ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ۋاڭ ماڭنىڭ ھۇنلارغا قاراتقان خاتا سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

ۋاڭ ماڭنىڭ ھۇنلارغا قاراتقان خاتا سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

2011-08-22 12:43     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:       قوغۇشار تەڭرىقۇت ئۆلگەندىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 31-يىلى) كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ ۋەسىيتىگە بويسۇنۇپ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىميىتى بىلەن تىنچ، دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىدى. فۇجۇرۇت تەڭر....

      قوغۇشار تەڭرىقۇت ئۆلگەندىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 31-يىلى) كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ ۋەسىيتىگە بويسۇنۇپ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىميىتى بىلەن تىنچ، دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىدى. فۇجۇرۇت تەڭرىقۇتتىن كېيىن ھەر بىر تەڭرىقۇت تەختتە ئولتۇرغاندا ئاتاقلىق خانلىرىنى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى ياكى ئوغۇللىرىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتتى ۋە ياكى شەخسەن ئۆزى ئوردىغا زىيارەتكە كەلدى. زىيارەتكە بىللە كەلگەن خانلىرى ۋە ھەمراھلىرى دائىم 200 ئەتراپىدا بولدى. ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت زىيارەتكە كەلگەندە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1-يىلى) باشلاپ كەلگەن ئادەملىرى 500 گە يەتتى. خەن سۇلالىسىمۇ ئۇلارنى ناھايىتى ھەشەمەتلىك كۈتۈۋالدى. ھەر قېتىم قارىشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس خادىملارنى قورۇلدىن چىقىپ كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتتى ھەم ئابرويلۇق چېگرا ئەمەلدارلىرى ۋە قەددى- قامەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ تەڭرىقۇتنىڭ ئۆتەر يولىدىكى ئايماقلارنىڭ (مەسلەن، يەنمېن، يۈنجۇڭ دېگەندەك) ۋالىيلىقىغا قويدى. ھەر قېتىم ئۇلارنى قۇبۇل قىلغان چاغدا قائىدە بويىچە كىمخاپ، شايى، سەرناق، كىيىم- كېچەكلەرنى ھەسسىلەپ تەقدىم قىلدى. ئەمما، بۇ خىل دوستانە مۇناسىۋەت ۋاڭ ماڭ ھاكىميەت يۈرگۈزگەن دەۋرىدىن (مىلادىيە 1-يىلىدىن) باشلاپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

 

ۋاڭ ماڭ ھۇنلارغا ئىنتايىن خاتا سىياسەت تۇتتى

 

           بىرىنچىدىن، ئۇ شۈەندى، يۈەندى دەۋرىلىرىدە خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن ئۈچ ماددىلىق كېلىشىمگە (جۇڭگو تېررىتورىيىسىدە خەنزۇ، ھۇن مىللەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ياشاۋاتقان رايونلىرىنى ئۆزى ساقلاش؛ قورۇللار تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا دەل ۋاقتىدا خەن سۇلالىسىگە مەلۇم قىلىش؛ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ھۇنلارغا قېچىپ بارغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق) خىلاپلىق قىلدى ھەم يولسىزلىق بىلەن ھۇنلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىپ، باشقىدىن تۆت تۈرلۈك بەلگىلىمە تۈزۈپ (بىرىنچى، خەنزۇلاردىن ھۇنلارغا قېچىپ بارغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماسلىق؛ ئىككىنچى، ئۇيسۇنلاردىن ھۇنلارغا قېچىپ بارغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماسلىق؛ ئۈچىنچى، غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى «بەگلىك» لەردىن خەن سۇلالىسىنىڭ تامغا ئوتۇغاتلىرىنى قۇبۇل قىلغۇچىلاردىن ھۇنلارغا تەسلىم بولغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماسلىق؛ تۆتىنچى، ئوغانلاردىن ھۇنلارغا تەسلىم بولغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماسلىق) ھۇنلارنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى.

           ئىككىنچىدىن، ئۇ شۈەندى دەۋرىدە قوغۇشار تەڭرىقۇتقا تەقدىم قىلىنغان ئالتۇندىن ياسالغان «ھۇن تەڭرىقۇتنىڭ مۆھۈرى» نى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتقا «شىن سۇلالىسى ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ مۆھۈرى» نى (شىن- ۋاڭ ماڭ ھاكىميەت تارتىۋالغاندىن كېيىنكى دۆلەت نامى) تارقىتىپ بەردى. بۇ مۆھۈر ۋاڭ ماڭنىڭ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ سىياسىي ئورنىنى قەستەن چۈشۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى خەن سۇلالىسى ھۇنلارنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى دەپ ھۆرمەتلەيدىغان ئورنىنى شىن ھاكىميىتىنىڭ بېگى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغانلىق ئىدى (خەن سۇلالىسى تەڭرىقۇتنى ھەر قايسى بەگلەردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويغانىدى)، جۈملىدىن ھۇن ھاكىميىتىنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان قاراملىق مۇناسىۋىتىنى شىن ھاكىميىتى بىلەن بولغان سىياسىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىق ئىدى.

           ئۈچىنچىدىن، ئۇ ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ «ھۇن تەڭرىقۇتى» دېگەن نامىنى «بېقىندى ھۇنلار تەڭرىقۇتى» دەپ ئۆزگەرتتى. ۋاڭ ماڭنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھۇنلارنى ھاقارەتلەش قىلمىشى بولۇپ، ئۇ كۇڭزىچىلارنىڭ «يات تائىپلەر خان پادىشاھ بولسىمۇ، ئىگىسىز خۇاشيالىقلارغا يەتمەيدۇ» دەيدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان ئىدىيىسىنىڭ ئەكىس ئېتىشى ئىدى.

            تۆتىنچىدىن، ئۇ خەن سۇلالىسى ھاكىميىتىنى تارتىۋېلىپ شىن ھاكىميىتىنى قۇرغاندىن (مىلادىيە9-يىلى) كېيىن، قورال كۈچى ئارقىلىق ئابروينى ئاشۇرۇش غەرىزىدە 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يىغىپ، 12 سانغۇننى ئۇلارغا باش قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلدۇرۇپ، ھۇنلارغا قوغلاپ زەربە بېرىپ، ھۇنلار رايونىنى 15 بۆلەككە پارچىلاپ، جىخۇشاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن 15 كىشىنى مەجبۇرىي تەڭرىقۇت قىلىپ، ھۇنلارنىڭ كۈچىنى پارچىلاش ۋە ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇندى ھەم ئەمىر نۆكەرنى يۈنجۇڭ قورۇلىدىن چىقىرىپ ئوڭ قول لەۋ خان شان ۋە ئوغلىنى ئالداپ قورۇلغا ئەكىرىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا ۋاپادار تەڭرىقۇت، ئىتائەتمەن تەڭرىقۇت قىلدى.

           بۇ بىر قاتار ئىشلار ھۇنلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭرىقۇت ئوڭ، سول تەرەپتىكى ھەر قايسى خانلارغا قورۇلغا كىرىپ تاجاۋۇز قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كۆپ بولغاندا 10 مىڭ، ئادەتتىكىچە بولغاندا نەچچە مىڭ، ئاز بولغاندا بىر نەچچە يۈز كىشىلىك قوشۇن تارتىپ يەنمېن، سۇفاڭلارنىڭ ۋالىيلىرىنى، چېرىكچى بەگلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئەسىر ئېلىپ، سانسىزلىغان چارۋىلارنى بۇلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، شىمال يەنە قايتا زور ئاپەتكە ئۇچرىدى. ئەسلىدە شۈەندى دەۋرىدىن كېيىن شىمالدا تۇرالاردا سىگنال ئوتلىرى يېقىلمايدىغان، چارۋا-ماللار ھەممىلا يەردە يايلاپ يۈرۈيدىغان بىر گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى، ئەمدىلىكتە ۋاڭ ماڭنىڭ ھۇنلارغا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش ۋەزىيىتىنى بۇزۇۋېتىش تۈپەيلىدىن، شىمالدىكى زور تۈركۈمدىكى خەلق ھۇنلار تەرپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ۋە ئۆلتۈرۈۋېتىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەسكەرلىرى ئۇزۇن مۇددەت مۇداپىئەدە تۇرۇپ ھالىدىن كېتىپ، نەچچە يىل ئىچىدىلا شىمالدا ئادەمزات ئايىغى كۆرۈنمەيدىغان، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈپ قويغۇدەك ئادەملەرمۇ چىقمايدىغان بولۇپ قالدى.

           دەل خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ بىر-بىرىگە قول سېلىش پەيتىگە كەلگەندە، ۋاڭ جاۋجۈننىڭ كۈيئوغلى، ھۇنلارنىڭ ھوقۇقلۇق ۋەزىرى ئوڭ قول قۇتقۇ شۇبوتان ئايالى يۈن بىلەن بىر ئامال قىلىپ بۇ خىل خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشىماقچى بولدى. نەق شۇ ۋاقىتتا ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ئۆلدى (مىلادىيە 13-يىلى)، شۈبۇتان بىلەن يۈن ئۆزلىرى يېقىن ئۆتىدىغان ئوڭ قول لەۋ خان شاننى ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭغا ۋاڭ ماڭ بىلەن قۇدىلىششنى نەسىھەت قىلدى. ھۇنلارنىڭ تەشەببۇسكار بولۇشى بىلەن قۇدىلىشىش ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ ماڭنىڭ داۋاملىق خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈشى، مەسلەن، ئۇنىڭ «ھۇن» دېگەن نامنى «ئىتائەتچان قۇل» دەپ، «تەڭرىقۇت» دېگەن نامنى «ئوبدان مۇلازىم» دەپ ئۆزگەرتىشنى، يەنە قورال كۈچىگە تايىنىپ شۈبۇتان بىلەن يۈننى مەجبۇرىي چاڭئەنگە ئەكىلىپ، شۈبۇتاننى تەھدىت بىلەن شۈبۇ تەڭرىقۇت قىلىشى ھەم ئۇنى زور قوشۇن بىلەن ھۇنلار رايونىغا تەڭرىقۇت بولۇشىقا ئەكىلپ قويىشى تۈپەيلىدىن، ھۇنلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتنى تۇپتىن ساقلىغىلى ۋە ياخشىلىغىلى بولمىدى. شۇ سەۋەبتىن ھۇنلار يەنە شىمالغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، شىمالىنىڭ ئەمىنلىكى يەنە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. لېكىن، ۋاڭ ماڭ باشتىن-ئاخىر ۋەزىر يەن يۈ ۋە گۇڭسۇن لۈلەرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ زور مىقداردىكى ئاشلىقنى چېگرىدىكى ئايماقلارغا يۆتكەشكە بۇيرۇپ، ھۇنلارغا تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلاندى. لېكىن، ئۇ تېخى قوشۇن تارتىشقا ئۈلگۈرمەيلا ھاكىميىتى دېھقانلار قوزغىلىڭى تەرپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆزىمۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
    1. يىكەنداز
      2011-08-25 21:12 ھونزادە 

      ۋاڭ ماڭنىڭ خاتا سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۇرۇن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان نۇرغۇن مىللەتلەر ۋە غەربىي رايۇندىكى ھەرقايسى بەگىلكلەرنىڭ خەن سۇلالىسىدىن رايى يېنىپ ھونلارغا قايتىدىن بېقىندى،خەن ۋۇدى، خەن جاۋدىلارنىڭ ئىككى ئەۋلاد تىرىشچانلىقى ۋاڭ ماڭ قولىدا بىكار كەتتى.

      بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

      [جاۋاب]
    2. دىۋان
      2011-12-20 21:47 تەشنا 

      مەنمۇ ئورتاق قاراشتا«ۋاڭ ماڭنىڭ خاتا سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۇرۇن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان نۇرغۇن مىللەتلەر ۋە غەربىي رايۇندىكى ھەرقايسى بەگىلكلەرنىڭ خەن سۇلالىسىدىن رايى يېنىپ ھونلارغا قايتىدىن بېقىندى،خەن ۋۇدى، خەن جاۋدىلارنىڭ ئىككى ئەۋلاد تىرىشچانلىقى ۋاڭ ماڭ قولىدا بىكار كەتتى.»

      بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

      [جاۋاب]

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter