ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

ئاشلىق باھاسى نېمە ئۈچۈن ئۆرلەپ كەتتى؟

           «خەلقئارادا ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ خەتەرلىك ئەھۋالغا يەتتى ھەم دۇنيادىكى نەچچە 100 مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا تەھدىت سالدى››. دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى زورىكنىڭ 15–فېۋرال بەرگەن بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى ئاشلىق بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى يەنە پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى.

            دۇنيادا ئاشلىق بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى زادى قانچىلىك ئېغىر؟

            دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2010–يىلى 10–ئايدىن 2011–يىلى 1–ئايغىچە خەلقئارادا ئاشلىق باھاسى %15 ئۆرلەپ، بىر يىل ئىلگىرىكىدىن %29 ئۆرلىگەن ھەم 2008–يىلىدىكى ‹‹ئاشلىق كىرىزىسى›› مەزگىلىدە يارىتىلغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېقىنلاشقان.

            خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە زادى كىم پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ؟

           ئامېرىكىنىڭ ئازادە پۇل سىياسىتى، خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ پۇل مۇئامىلىشىشى ، بىيو يېقىلغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم ناچار ھاۋا رايى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى سەۋەبلەردۇر.

            ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى ‹‹پۇل بېسىش ماشىنىسى››نى ئىشقا سالغاچقا، دوللارنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغان خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى. خۇددى ئامېرىكا ‹‹سودا سىرى›› تور بېتىنىڭ ئېيتقىنىدەك، ‹‹ئاشلىق كىرىزىسى ئەمەلىيەتتە دوللار كىرىزىسىدۇر».

            ئۆتكەن بىرقانچە يىلدىن بۇيان، خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ پۇل مۇئامىلىشىش يۈزلىنىشى كۈنسېرى گەۋدىلەنگەچكە، خەلقئارا ئاشلىق باھاسىدا ئاسانلا داۋالغۇش كۆرۈلىدىغان بولدى. پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ‹‹ئالدىن كۆرەرلىكى›› ۋە ‹‹قورقۇش›› پىسخىكىسى خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ داۋالغۇش دائىرىسىنى چوڭايتىۋەتتى.

           ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بىئو يېقىلغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ دۇنيا بانكىسىنىڭ بىرقانچە يىل ئىلگىرىكى ئىچكى قىسمىدا تارقىتىلغان بىر دوكلاتىدا دەلىللەنگەن.

          كىشىنى بىئارام قىلىدىغىنى شۇكى، ھەر بىر قېتىملىق كىرىزىسنىڭ ئارقىسىغا ھەمىشە بەزىلەرنىڭ تىراگىدىيەسى يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ‹‹ئاشلىق كىرىزىسى›› تېخىمۇ شۇنداق. دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2010–يىلى 6–ئايدىن بۇيان، خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى 44 مىليون كىشىنى نامراتلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويدى.

            ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ باي دۆلەتلەر بىلەن نامرات دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاشمايدۇ، ئەلۋەتتە. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە يېمەكلىك چىقىمى ئاھالىلار ئومۇمىي چىقىمىدا ناھايىتى ئاز بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئۇلارغا ئىنتايىن ئاز تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەمما بەزى نامرات دۆلەتلەردە يېمەكلىك چىقىمى ئاھالىلەر ئومۇمىي چىقىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئۇلارغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

           «ئاشلىق كىرىزىسى››نىڭ ئارقا–ئارقىدىن يۈز بېرىشى ھەر قېتىم دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىدىكى ئېغىر مەسىلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ‹‹ئاشلىق كىرىزىسى››نى يېڭىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر.

            دۇنياۋى قاتلامدىن قارىغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىگە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچان پۇل سىياسىتى يۈرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقئارادىكى چوڭ–چوڭ تاۋار بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ھەم بىيو يېقىلغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئويلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ‹‹ئاشلىق كىرىزىسى›› نى يېڭىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى ‹‹ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش››تە ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپقىرىشىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: