ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تېخنىكىسى

چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تېخنىكىسى

2013-06-02 5:56     كۆرۈلۈشى: 1462 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تېخنىكىسى قايەردىن كەلگەن؟      چاۋشيەننىڭ 2012- يىلى 12 دېكابىر سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بەرگەنلىكى خەلقئارادا كۈچلىك غۇلغۇلا قوزغىدى. خەلقئاراداىكى ھەرقايسى تاراتقۇل....

چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد

تېخنىكىسى قايەردىن كەلگەن؟

     چاۋشيەننىڭ 2012- يىلى 12 دېكابىر سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بەرگەنلىكى خەلقئارادا كۈچلىك غۇلغۇلا قوزغىدى. خەلقئاراداىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى مىسىر چاۋشيەنگە سېتىپ بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن «يەلتاپان» بەلگىلىك قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە باغلايدۇ.

     ئىسرائىلىيە 1973- يىلى 15- ئاۋغۇست چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ مىسىردا ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەركەتكە قاتناشقانلىقىنى جاكارلاپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان. مىسىر بىلەن چاۋشيەن بۇنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جەمىيەت بۇنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئايرىيالمىغان. بىراق يېقىندا يۈز بەرگەن «ئار – نۇمۇسنى يۇيۇش كۈنى ئۇرىشى» ئىسرائىلىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى سۆزىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن.

     ئىسرائىلىيە 1967- يىلى «ئالتە كۈنلىك ئۇرۇش» ئارقىلىق مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى مەغلۇب قىلغان. سابىق مىسىر زوڭتۇڭى ناسىر 1970- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزباسارى سادات ئىسرائىلىيەگە تارتقۇزۇپ قويغان يەرلىرىنى قايتۇرىۋېلىشقا قەسەم ئىچكەن.سوۋېت ئىتتىپاقى مىسىرنى قورال – ياراق بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى سەۋەپلىك، سادات 1972- يىلى ئىيۇندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى قىسمىنىڭ مىسىردىكى ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.

     سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى مىسىردىن چىكىنگەندىن كېيىن، مىسىر ھاۋا ئارمىيىسى قىيىن ئەھۋالدا قالغان. سادات بىلەن ھاۋا ئارمىيە قوماندانى مۇبارەك مىسىرغا يارىدەم قىلىدىغان دۆلەت ئىزدەشكە باشلىغان. بۇ چاغدا ئۇلار چاۋشيەنگە دىققەت قىلغان. چۈنكى چاۋشيەن 1968- يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر رازۋېدكا ئايرۇپىلانىنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە 1969- يىلى ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر رازۋېدكا ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.

          كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى جاڭ جېڭخېڭ 1973- يىلى مارتتا مىسىرنى زىيارەت قىلغاندا مۇبارەك بىلەن مىسىر ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانى ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ ۋەيىش قانىلى فرونتىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن. مىسىر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، چاۋشيەندىن ئۇچقۇچى ئەۋەتىپ دۆلىتىگە يارىدەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. چاۋشيەن تەرەپ بۇنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مىسىرنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان. مۇبارەك شۇ يىلى ئاپرىلدا چاۋشيەننى زىيارەت قىلىپ، كىمئېرسىن بىلەن كۇرۇشكەن. ئىككى تەرەپ مىسىرغا ئۇچقۇچى ئەۋەتىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلغان. 1500 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن چاۋشيەن ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى 1973- يىلى ئىيۇندا مىسىرغا مەخپىي بېرىپ، مىسىر ھاۋا مۇداپىيە ئىشلىرى ۋە باشقۇرىلىدىغان سىنارەد مەشغۇلاتىغا يارىدەم بەرگەن.

     1973- يىلى 6- ئۆتەبىر «ئار – نۇمۇسنى يۇيۇش كۈنى ئۇرىشى» پارتىلىغان. مىسىر ھاۋا ئارمىيىسى چاۋشيەننىڭ يارىدىمىدە 200 سوقۇش ئايرۇپىلانىدىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم قىلىش قىسمىنى ئىشقا سېلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بازىسىنى ئوڭۇشلۇق بومباردىمان قىلغان. مىسىر بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتى شۇنىڭدىن باشلاپ تېخىمۇ قۇيۇقلاشقان. مىسىر چاۋشيەنگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش يۈزسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن ئىلغار تېخنىكىلىق R_17E بەلگىلىك باشقۇرىلىدىغان سىنارەدتىن ئىككىنى سېتىپ بەرگەن. كېيىن چاۋشيەن تەرەپ بۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە تەقلىد قىلىپ، «خۇاچېڭ – 5» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ياسىغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ