Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بەدۆلەت غەزىنىسىنىڭ تالان – تاراج قىلىنىشى

بەدۆلەت غەزىنىسىنىڭ تالان – تاراج قىلىنىشى

2013-02-12 9:26     كۆرۈلۈشى: 11,866 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: موللا مۇسا سايرامى        جانابىي ئاتىلىق غازى پانىي دۆلەتنى تاشلاپ، باقىي دۇنيانى خالاپ، جېنىنى ئەزرائىلغا، مال-مۈلكىنى ئوغۇللىرى بىلەن قىپچاقلارغا، بەلكى خىتاي قالماقلارغا تاپشۇردى.      نىياز ھ....

موللا مۇسا سايرامى

 

     جانابىي ئاتىلىق غازى پانىي دۆلەتنى تاشلاپ، باقىي دۇنيانى خالاپ، جېنىنى ئەزرائىلغا، مال-مۈلكىنى ئوغۇللىرى بىلەن قىپچاقلارغا، بەلكى خىتاي قالماقلارغا تاپشۇردى.

     نىياز ھېكىمبەگ بىلەن ئەھرارخان تۆرەم ئاتىلىق غازىنىڭ جەسىتىنى ئىچكىرى ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ قاراشەھەردىكى ھەققۇلىبەگكە بولغان ۋەقەنى بايان قىلىپ تېزلىكتە خەت ماڭدۇردى. ھەققۇلىبەگ ئۈچىنچى كۈنى قارا شەھەردىن يېتىپ كەلدى. ئاڭغىچە نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئەرز-داد بولسا ئاتىلىق غازىي ھايات ۋاقتىدىكىدە ئەكىرگەن بولۇپ كىرىپ – چىقىپ، يارلىق پەرمانلارنى بېرىپ تۇردى. «جانابىي ئالىينىڭ مىجەزلىرى سەل خاپا ئىكەن. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىقىدۇ»، دەپ كىشىلەرنى يېقىن بارغۇزماي ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدى. ھەققۇلىبەگنىڭ ئارقىسىدىن ھېكىمخان تۆرەم باشلىق ئەمىرلەشكەر، پانساتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، ئەھۋالمۇ ئاشكارا بولدى.

     نىياز ھېكىمبەگ، مۇھەممەد كېرىم دادخاھ، تاشباي دادخاھ ۋە ئاتاباي پانساتلار باشلىق ئەمىرلەشكەرلەر مەسلىھەتلىشىپ، بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ رەسىم- قائىدىلىرى بويىچە ھېكىمخان تۆرەمنى ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ «خان» قىلىپ كۆتۈردى. خەزىنىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ ئەمىر، دادخاھ باشلىق چوڭ-كىچىكلەرگە، يىگىت- سەرۋازلارغا تون-سەرۇپاي، پۇل ۋە تىللا، ئات ۋە جابدۇقلارنى بەرگىلى تۇردى. مۇشۇ ئەھۋالدا يەتتە كۈن ئۆتتى. بىر كېچىدە ھەققۇلىبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ جەسەت- تاۋۇتىنى ئېلىپ ئاقسۇ تەرەپكە ناھايىتى تېز يۈرۈپ كەتتى.

     دادخاھلار باشلىق چوڭلار: «ھەققۇلىبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار ئاقسۇغا بېرىپ خەزىنىلەرنى قولىغا ئېلىپ سەرەمجان قىلىپ، قەشقەرگە بېرىپ ئۇ يەردىكى خەزىنە- دەپنىلەرنى قولىغا كىرگۈزۈپ، ئاندىن كېيىن بىزلەرگە قارىماي ئەنجان، تاشكەنتلەرگە چىقىپ كېتىدۇ، خەزىنە بولمىسا بىز خىتايلار بىلەن قاندق ئۇرۇشىمىز؟ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ خەزىنىلەرنى بەرمەسلىكىمىز كېرەك»، دەپ ھېكىمخان تۆرەمنى ماقۇل قىلدى. كورلىنى داخۇ تۇڭگانغا تاپشۇردى. ئۇنىڭغا ئاقسۇلۇق كوچىر ۋاڭنىڭ ئوغلى ئاقنىيازبەگنى تۇڭچى ۋە ياساۋۇل بېشى قىلىپ، باي مۇھەممەد جارچى بېشىنى 500 سەرۋازغا باشلىق قىلىپ كورلىدا قويۇپ، ھېكىمخان تۆرەم باشلىق قوشۇنلار ئاقسۇغا راۋان بولدى ۋە ئالدىراپ-ھولۇقۇپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى.

     ھەققۇلىبەگ ئالدىدا يېتىپ كېلىپ، ئاقسۇدا ئىككى كۈن تۇرۇپ، بىر مۇنچە خەزىنىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىگىت ۋە قىپچاقلار بىلەن ئاتىلىق غازىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ قەشقەرگە يۈرۈپ كەتكەنىدى. ھەققۇلىبەگ «دادامنىڭ جەسەت-تاۋۇتىنى قەشقەرگە ئاپىرىپ ھەزرىتى ئاپاق خوجام مازىرىغا دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاكام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يا مەن كېلەرمەن، يا ئاكام كېلەر. ئاندىن خىتايلار بىلەن غازات قىلارمىز»، دېگەن مۇستەھكەم نىيەت بىلەن يولغا چىققانىدى. ئەمما نىياز ھېكىمبەگ: «كىچىك بېگىم (ھەققۇلىبەگ) قەشقەرگە يۈرۈپ كەتتى. غەرىزى باشقىچىدەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئېھتىيات قىلغايسىلەر ۋە خەۋەردار بولغايلار. ۋەسسالام»، دەپ بىر نەچچە پىتنە-پاسات گەپلەرنى يېزىپ مەخپىي ھالدا چوڭ بەگ (بېكقۇلىبەگ)كە خەت ماڭدۇرغانىدى. چوڭ بەگ خەتنى كۆرۈپ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن: «ھەققۇلىبەگنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋېتىپ نەرسە-كېرەكلىرىنى ئەكىلىڭلار»، دەپ پەرمان بېرىپ مۇھەممەد زىيا پانساتنى باش قىلىپ بىر نەچچە مەھرەم، يىگىت- سەرۋازلارنى ھەققۇلىبەگنىڭ ئالدىغا چىقارغانىدى. بۇلار لونكۇ دېگەن يەردە ئۇچراشتى. ئاتتىن چۈشۈپ بىر پىيالە چاي ئىچىشكەندىن كېيىن ئاتلىرىغا مىنىپ يولغا چۈشتى. ھەققۇلىبەگ بولغان ۋەقەلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ سۆزلەپ بېرىپ، بۇلارنىڭ يامان غەرەزلىرىدىن بىخەۋەر، خالىس، توغرا نىيەت بىلەن كېتىپ بارغان چاغدا، قەمبەر مەھرەم دېگەن ھەققۇلىبەگكە قارىتىپ ئوق چىقىرىدۇ. ئوق بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەققۇلىبەگ «بۇ نېمە پوق يېگىنىڭ»، دەپ قىلىچلىرىنى تارتىپ چىقىرىپ چاپماقچى بولغاندا يەنە بىر يىگىت ئوق چىقىرىدۇ. ھەققۇلىبەگ ئاتتىن يىقىلىپ جان بېرىدۇ. ئۇنى شۇ جايدىكى بىر جىلغىغا دەپنە قىلىدۇ. ئۇ جاي «ھەققۇلىبەگ جىلغىسى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى.

     تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1294- يىلى جامادىيەل ئەۋۋەلنىڭ 2- كۈنى ھېكىمخان تۆرەم ئاقسۇغا كېلىپ خانلىق تەختىگە چىقىپ ئولتۇردى. ھەممە يىگىت-سەرۋاز، قىرغىز-قىپچاقلار ئاتىلىق غازىنىڭ ئاقسۇدىكى خەزىنە-دەپنىلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ بۇلاپ كەتتى. بۇنداق بۇلاڭ-تالاڭ «خان تالىڭى» دېيىلىدىكەن. مۇشۇنداق پاراكەندە كۈنلەردە نىياز ھېكىمبەگ بىر نەچچە مۇلازىملىرىنى ئېلىپ خوتەنگە قاراپ قېچىپ كەتتى.

     ھېكىمخان تۆرەم ئالاھىدە يارلىق-پەرمان بىلەن ئابدۇراھمان دادخاھنى ئاقسۇغا ھاكىم قىلدى. ئامىلخان تۆرەمنى كۇچانىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىپ، كۇچانى مۇھەممەد رېھىمخان تۆرەمگە سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. ئۇچتۇرپاننى ھېكىم پانساتقا، باي ۋە سايرامنى مۇسامىس بېگىگە تاپشۇردى. مۇھەممەد مۇسا توقسابە، ئاتاباي پانساتلارنى ھۇدەيچى قىلىپ يارلىق چۈشۈردى. بەچە باتۇر پانساتنى ھەممە لەشكەر ئۈستىدە ئەمىر لەشكەر قىلدى. كېرىم قۇل دادخاھ، موللا ئالىم قۇلىنىڭ ئوغلى شىرمۇھەممەد مىرزىنى ئەمىرلەشكەر قىلدى. كېپەك لاۋۇر ۋە مۇھەممەد ئەپەندىنى 2000 سەرۋازغا ئەمىرلەشكەر قىلدى.

     دېمەك، سەككىز ئەمىرلەشكەرگە يارلىق ۋە نىشان بېرىپ، تۇغ-بايراق، داپ-دۇمباق، قورال-ياراق، ئات- توپچاقلارنى بېرىپ، پادىشاھلارچە مەرھەمەت، سېخىيلارچە ئىلتىپات كۆرسەتتى. شۇ پەيتتە قەشقەردىن «بېكقۇلىبەگ، جامەدار دادخاھ، ئۆمەرقۇل ئەمىرلەشكەر ۋە ئالاش دادخاھلار باشچىلىقىدا نۇرغۇن قوشۇن بىلەن ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقتى»، دېگەن يامان خەۋەر يېتىپ كەلدى. ھېكىمخان تۆرەم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەچە باتۇر ئەمىرلەشكەر باشلىق ھەممە لەشكەر بېشى، پانسات، يىگىت-سەرۋاز بولۇپ جەمئىي 25 مىڭ قوشۇن بىلەن ئاتلىنىپ، مەنزىلمۇ مەنزىل يول يۈرۈپ ئاقسۇدىن تۆت مەنزىل يىراقلىقتىكى يايدى دېگەن جايغا يېتىپ كېلىپ چۈشۈپ ئورۇنلاشتى.

     بېكقۇلىبەگ قوشۇنىنىڭ چىغاۋۇلى ئالاش دادخاھ چۆلقۇدۇق دېگەن يەرگە كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى. ھېكىمخان تۆرەم مۇھەممەد سىيىت پانسات، ھاپىز پانساتلارنى پەرمان بىلەن چىغاۋۇل قىلىپ ماڭدۇرغانىدى. ئىككى چىغاۋۇل ئۇچرىشىپ ئالاش دادخاھ ۋە ئۇنىڭ يىگىتلىرىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ ۋە بىر نەچچە ئادەملىرىنى تۇتۇپ باغلاپ ئەكەتتى. قەشقەرلىك ئاخۇن پانسات ھېكىمخان تۆرەم تەرىپىگە قېچىپ ئۆتتى. ھېكىمخان تۆرەمنىڭ لەشكەرلىرى ئاخۇن پانساتنى مۇبارەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن زور خۇشاللىق يۈز كەلتۈردى. ئۇلار شۇ كۈنى ئارام ئالدى. سىرتتا قاراۋۇل ۋە پايلاقچىلارنى قويدى. ئەتىسى بۇ ئىككى خۇنخور چوڭ قوشۇن يۈزمۇيۈز بولۇپ سەپلىرىنى راسلاپ جەڭگە كىرىشتى. ھەر ئىككى تەرەپتىن ئەسكەرلەر ئۆلۈشكە باشلىدى. ئەجەلنىڭ بازىرى جۇش ئۇرۇپ راسا قىزىدى. ھېكىمخان تۆرەمنىڭ باتۇرلىرى بېكقۇلىبەگنىڭ يىگىتلىرىنى ئارقىغا چېكىندۈرۈپ مەغلۇپ قىلىۋاتقان چاغدا، ئاتاباي پانسات ھۇدەيچى ھېكىمخان تۆرەمدىن يۈز ئۆرۈپ يىگىتلىرىنى ئېلىپ بېكقۇلىبەگ تەرەپكە قېچىپ توپنى بۇزۇپ كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن بېكقۇلىبەگ تەرەپكە كۈچ قوشۇلۇپ، ھېكىمخان تۆرەم ئاجىزلاشتى. مۇشۇ ئەھۋالدا ھۈسەيىن مەھرەمنىڭ بېشىغا ئوق تەگدى. ھېكىمخان تۆرەم ئارقىغا چېكىندى. كېرىم قۇل ئەمرلەشكەر، كېرىم باي مىرزا ۋە ئېلىبەگ پانساتلارمۇ ئارقىسىغا ياندى. مۇھەممەد مۇسا توقسابە، كېپەك لاۋۇر، مۇھەممەد رېھىم پالۋانلار كەلپىن قاشقال، قارابۇلاق بىلەن ئۆتۈپ ئەنجانغا قاراپ راۋان بولدى. بۇلارغا يىگىت-سەرۋازلار قوشۇلۇپ 1500گە يېقىن ئادەم بولۇپ بىللە كەتتى. ئىككى قوشۇن ئالتە سائەت ئۇرۇشتى. 1500چە لەشكەر چىقىم بولدى.

     ئاتاباي پانسات بېكقۇلىبەگنىڭ ئالدىغا بېرىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن «يايدىدا نۇرغۇن خەزىنە بار ئىدى. زايە بولۇپ كېتەرمىكىن»، دەپ مەلۇم قىلدى. بېكقۇلىبەگ ئاتاباي پانساتقا تون-سەرۇپاي مەرھەمەت قىلىپ، «سىز ئىلگىرىلەپ بېرىپ خەزىنىنى مۇھاپىزەت قىلىڭ!» دەپ پەرمان قىلدى. ئاتاباي پانسات تېز بېرىپ خەزىنىنى ئۆز تەرىپىگە تارتىۋاتقاندا، ھېكىمخان تۆرەم يېتىپ كەلدى. ئاتاباي پانسات قاچتى. ھېكىمخان تۆرەم تۇتتۇرۇپ كېلىپ: «مەندىن نېمە يامانلىق كۆردۈڭ؟» سېنى ھۇدەيچى قىلسام سەن ماڭا تۇزكورلۇق قىلدىڭ. ئاتا-بوۋا ئەجدادىمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۈڭمۇ؟ سېنى ماڭا تۇتۇپ بەردى. ئۆزۈڭنىڭ تارتىشقا تېگىشلىك جازاسى»، دەپ يالىڭاچلاپ، شاش، توسۇن ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ قويۇپ بەردى. ئۇ ئاتنىڭ كەينىدە دەشت-باياۋانلاردا سۆرۈلۈپ پارچە-پارچە بولۇپ يوقالدى. ھېكىمخان تۆرەم خەزىنىلەرنى تالان-تاراج قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ئاخىر باشقىلار بۇلاپ تۈگەتتى.

     نەزم:

     نالە قىلما غەيرىدىن ئۆزۈڭ ئىشىدىن بول مولۇل،

     كىم زەرەرنى تېرىپ ئەردىڭ ھەم زەرەر تاپتىڭ ھوسۇل.

 

     شەمئى پەرۋانەنى كۆيدۈردى،

     كۆيگۈسى داغى ئۆز ئاياغى بىلەن.

 

     ھېكىمخان تۆرەم ئايكۆلگە كەلدى. ئايكۆلدىن ئارالنى ئارىلاپ ئۆتۈپ ئۈچتۇرپانغا باردى. ئۇ يەردىمۇ تۇرماي بەدەل داۋىنىدىن ئېشىپ ئىسسىق كۆلگە بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ توختىماي پەرغانە ۋىلايىتى، مەرغىلان شەھىرىگە تەۋە ئابا ۋە ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمكى مەھەللىسى «ئەسكە» دېگەن جايغا بېرىپ ئورۇنلاشتى. ھېكىمخان تۆرەم بىلەن مۇھەممەد توقسابە باشلىق 5000دىن ئارتۇق ئاتارمەن-چاپارمەن يىگىتلەرمۇ بىللە چىقىپ كەتتى. بەچە باتۇر باشلىق بىر نەچچە پانسات ۋە 10 مىڭدىن ئوشۇقراق يىگىتلەر ھېچ تەرەپكە يۆتكەلمەي تۇرۇپ بېكقۇلىبەگكە ئىتائەت قىلدى. بېكقۇلىبەگمۇ بۇلارغا ئىلتىپاتلار كۆرسەتتى. بېكۇلىبەگكە ئىشەنچ ۋە ئىخلاسى يوق يىگىتلەر ھەر تەرەپكە قېچىپ، سەرگەردان بولۇپ تاراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامدىن روناق كەتتى.

     جانابىي ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ لەقىمى «بەدۆلەت» ئىدى. بۇ لەقەم ئاسماندىن چۈشكەن، تەڭرى ئاتا قىلغان لەقەم ئىدى. بەدۆلەت كەتتى، ئىسلامنىڭمۇ دۆلىتى كەتتى. ئۇلۇغ تەڭرىم، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدىن ئىسلامنىڭ مۇھەببىتىنى يوق قىلمىغايسەن. قىيامەت كۈنى مۇسۇلمانلار قاتارىدا باش كۆتۈرگىلى نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن! ئىككىلا ئالەمنىڭ پەيغەمبىرى ― مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققى – ھۈرمىتىدىن دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايسەن.

 

     (موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخي ئەمىنىيە» نامىلىق كىتابىغا ئاساسەن، تورغا يوللىغۇچى: ئالىم بىز بلوگىدىن تۇران تېكىن)



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter