ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قانداق قاراش كېرەك

جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قانداق قاراش كېرەك

2013-04-21 6:14     كۆرۈلۈشى: 1237 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قانداق  مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەخمەتجان قاسىم      جەمئىيەتتىكى ھەر قانداق ئىجتىمائىي مەسىلە دىققىتىمىزنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. گەرچە بىز ئۇنىڭغا ئېتىبار قىل....

جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قانداق

 مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەخمەتجان قاسىم

     جەمئىيەتتىكى ھەر قانداق ئىجتىمائىي مەسىلە دىققىتىمىزنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. گەرچە بىز ئۇنىڭغا ئېتىبار قىلمىغان، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈزلىنىشىگە ھەسسە قوشمىغان بولساقمۇ، ئۇ مەسىلە سۈپىتىدە ئالدىمىزغا قويۇلۇپ، جاۋاب بېرىشىمىزنى كۈتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ ئىجتىمائىي مەسىلە سۈپىتىدە ھەربىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ياكى مەنىۋىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەندە، ئۇنىڭغا دىققەت – ئېتىبارىمىزنى قاراتماسلىققا ئىلاج يوق. بەزى كىشىلەر كۆپ ھاللاردا جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارايدۇ. جەمئىيەت ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كەلگەن ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزلۈكىدىن تەرەققىي قىلمايدۇ. ئۇنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە تۈزۈلۈشى شەخس ھەرىكىتىدىن مۇستەسنا بولمايدۇ. شەخسلەرنىڭ بىرلىكى ۋە ئۇيۇشۇشىدىن تەركىب تاپقان جەمئىيەت شەخسنىڭ ئەجىر – مېھنىتى نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلىدۇ، گۈللىنىدۇ.

     جەمئىيەتتە ياشىغان ھەر بىر كىشى ھامان جەمئىيەت پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى، تەدبىر بەلگىلىگۈچى ۋە ھەل قىلغۇچىدۇر. شۇڭا شەخس جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەم ھەل قىلىدۇ، ھېچ بولمىسا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنداق تەسىر قانچىلىك چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شەخس ئۇنىڭغا ئاكتىپ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     تارىختىن بۇيان ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېچبىرى جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئۆزىنى جەمئىيەتتىن مۇستەسنا ھېسابلىغان ئەمەس. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تەدبىركارلىرى بولغان. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە زامانداشلىرىمىز ئارىسىدا ئۆزىنى جەمئىيەتتىن مۇستەسنا ھېسابلايدىغان، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزى جەمئىيەتتە ياشاپ تۇرۇپ، ئۆزىنى جەمئىيەتتىن ئۈستۈن چاغلايدىغان كىشىلەرمۇ مەۋجۇت. ئۇلار جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە شۇنچىكى پەرۋاسىز قارىغىنى بىلەن، ئۆزلىرىنى ‹‹زامانغا باققان ئاقىل››، ‹‹دانا›› ھېسابلايدۇ. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن پەرۋاسىزلىقىنى ئۆزىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكى بىلەن پەردازلايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ ئۆزى بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، شۇڭا، ئۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىش ۋە ئىزدىنىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلىشىدۇ. دەرھەقىقەت، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا بەزىلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتى يوق، ئەمما ئۇلاردا ئۇنى ھەل قىلىشقا نىسبەتەن چارە – تەدبىر بار؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھوقۇقلۇق ئورگانلارغا تەكلىپ – تەۋسىيە قىلىش ھوقۇقى بار. شۇنداق ئەھۋالدىمۇ بەزىلەرنىڭ مەسىلە ئالدىدا يەنە سۈكۈت قىلىشى ۋە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتسىزلىك، دېمەي تۇرالمايمىز.

     جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى شەخسلەر پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىشتا كىشىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەسىلىنى ۋە مەسىلە پەيدا قىلغان مەنبەنى يىلتىزىدىن تۈگىتىشى كېرەك. مۇتەپەككۇر مۇنىر ناسۇف ‹‹مەسئۇلىيەتچانلىق باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، پۈتۈن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش دېمەكتۇر. مەسئۇلىيەتچانلىق بولغاندىلا، تۇرمۇش ھەقىقىي مەنىگە ۋە قىممەتكە ئىگە بولىدۇ›› دېگەنىدى.

     بۈگۈنكى كۈندە، بەزى كىشىلەرنىڭ ئاپتوبۇس ۋە كوچىلاردا، يانچۇقچى ۋە بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن كۈپكۈندۈزدە يانچۇقلىرى كولىنىپ، سومكىلىرى قۇرۇغدىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر يانچۇقچى بىراۋنىڭ يانچۇقىنى كولاۋاتسا، بۇلاڭچى بىراۋنىڭ مۈلكىنى بۇلاۋاتسا، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، بىلسىمۇ بىلمەسكە سالىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى شەخسىيەتچىلىك ۋە ساختا قوغدىنىش ئېڭى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي يوسۇندا تونۇپ يېتىدۇ. ئەمما، بۇ چاغدىكى تونۇپ يېتىش ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ھەسرىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قىلمىشىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، ئاۋامدىن نارازى بولۇشقا باشلايدۇ. بىر جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەۋج ئالغاندا، شەخسنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. فىرانسىيەلىك ئەدىب ساينىت ئېكسۇپېرى: ‹‹ئادەم بولۇش مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش دېمەكتۇر›› دېگەنىدى. بۇ يەردىكى مەسئۇلىيەت نوقۇل ھالدا تەشكىل تاپشۇرغان خىزمەتنىلا ئادا قىلىش، ئائىلە ۋە ئۆزىگىلا مەسئۇل بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى شەخسنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى غەرەزسىز ۋە شەخسىيەتسىز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

     ھەممىگە مەلۇمكى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ئاغرىقلىرى سان جەھەتتە مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ھەرخىل سەۋەبدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاغرىغانلار جەمئىيەتنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە چۈشىنىشى، كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشەلمەي، جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى كېسەللىك ۋىرۇسنى تارقىتىش يولى بىلەن ئىپادىلىمەكتە. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا تىزگىنلەپ بولغىلى بولمايۋاتقان كېسەللىك تېخىمۇ يامرىماقتا. ئەيدىز ئاغرىقلىرى بۈگۈن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۆيۈمچانلىقى ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشەلمىسە، ئەتە بۇ كېسەل ۋابا كەبى تارقىلىپ، ھەممىمىزنى بىئارام قىلغىنى قىلغان، ساراسىمگە سالغىنى سالغان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭلا كېسىلى ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ كېسىلى، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

     تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە مۇھىت مەسىلىسى. بۈگۈنكى كۈندە ‹‹مۇھىتنى ئاسراشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار›› دېگەن شوئارنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما، مۇھىتنى ئاسراۋاتقان كىشىلەرنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە مۇھىتنى بۇلغاۋاتقان، يەرشارىنى ھالسىرىتىۋاتقان، تەبىئەتنىڭ يۈرىكىنى تىلغاۋاتقان كىشىلەرنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ھال ھەر بىر كىشىنى ئويلاندۇرماي قويمايدۇ. مۇھىتنى ئاسراش ھەققىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا بەرگەن ۋەدە – قەسەملىرى شۇ ئەلدىكى پۇقرالارنىڭ ئاڭلىق رەۋىشتە ھەرىكەتكە كېلىشى، مىننەتسىز تۆھپە قوشۇشى نەتىجىسىدە روياپقا چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇھىتنى ئاسراش ھەر بىرىمىزنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

     دېمەك، شەخسلەردىن تەركىب تاپقان جەمئىيەتتىكى بارچە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى ۋە ھەل قىلغۇچىسى شەخسدۇر. شۇڭا، ھەر بىر شەخستە جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش ئېڭى ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش غايىسى بولۇشى كېرەك. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەخسنى مەنىۋى كامالەت ۋە بەخت – سائادەتكە ئىگە قىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter