Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> قانۇنسىز دىنى ھەركەتنىڭ 26 تۈرلىك ئىپادىسى

قانۇنسىز دىنى ھەركەتنىڭ 26 تۈرلىك ئىپادىسى

2013-07-12 1:04     كۆرۈلۈشى: 12,885 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      1. دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە كاشىلا پەيدا قىلىش، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە مىراس بۆلۈشۈش ھەم دۆلەت مەنپەئىتىگە ھەمدە ....

     1. دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە كاشىلا پەيدا قىلىش، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە مىراس بۆلۈشۈش ھەم دۆلەت مەنپەئىتىگە ھەمدە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى؛

     2. باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىش، روزا تۇتۇش، ناماز ئۆتەشكە زورلاش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاش، روزا تۇتۇشنى باھانە قىلىپ ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىش، ئاياللارنى مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئۆتەشكە، چۈمبەل تارتىشقا زورلاش قىلمىشلىرى؛

     3. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي تەشكىلات تەكلىپ قىلمىغان، دىن دەرسى ئۆتۈش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى يوق خادىملارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، رىياسەتچىلىك قىلىش، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرى؛

     4. تەستىقلاتماي تۇرۇپ دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن باشقا يەرلەردە دىنىي پائالىيەت تەشكىللىگەن، دىنىي خادىملار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما دىنىي پائالىيەت سورۇنىدىن باشقا يەردە دىننى تەشۋىق قىلغان، تويىن دىنى ئەقىدىلىرىنى سۆزلىگەن، توپلىشىپ دىنىي پائالىيەت قىلغان قىلمىشلار؛

     5. تەستىقلاتماي تۇرۇپ باشقا جايدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىنىي خادىملارنى تەكلىپ قىلغان جۈملىدىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن دىنىي خادىملارنى ئاپتونوم رايونىمىزغا تەكلىپ قىلىپ، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەن قىلمىشلار؛

     6. ئۆزىنى دىنىي ئەھكاملارنى تەرغىپ قىلغۇچى دەۋېلىپ، ئۆز مەيلىچە مۇرت يېتىشتۈرگەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پوپ بولۇۋېلىپ، چەت ئەل دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزلىرىنى قوبۇل قىلغان قىلمىشلار؛

     7. قانۇنسىز دىن ئۆگىتىش سىنىپى (نۇقتىسى)، مۇناخ، تېئولوگىيە سىنىپى ئاچقان، تەستىقلاتماي تۇرۇپ شەخسىي دىن ئۆگەتكەن قىلمىشلار؛

     8. تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ۋە غەيرىي مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا دىن دەرسى تەسىس قىلغان ياكى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان قىلمىشلار؛

     9. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپلەردە ناماز ئۆتەشكە، روزا تۇتۇشقا زورلىغان، كۈشكۈرتكەن، قانات ئاستىغا ئالغان، ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشكە زورلىغان قىلمىشلار؛

     10. نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ «نىكاھ» ئوقۇتۇشتەك دىنىي مۇراسىم ئارقىلىق توي قىلغان، نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتىمەي «ئۈچ تالاق» قىلىش ئۇسۇلى بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ئارىلىشىش قىلمىشلىرى؛

     11. بىكار قىلىنغان دىنىي، فېئوداللىق ئىمتىياز ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «پوپ» لارنى ۋارىسلىق قىلدۇرغان، ئالماشتۇرغان، ئاخۇنلارنى ئەۋەتكەن، دىنىي دەرس ئۆشرە _ زاكىتى يىغقان قىلمىشلار؛

     12. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئورنىتىپ دىنىي پائالىيەت قىلغان، دائىم دىنىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقان قىلمىشلار؛

     13. توي، دەپنە مۇراسىمى ۋە ئائىلە يىغىلىشلىرىغا ھەمدە «مەشرەپ» لەرگە قاتنىشىشتىن پايدىلىنىپ «تەبلىغ» قىلغان، دىنىي ئەقىدىلەرنى تەرغىپ قىلغان قىلمىشلار؛

     14. «ھالال» بىلەن «ھارام» نى دەستەك قىلىپ، دىنىي رادىكال ئىدىيەلەرنى تەرغىپ قىلىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقان قىلمىشلار؛

     15. ئىچكىرىدىكى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتلارغا خادىم ئەۋەتىپ، غوللۇق خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئۆز يېنىغا تارتقان، مەخپىي كۈچلەرنى تەربىيەلەپ، قانۇنسىز دىنىي تەشكىلات قۇرغان قىلمىشلار؛

     16. تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن «ئەرۋاھى ئالماشقان لاما» نى ئىزدىگەن ھەمدە رايون ئاتلاپ ئەرۋاھى ئالماشقان بالىنى ئىزدىگەن، بېكىتكەن قىلمىشلار؛

     17. ئوخشاشمىغان دىنلار ئارىسىدا قەستەن خىرىس پەيدا قىلىپ، ئوخشاشمىغان مەزھەپلەر ئارىسىدا ماجرا شەكىللەندۈرۈپ، چاتاق چىقارغان قىلمىشلار؛

     18. تەستىقلاتماي تۇرۇپ قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى تەھرىرلىگەن، تەرجىمە قىلغان، نەشر قىلغان، باسقان، كۆپەيتكەن، ئىشلىگەن، تارقاتقان، ساتقان، تەرغىب قىلغان قىلمىشلار؛

     19. تەستىقلاتماي تۇرۇپ رەقەملىك نەشر، ئىنتېرنېت، يانفون، زاپاس شارائىتلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىننى تەشۋىق ھەم تەرغىپ قىلغان قىلمىشلار؛

     20. سۈنئىي ھەمراھ قوبۇللىغۇچى ئەسلىھەلەردىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى دىنىي رادىيو – تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش، تەرغىپ قىلىش قىلمىشلىرى؛

     21. مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي ئۆمەكنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەشكىللىگەن ھەم ھەج تاۋاپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان قىلمىشلار؛

     22. تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ۋە چېگرا ئىچىدىكى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتنىڭ دىنىي خاراكتېرلىك ئىئانىسىنى قوبۇل قىلغان قىلمىشلار؛ مەسىلەن: تارقاق ھەج

     23. تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلاتنىڭ تەربىيەلەش ھەم تۈرلۈك يىغىنلىرىغا قاتناشقان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلات بىلەن ئالاقىلىشىپ، دىنىي پائالىيەت ۋە بېرىش – كېلىش قىلغان، چېگرا ئىچىدىكى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتنىڭ تەربىيەلەش ھەم تۈرلۈك يىغىنلىرىغا قاتناشقان قىلمىشلار؛

     24. چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ھەم شەخسلەر بىلەن تىجارەت، ساياھەت، دىن ئۆگىنىش، ئوقۇشقا بېرىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ۋە ئوقۇشقا ئىئانە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش قاتارلىق ناملار بىلەن دىننى تەرغىپ قىلغان قىلمىشلار؛

     25. تىزىملاتماي ياكى تەستىقلاتماي ئۆز ئالدىغا پائالىيەت نۇقتىسى تەسىس قىلغان، تەستىقلاتماي دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى سالغان، كېڭەيتكەن، ئۆزگەرتىپ سالغان ياكى باشقا قۇرۇلۇشلارنى دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا ئۆزگەرتكەن، مەبلەغ سېلىشنى باھانە قىلىپ، ئىبادەتخانا، مەسچىتلەرنى كېڭەيتكەن قىلمىشلار؛

     26.تەستىقلاتماي تۇرۇپ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چوڭ تىپتىكى دىنىي  ھەيكەللەرنى تۇرغۇزۇش قىلمىشلىرى؛



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter