ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى سەۋەبلەر

ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى سەۋەبلەر

2013-04-27 12:17     كۆرۈلۈشى: 1320 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: خەلقئارادا ئاشلىق باھاسىنىڭ زور ھەجىمدە ئۆسۈشىدىكى سەۋەبلەر   مۇھەممەد تۇراپ        بۇ يىل كېيىنكى يېرىم يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەردە ئاشل....

خەلقئارادا ئاشلىق باھاسىنىڭ زور ھەجىمدە

ئۆسۈشىدىكى سەۋەبلەر

 

مۇھەممەد تۇراپ

 

     بۇ يىل كېيىنكى يېرىم يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەردە ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كېمىيىشى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا سېلىنغانلىقى، ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن خەلقئارا بازاردا ئاشلىقنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى. دۇنيا بانكىسىنىڭ 30-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە شەرقىي ياۋرۇپا رايونىدىكى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل ئىيۇلدا خەلقئارادىكى ئاشلىق باھاسى ئىيۇندىكىدىن %10 ئۆسكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆممىقوناق باھاسى % 25، بۇغداي باھاسى % 25 ئۆسۈپ، 2011-يىلى فېۋرالدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققان. ئاۋغۇستتا خەلقئارا بازاردا بىر توننا كۆممىقوناقنىڭ باھاسى 331.17 دوللارغا چىقىپ، ئىيۇلدىكىدىن % 1.2، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئۆسكەن، بىر توننا بۇغداي باھاسى 362.4 دوللارغا چىقىپ، ئىيۇلدىكىدىن %3.6، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 9.5 ئۆسكەن.

 

ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى سەۋەبلەر

 

     بىرىنچىدىن، تەبىئىي ئاپەت بۇ قېتىمقى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئامېرىكا ۋە قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلار، ئوكرائىنا قاتارلىق يامغۇر مىقدارى ئاز دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەردە ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكىدا تارىختىن بۇيان كەم كۆرۈلىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ %60 رايوندا بىر قەدەر ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن كۆممىقوناق ۋە دادۇر ھوسۇلىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 40 مىليون 100 مىڭ توننا ۋە 9 مىليون 900 مىڭ توننا تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. رۇسىيەدە ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كۆرۈلگەنلىكتىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون 400 مىڭ گېكتارغا يېتىپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %6 نى ئىگىلەپ، بۇغداي ھوسۇلىنىڭ 70 مىليون توننىدىن 75 مىليون توننىغىچە تۆۋەنلەيدىغانلىقى، تۆۋەنلەش دەرىجىسىنىڭ %11 تىن %17 گىچە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئوكرائىنا ۋە قازاقىستاندىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كۆرۈلۈپ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ بۇلتۇرقىدىن % 20 ئەتراپىدا كېمىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئېلىمىز گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە ھاشارەت ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ھاشارەت ئاپىتى كۆرۈلگەن كۆلەم 64 مىليون 950 مىڭ موغا يېتىپ، ئوخشەش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان بولۇپ، ئاشلىق ھوسۇلى كېمىيىپ ئاشلىق باھاسى ئۆسۈشى مۇمكىن.

     ئىككىنچىدىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا سېلىنىشى بۇ قېتىم ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم سەۋەب. ياۋرۇپا قەرز كىرزىسى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىش قەدىمىنى توسۇپ، مەبلەغلەرنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىغا سېلىنىشىنى ئازايتىپ، نۇرغۇن مەبلەغلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا سېلىنىشقا يۈزلەندى. بۇ يىل ئىيۇندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسىنى كېمەيتكەنلىكتىن، زور مىقداردىكى مەبلەغلەر ئامېرىكىدىكى دادۇر بازارلىرىغا ئېقىپ كىرىپ، ئامېرىكىدا دادۇر باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۇل مۇئامىلە ھايانكەشلىك ھەرىكەتلىرى ئاشلىق باھاسىنىڭ داۋالغۇشىدىن كېلىپ چىققان تەسىرنى چوڭايتىۋەتتى. بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكىلەرنىڭ % 80 ى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلار، % 20 ى ھايانكەشلەر بولۇپ، نۆۋەتتە قەرەللىك مال بازىرىغا قاتناشقان ھايانكەشلەر % 85 كە يەتكەن. ھازىر پاي چېكى بازىرى كاسات بولغاچقا، نۇرغۇن مەبلەغلەر قەرەللىك ماللار بازىرىغا، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قەرەللىك بازىرىغا ئېقىپ كىرگەن. ئېلىمىزنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى غەيرىي كەسپىي مەبلەغلەر بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ پۇرچاق بازىرىغا ئېقىپ كىرگەن.

     ئۈچىنچىدىن، ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ياسىمىچىلىق، دورا ياسىمىچىلىقى، يەم خەشەكچىلىك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ كۆممىقوناققا بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا بىيو ئېنىرگىيە ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج كۈچەيگەن يەنە بىر ساھەگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ خىل ئېھتىياج نۆۋەتتە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش يۈزلىنىشىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

 

ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن كېلىپ چىققان تەسىرلەر

 

     بىرىنچىدىن، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئېلىمىزدە ئاھالىلارنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىدە ئاشلىق يېمەكلىكلەر باھاسىدا ئەڭ چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بىراق يېمەكلىكلەر ئاھالىلارنىڭ ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچىدە تەخمىنەن ئۈچتىن بىر نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مەلۇم دەرىجىدە باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى زورايتىۋېتىشى مۇمكىن.

     ئىككىنچىدىن، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆممىقوناق ۋە بۇغداي مۇھىم ئاشلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بولكا قاتارلىق پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چارۋا يەم-خەشەكلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گۆش ۋە سۈت قاتارلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. پۇرچاق تىرپىسى ۋە كۆممىقوناق چارۋىچىلىقتىكى ئاساسلىق يەم-خەشەكلەر بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يەم-خەشەك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەم خەشەك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى گۆش، تۇخۇم ۋە سۈت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاھالىلارنىڭ ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆممەقوناق باھاسى % 5 ~ % 13 گىچە ئۆسسە، دادۇر باھاسى % 12.9 ~ % 20گىچە ئۆسىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدە ئاھالىلارنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى % 0.74 ~ % 1.84 ئۆسىدۇ.

 

تەكلىپ-تەدبىرلەر

 

     بىرىنچىدىن، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش، ئاشلىق باھاسى ۋە ئاشلىق سودا ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاشلىق باھاسىنىڭ بىنورمال داۋالغۇشىغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇقتۇرما خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. .

     ئىككىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئۈچىنچىدىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۇقۇرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئېرىق قۇرۇلۇشىنى ئۆزئىچىگە ئالغان يېزا ئۇل ئەسلەھەلەر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، سورتلۇق ئۇرۇق ۋە خىمىيەۋى ئۇغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنىۋېرسال تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قوللاپ، ئاشلىق تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

     تۆتىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېسىمدارلىقى ۋە ھايانكەشلىك قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاشلىقنى ۋەھىمە ئىچىدە سېتىۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بازاردىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

     بەشىنچىدىن، ئاشلىق ۋاسىتىچى تىجارەتچىلىرىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشلىق باھاسىنى ئۆستۈرۈش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بىرىپ، ئاشلىق بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

     ئالتىنچىدىن، ئاشلىق باھاسىنى تەڭشەش، تىزگىنلەش سىياسىتى ۋە ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ زاپاس ئاشلىقىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق بازارنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان تەسىرلەرنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

 

 

     مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter