ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى

ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى

2013-04-28 6:14     كۆرۈلۈشى: 11,645 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات ئاپتۇرلىرى: جون.ل.ئېسپوستو       دالىيە مۇجاھىد      ئالىملارنىڭ تەرقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۇلۇمبۇ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقاشتىن بۇرۇنلا، ئا....

ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى ھەققىدە

قىسقىچە مەلۇمات

ئاپتۇرلىرى: جون.ل.ئېسپوستو       دالىيە مۇجاھىد

     ئالىملارنىڭ تەرقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۇلۇمبۇ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقاشتىن بۇرۇنلا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەر ئافرىقا مۇسۇلمانلىرى بىلەن مۇلاقاتلاردا بولغانمىش. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كۆپلەپ كەلگەن ۋاقتى قۇل سودىسى جانلانغان ۋاقىتقا توغرا كىلىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا ئامېرىكىغا قۇل ئورنىدا سېتىۋىتىلگەن ئافرىقىلىقلارنىڭ ئالاھەزەل %10 مۇسۇلمانلاردىن ئىدى. ئامېرىكىدا پارتىلىغان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەرەپ دۇنياسى ۋە شەرقىي ئافرىقا مۇسۇلمانلىرى تىرىكچىلىك پۇرسىتى ئىزدەپ تۇشمۇ تۇشتىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىدىكى تۇنجى مەسجىد قەد كۆتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن ھىندىستاندىكى پەنجاپ رايۇنىدىن كەلگەن جەنۇبىي ئاسىيالىق مۇسۇلمانلار ئامېرىكىنىڭ غەرىبىي دېڭىز قىرغىقىغا ئولتۇراقلاشتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى مەزگىلىدە بەزى مۇسۇلمان ئەللەردە نوپۇس شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كىتىپ، دۆلەت ئىچىدە پاراكەندىچىلىك كىلىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەل ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىەە بولغان ئىھتىياجى ئاشتى. بۇ ھال مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كۆچۈش دولقۇنىنى ئەۋجىگە چىقاردى. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلەش ئىستىراتىگىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىن تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدا پەن – تېخنىكا ئۈگۈنۈپلا قالماي، ئامېرىكا روھىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى قۇبۇل قىلدى. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئامېرىكىدا قېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جاي جايلاردا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىنى قۇردى. ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپالىق مۇسۇلمانلار ئامېرىكىغا كۈچۈپ كەلگەن پەيتلەردە، ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان نۇرغۇن ئامېرىكىلىقمۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا كۆچۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقان نىگىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ھەركىتى پارتىلىدى. مەشھۇر ”مىللىي ئىسلامىيەت“ تەشكىلاتى دەل ئاشۇ مەزگىلدە قۇرۇلغان.

     ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى سانى خىلمۇ – خىل تەكشۈرۈشلەردە ناھايىتى پەرقلىق مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ 2001- يىلى ئېلىپ بارغان پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى  0.5 پىرسەنت نوپۇسنى ئارلاپ تەكشۈرۈشىدە، ئامېرىكىدا 1 مىليۇن 100 مىڭ مۇسۇلمان بار دەپ پەرەز قىلىندى. پىۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2007- يىللىق تەكشۈرىشىدە ئامېرىكىدا 2 مىليۇن 400 مىڭ مۇسۇلمان بارلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. «بۈيۈك بېرىتانىيە ئىنسىكلوپېدىيەسى» نىڭ 2007- يىللىق نەشىرىدە بۇ سان ”4 مىليۇن 700 مىڭ“ دەپ قەيت قىلىندى. ھەتتا ئامېرىكا – ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋىتى كومىتىتى 2001- يىلى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 6 مىليۇندىن 7 مىليۇنغىچە دەپ قارىغان ئىدى.

     گاللوپ شىركىتىنىڭ 2008- يىلى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەكشۈرىشىدىن ئايانكى، ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ 35 پىرسەنتى ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن، 28 پىرسەنتى ئاق تەنلىكلەر، 20 پىرسەنتى ئاسىيالىقلارنىڭ پۇشتىدىن ئىكەن. 18 پىرسەنتى ئۆزلىرىنى يۇقىرقىلاردىن باشقا قەۋمغا تەۋە دەپ قارايدىكەن . ئامېرىكا – ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋىتى كومىتىتى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى تەكشۈرۈشلەر ئاساسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي تۈرلەرگە ئايرىيدۇ. مەسىلەن: ئادەتتە سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىدلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ 33 پىرسەنتى ئاسىيالىقلارنىڭ پۇشتىدىن، 30 پىرسەنتى ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن، 25 پىرسەنتى ئەرەپلەرنىڭ پۇشتىدىن، قالغىنى ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، تۇركىيە، ئىران ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن كەلگەنلەر ئىكەن. قىسقىسى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى كىچىك، ئوتتۇرچە مەلۇماتى باشقا دىن مۇخلىسلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى.

     ئامېرىكىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇسۇلمانلار بار. ئۇلار ئىچىدە نىگىر مۇسۇلمانلار ۋاشىنگتون – بوستون يۇلى بويلىرى، ھىيوستون ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئەرەپلەرنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى دېترويىتقا ئولتۇراقلاشقان. تېكساس ئىشتاتىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسرائىلىيە، ھىندىستان ۋە پاكىستاندىن كۆچۈپ كەلگەنلەر، كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئىرانلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

     ياۋروپالىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكا جەمىيىتىگە تەھدىت سانىمايدۇ. ئەمما ”11- سىنتەبىر ۋەقەسى“ دىن كېيىن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالدى. شۇڭا ئۇلار ئامېرىكا جەمىيىتىگە ئۆزلىرىنىڭ نىداسىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كۈچ – قۇدرىتىنى تەشكىللەش ۋە مۇجەسسەملەشكە مەجبۇر بولماقتا.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter