ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا

2013-04-12 12:29     كۆرۈلۈشى: 1540 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەخىرسىز ۋەزىپە     گۈزەلنۇر ئابدۇكېرىم        ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئېكولو....

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى

سۈرۈش تەخىرسىز ۋەزىپە

 

  گۈزەلنۇر ئابدۇكېرىم

 

     ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتى، سانائەت مەدەنىيىتىدىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ قوبۇل قىلغان يېڭىچە مەدەنىيەت قارىشى. يېقىنقى بىر قانچە يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش، مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش جەھەتلەردە زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. شۇڭا يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش لازىم.

 

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا

 ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

 

     ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بىرىنچىدىن، تۇپراقنىڭ چۆللىشىشى ئېغىرلاشتى، قۇرغاقچىلىق، قۇم – بوران ئاپىتى كۆپەيدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى چوڭ چۆللۈكنىڭ كۆلىمى 440 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %36ىنى ئىگىلەيدۇ.

     ئىككىنچىدىن، مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىرلاشتى. دۆلەت مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بۇلتۇر 4 – ئايدا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەتتە شەھەرنىڭ مۇھىت سۈپىتى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە يەتمىگەن. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئېلىمىزدە ئون نەچچە ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇغان، ئۈچ ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇشقا ئاز قالغان. بەزى ئۆسۈملۈكلەرمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

     ئۈچىنچىدىن، يايلاقلار ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قالايمىقان چارۋا بېقىش، قالايمىقان كان ئېچىش، قالايمىقان يەر ئىگىلەش، باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يايلاق كۆلىمى تېز ئازايدى.

     تۆتىنچىدىن، ئورمانلار نابۇت قىلىندى. ئېلىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %13 بولۇپ، دۇنيا بويىچە 121 – ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولسىمۇ، ئورمانلارنىڭ نابۇت قىلىنىشى ئېغىر بولماقتا.

 

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە

 ئەھمىيەت بېرىش لازىم

 

     ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە كۈچەش لازىم:

     بىرىنچىدىن، كىشىلەرنىڭ مۇھىت قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدايدىغان، ئاسرايدىغان ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئېنېرگىيە تېجەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيە قارىشىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ مۇھىتنى قوغداش تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ زىيىنىنى كىشىلەرگە پائال چۈشەندۈرۈش لازىم. ئېكولوگىيە ئەخلاق تەربىيەسىنى مائارىپنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ توغرا ئېكولوگىيە قارىشى ۋە ئەخلاق قارىشىنى تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش لازىم.

     ئىككىنچىدىن، ئاممىنىڭ قانۇن – تۈزۈم قارىشىنى كۈچەيتىش لازىم. خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن – تۈزۈم قارىشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكولوگىيە بىلىملىرى ۋە ئېكولوگىيە قانۇن – تۈزۈم بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش، ئۆزئارا رول ئويناش، ئۆزئارا چەكلەش مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مۇھىتنى قوغداشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ سىجىل، ئىناق تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت ئېكولوگىيە قارىشىنى تۇرغۇزۇش لازىم؛ كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەتلىرىنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش داۋامىدا كېلىپ چىققان زىددىيەت ۋە ماجىرالارنىڭ توغرا، ۋاقتىدا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن قانۇن – تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

     ئۈچىنچىدىن، يېشىل ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش لازىم. يېشىل ئىستېمال كىشىلەرنى مۇۋاپىق، ئىلمىي ئىستېمالغا يېتەكلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيە قارىشىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە بولغان تەلىپىمۇ يۇقىرىلىدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى خەلق ئاممىسىنى ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا خاتىرجەم، ئازادە، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىپ كېلىدىغان ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. شۇڭا كىشىلەرنى ئىلمىي ئىستېمال قارىشىنى تىكلەشكە يېتەكلەش لازىم. پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال قارىشى ۋە ئىستېمال ھەرىكىتىنى ئىلمىيلاشتۈرۈش لازىم؛ ئىستېمال تۈزۈملىرى ۋە سىياسەتلىرىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئىستېمال شەكلىنىڭ ئىلمىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

     قىسقىسى، كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيە قارىشىنى تۇرغۇزۇشتىكى مەقسەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا جەمئىيەتتە مۇھىت ئاسراش قارىشى، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىستېمال ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا مۇناسىپ كېلىدىغان سىياسىي قاراش، ئىستېمال قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەتنى سۆيۈشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ