ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

2013-08-13 4:57     كۆرۈلۈشى: 1339 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنى ياخشىلاش چارىلىرى      يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاش پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكە....

يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

ۋە ئۇنى ياخشىلاش چارىلىرى

     يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاش پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.

يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

     ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيەمىز مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك بېجىنى بىكار قىلىش، يېزا ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش تەدبىرى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇقىم ھالدا 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا – بازارلاردا جامائەت پاراۋانلىق تۈزۈمى سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە يېزىلارنى قاپلىغان جامائەت پاراۋانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلدى. شۇنداقتىمۇ يەنە نۇرغۇن دېھقانلىرىمىز تېخىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالماي، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ تېخىچە نامراتلىقتا تۇرمۇش كەچۈرىشىدە: بىرىنچىدىن، بەزى دېھقانلارنىڭ يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىدى. بەزى يېزا – بازارلاردا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنى يەر قوشۇلما قىممىتىنىڭ پايدا تەقسىماتىنىڭ سىرتىدا قالدۇردى. دېھقانلارنىڭ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نارازىلىق كەيپىياتلار يېزا – بازارلارنىڭ ئىناق تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئىككىنچىدىن، يېزا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى. بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆزگەرتىش، ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەشتۈرۈش، ئېتىزلارنى تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىش، باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا بولغان قارىشى مۈجمەل بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ يەرلەر ئۆزگەرتىلمىدى، ئېرىق – ئۆستەڭلەر ئۇزاق يىل رېمونت قىلىنماي، سۇغىرىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ، سۇنىڭ ئورۇنسىز ئىسراپ بولۇپ كېتىشى ئېغىرلاشتى، كۆپلىگەن رايونلاردا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەبىئىي شارائىتقا قاراپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش شەكلىدىن قۇتۇلالمىدى. چەت، يىراق نامرات رايونلاردىكى يېزا – بازارلاردا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار يوق دېيەرلىك. بۇ ھال دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ تۇرماقتا. يېزا – بازارلاردىكى تاشيوللارنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى تۆۋەن، قاتناش شارائىتى ناچار. ئۈچىنچىدىن، يېزا – بازارلاردىكى جامائەت پاراۋانلىق ئۆلچىمى بىرقەدەر تۆۋەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا – بازارلاردا يەنە ياشانغاندا بېقىلىش، دېھقانلار دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇشى تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. تۆتىنچىدىن، بەزى رايونلاردا دېھقانلارنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولالمىدى. كەنت كادىرلىرىنىڭ ھوقۇقى زۆرۈر بولغان نازارەت قىلىش، چەكلەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. بەشىنچىدىن، يېزا نوپۇسىنىڭ يۆتكىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. نوپۇس تۈزۈمىگە يانداشقان مەنپەئەت پەرقى شەھەر، يېزا نوپۇسى، ئاقما نوپۇس ۋە يەرلىك نوپۇس ئارىسىدا مائارىپ، داۋالاش، جامائەت پاراۋانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردىكى تەڭسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرلىكلەرگە ئايلىنىشىنى چەكلىمەكتە.

يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ چارىلىرى

     ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەرلىشىش سەۋىيەسى %50تىن ئېشىپ كەتتى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، شۇنداقلا جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تارىخىي بۇرۇلۇش بولۇپ، شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە كۈچەش كېرەك:

     دېھقانلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى جانلىق ئىجرا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. بىرىنچى، دېھقانلارغا تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىش، دېھقانلارنىڭ ئىختىيارى بويىچە كۆپ خىل شەكىلدە يەرنىڭ ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇشىغا يول قويۇش، مۇۋاپىق كۆلەمدە تىجارەت قىلىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككىنچى، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇسىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى، تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ھەم جامائەت پاراۋانلىق ھوقۇقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك تېرىلغۇ يېرى ۋە ئۆيلىرى ھەم ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يېرى، ئورمانلىق، يايلاقلىرىدىن ۋاز كەچكەن دېھقانلارغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە ئۆزگەرتىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا – بازارلار ئىگىدارلىقىدىكى كوللېكتىپ يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىشنى، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ يېزىلاردىن تېرىلغۇ يەر، ئۆي سېتىۋېلىشىنى چەكلەش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

     يېزا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا – بازارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاش دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى. شۇڭا، جايلار دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلىماقچى بولسا: بىرىنچىدىن، يېزا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا مائارىپ راسخوتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، شەھەر – يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداپ، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۇغىرىش رايونلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، كونا ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈپ، سۇنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، كەنت، مەھەللىلەرنى ياخشى پىلانلاپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ توك ئىشلىتىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

     يېزا – بازارلاردا ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشى، كەنت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى چەكلىمەسلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سايلاش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سايلام ئارقىلىق سايلانغان كەنت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك.

شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، يېزا جامائەت پاراۋانلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاراۋانلىق تۈزۈمىنىڭ قاپلاش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شەھەر، يېزا جامائەت پاراۋانلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، شەھەر، بازارلارنىڭ ئاساسلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش كېرەك. شەھەردە ئولتۇراقلاشقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەر – بازار ئاھالىلىرىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ داۋالىنىش، مائارىپ، تۇرمۇش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر، بازارلاردا ۋاقىتلىك تۇرۇۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتا، ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، كارخانا – زاۋۇتلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا تولۇق بېرىشىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ