ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جوڭگۇلۇق قەھرىمانلار قەبرىسىنىڭ بۇزىۋىتىلىشى

جوڭگۇلۇق قەھرىمانلار قەبرىسىنىڭ بۇزىۋىتىلىشى

2013-04-12 12:39     كۆرۈلۈشى: 1488 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: چاۋشيەن نىمە ئۈچۈن جوڭگۇ پىدائىي قىسىم قەھرىمانلىرىنىڭ  قەبرىسىنى بۇزىۋىتىدۇ؟        «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە بىنۇرمال بولغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە جوڭگۇ بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە يى....

چاۋشيەن نىمە ئۈچۈن جوڭگۇ پىدائىي قىسىم قەھرىمانلىرىنىڭ

 قەبرىسىنى بۇزىۋىتىدۇ؟

 

     «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە بىنۇرمال بولغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە جوڭگۇ بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە يىرىكلىشىش كۆرۈلگەن بۇلۇپ، چاۋشيەن ھەتتا جوڭگۇ پىدائىي قىسىم قەھرىمانلىرىنىڭ قەبرىسىنى بۇزۇپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. شۇ قاتاردا ماۋئانيىڭنىڭ قەبرىسىمۇ بۇزىۋىتىلگەن ئىدى.

     چاۋشيەن ئۇرىشىدىن كېيىن، چاۋشيەن دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايۇنىدا لەخمە ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئولتۇراقلاشقان چاۋشيەن مىللىتىگە ۋەتىنىنىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، داھىسىنىڭ كىمئېرسىن ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدى. بىراق دۆلىتىمىزدىكى چاۋشيەن مىللىتىدىن بولغان كۆپلىگەن پۇقرا بۇ تەشۋىقاتلارغا پىسەنت قىلمىغان ئىدى.

     1959- يىلى جوڭگۇ قىيىنچىلىق مەزگىلىگە دۇچ كەلگەندە چاۋشيەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياخشى تەمىناتلار بىلەن تەمىنلەش باھانىسى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى چاۋشيەن مىللىتى ئارىسىدىكى ئىستودېنت ھەم ھەر ساھە زاتلىرىنى «ۋەتەن» گە قايتىپ، چاۋشيەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا دەۋەت قىلدى. ئۇلار يەنە چېگرا رايۇندا كۈتۈۋېلىش پونكىتى قۇرۇپ، «ۋەتەن» گە قايتقۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. چاۋشيەن كىيىنچە يەنە ھەددىدىن ئېشىپ، جوڭگۇدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ: خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسمى ھەم لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى تارىختا گاۋلى ئىمپىرىيەسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەن. كېيىن جوڭگۇنىڭ تارىختىكى سۇلالە – خانىدانلىقلىرى ئىگىلىۋالغان. ھازىرقى جوڭگۇ سوتسىيالىستىك دۆلەت، شۇڭا بۇ يەرلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. ئەينى چاغدىكى دېپلوماتىيە مىنىستىرى چېن يى بۇنى جۇزوڭلىغا يەتكۈزگەن. جۇ زوڭلى جىلىن ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنى جوڭگۇ بىلەن چاۋشيەننىڭ تارىختىكى چېگرا رايۇنىنى ئېنىقلاشقا بۇيرىغان. تەتقىقاتچىلار ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ، باياناتتا دېيىلگەن جوڭگۇ زىمىنلىرىنىڭ گاۋلى ئىمپىرىيىسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىغان. كېيىن جوڭگۇ بۇ نەتىجىنى چاۋشيەن تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ، ئاساسسىز تەلەپ قويماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

     1965- يىلىدىن باشلاپ جوڭگۇ بىلەن چاۋشيەن چېگرا مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم دەتالاش قىلغان. جوڭگۇ 1968- يىلى ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى جوڭگۇغا كىرىش يۇلىنى تاقىغان. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئارا زىيارىتىمۇ توختىغان. چاۋشيەن ھەتتا جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن.

     «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە قىزىل قوغدىغۇچىلار بېيجىڭدا چوڭ خەتلىك گېزىت چاپلاپ، كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان كىم ئېرسىننى قولغا ئېلىشنى تەشۋىق قىلغان. بۇ خەۋەر چاۋشيەنگە يىتىپ بارغاندىن كېيىن، كىم ئېرسىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، پىدائىي قىسىم قەھرىمانلىرىنىڭ قەبرىسىنى چېقىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

     20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ھەم خەلقئارا ئىستىراتىگىيە ئەندىزىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، جوڭگۇ بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى نورماللاشقان. چاۋشيەن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە يىرىكلەشكەن. نەتىجىدە جوڭگۇ بىلەن چاۋشيەننىڭ كەسكىن مۇناسىۋىتىدە بىر ئاز ياخشىلىنىش بولغان. 1969- يىلى چاۋشيەن رەھبىرى كىم ئېرسىن يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەربىرىكلەش مۇراسىمىغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەۋەرتىپ قۇتلۇقلىغان. جۇ ئېنلەي 1970- يىلى ئاپرېلدا ماۋ زېدوڭنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغان. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىغان. ئۇزاق ئۆتمەي كىم ئېرسىن جوڭگۇغا كىلىپ، پىدائىي قىسىم قەھرىمانلىرىنىڭ قەبرىسىنى قايتىدىن تىكلەشكە ۋەدە بەرگەن.

 

 

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter