىلىپتۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

     سۇن ۋۇكوڭ: مەنسىۋىسى مەندىن ئۈستىن مەنسەپدارلار توغاچ ئوغۇرلاپ يەيدىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن تورغاچلىققا قاراتقۇزۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مىنى توغاچ ئوغرىسى قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىن ئۆزلىرى تېخىمۇ كۆپ توغاچلارنى ئوغىرلاش، ئاندىن بارلىق جىنايى جاۋاپكارلىقنى ماڭا ئىتتىرىپ قويۇش ئىدى. بۇنىڭدىن چوڭ پارىخورلارنىڭ نىمىشقا كىچىك پارىخورلارغا ئامراق بۇلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بۇلىدۇ.

     مۇخبىر: سىز پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنى ئۆلتۈرگەندە تاڭ راھىبى سىزنى: «بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى» دەپ قايتا شاگىرتلىققا ئالماسلىقنى قارار قىلغان ئىدى، شۇ چاغدا ئۇنىڭدەك دۆت راھىپقا شاگىرت بولغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلغانمىدىڭىز؟

     سۇن ۋۇكوڭ: دەسلەپتە شۇنداق بولغان شۇ چاغدا پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى بۇۋاينىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان ئىدى. ئۇستازىمدەك ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۇنى پەرق قىلالىشى مۈمكىن ئەمەستە! بۇ خىل ئەھۋالدا ھېچبىر ئەسكەرتىش بەرمەيلا بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىم ئۇستازىمنى گاڭگىرتىپ قويدى. ئۇنىڭ مەقسىتى ماڭا ئادەتتىكى دىلولارنى مۇرەسسە بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈگۈتىش ئىدى. ھەر قېتىم ئالتۇن گۈرزەمنى ئىشلىتىپ ئالۋاستىلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغىنىمدا، ئوخشىمىغان مەنسەپتىكى ئەرش لەشكەرلىرى ئوتتۇرغا چىقىپ: «ئەۋلىيا ئەزەم ئۇنىڭغا رەھىم قىلسىلا، ئۇنىڭ ئەدىپىنى ئۆزىمىز بىرىمىز» دەپ ئالۋاستىلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق دەلىل – ئىسپاتلارنى ئېلىپ كىتىدۇ. ئىلگىرى نەھەقچىلىقلارنى كۆرسەملا خاپا بولاتتىم، كېيىن ھەر قېتىم كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىم بىكارغا كىتىۋەرگەچكە، ئۇنداق ئىشلارنى كۆرسەم كارىم بولمايدىغان، ھەتتا قورقۇپ يۈرۈكىم سالىدىغان بۇلۇپ قالدى. ھازىر ئۇنداق ئادەتتىكى ئىشلارغا خاپا بۇلۇپ يۈرمەيمەن.

     (ئەسقەرجان ئەنىۋەر تەييارلىغان)

     مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 3 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. گىلەم
    2013-04-21 18:11 kaliptax 

    ھا ھا ھا قىزىقارلىق يازمىكەن يۇمۇر دىسەكمۇ بولغۇدەك

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. يىكەنداز
    2013-04-21 18:29 تۇران تېكىن 

    شۇنداق، قارىماققا قىزىقارلىقتەك تۇيىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قامچىسى قاتتىق تىگىدۇ جۇمۇ!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  3. دىۋان
    2013-04-22 11:15 parawoz 

    بۇ قىزىقارلىق چىتىپتۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ