ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، تەرەققىي قىلغاندىلا قۇدرەت تاپالايمىز

يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، تەرەققىي قىلغاندىلا قۇدرەت تاپالايمىز

2013-02-11 9:29     كۆرۈلۈشى: 1593 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  («گۈللىنىش يولى›› توغرىسىدا «خەلق گېزىتى››ئوبزورچىسى)          بىر دۆلەت ۋە مىللەت توغرا يولنى تاپقاندىلا، خەلقنىڭ كۈرىشى ئىشەنچكە تولىدۇ، تەقدىر كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.   ....

 («گۈللىنىش يولى›› توغرىسىدا «خەلق گېزىتى››ئوبزورچىسى)

   

     بىر دۆلەت ۋە مىللەت توغرا يولنى تاپقاندىلا، خەلقنىڭ كۈرىشى ئىشەنچكە تولىدۇ، تەقدىر كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

      «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئارقىدا قالساق باشقىلارنىڭ بىزنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى، تەرەققىي قىلغاندىلا قۇدرەت تاپالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى شەرت. يول تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ، توغرا بىر يولنى تېپىپ چىقىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. شۇڭا بۇ يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز شەرت. ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن مۇساپىنى باسىدىغانلىقىمىزنى، ئۇزاققىچە جاپالىق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى شەرت››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹گۈللىنىش يولى›› ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچنى ‹‹ئەستە چىڭ ساقلاش›› توغرىسىدىكى بايانىدا ئۆتمۈش ئەسلەنگەن، ھازىرقى ئەھۋاللار كۆزدە تۇتۇلغان، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنغان، كوممۇنىستلارنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش روھى نامايان قىلىنغان بولۇپ، بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ ھەم بىزگە چەكسىز كۈچ – قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.

     تارىخقا روناق تېپىش–خاراب بولۇش، گۈللىنىش–زاۋال تېپىشتەك چوڭقۇر پەلسەپە مۇجەسسەملەنگەن. ئەپيۈن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى خۇمىننىڭ زەمبىرىكى، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش تارىخى، ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››نىڭ تۇنجى خەنزۇچە تولۇق تەرجىمىسى، يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى… گۈللىنىش يولىدىكى كىشىنى ئويغا سالىدىغان كۆرۈنۈشلەر ۋە ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي دەقىقىلەردىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، دەل ‹‹ئىجتىمائىي تۈزۈم چىرىكلەشكەچكە، ئىقتىساد، تېخنىكا ئارقىدا قالغانىدى››، يېقىنقى زاماننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى نۇرغۇن جەبىر–جاپالارنى چەككەنىدى؛ دەل دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغاچقىلا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ‹‹نۇرغۇن كىشىنىڭ قان ئاققۇزۇشى بەدىلىگە›› ئۆز زېمىنىنى ئاخىر قايتۇرۇۋالالىدى.

     يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئوقۇمۇشلۇق، ئىرادىلىك سان–ساناقسىز كىشى ‹‹ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق›› بولغاچقا، نۇرغۇن قۇربان بەرگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا مۇرادىغا يېتەلمىگەنىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىنى ئۆزگەرتتى. قانلىق ئىنقىلاب يىللىرى، ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان يىللار، قايناق ھېسسىياتقا تولغان قۇرۇلۇش يىللىرى، ھەيۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنى دەل گۈللىنىش يولىدىكى ئۇلۇغ مۇساپىلەر بولۇپ، بىزگە نېمىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، نېمىنىڭ شۇنچە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىنىش ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇتتى. خەلق تۇرمۇشى ۋە يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق شۇنى دەلىللەشكە بولىدۇكى، مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىز قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك مىڭ يىللىق ئارزۇنى روياپقا چىقىرالىدۇق، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلەلىدۇق، بېيجىڭدا ئو ت م ئۆتكۈزۈش، شاڭخەيدە دۇنياۋى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كاتتا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويالىدۇق.

     تەرەققىي قىلغاندىلا قۇدرەت تاپالايمىز. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ توختاۋسىز كۈرەشلىرى، ئەسىرلەردىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئىلگىرىلەش تارىخى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئىلگىرىلىيەلىگەنلىكى، شۈبھىسىزكى، ‹‹تەرەققىيات››نىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئاساسىي مېلودىيە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. تەرەققىي قىلغاچقىلا، بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا ئېلىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى قايتا باش كۆتۈرۈشتەك مۆجىزە بارلىققا كەلدى؛ تەرەققىي قىلمىغان بولساق، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇق چىقىش يولىمىزنى تاپالمىغان بولاتتۇق. بۈگۈنكى جۇڭگو ھەر قانداق دەۋرگە قارىغاندا مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى. لېكىن تارىخ ئىزنالىرى بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، دەل مۇشۇنداق چاغلاردا بىخەستەلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، مەۋقەنى ‹‹ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك›› تىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ‹‹يۈز يىللىق نىشان››غا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. ئىلگىرىلەش يولىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمىزنى بىر سەكرەپلا روياپقا چىقىرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بىزنىڭ ئۇزاققىچە تىرىشىپ، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشىمىزغا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىمىزغا، ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

     بۈگۈنكى جۇڭگو تارىخىي جۇڭگونىڭ داۋامى، بىزنىڭ كۈرەشلىرىمىز كەلگۈسى جۇڭگونىڭ ئۇل تېشى. ئۈچنى ‹‹ئەستە چىڭ ساقلاپ››، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئومۇم ئۈچۈن كېچە–كۈندۈز ئىشلىگەندىلا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تېخىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە تېخىمۇ زور شان–شەرەپ كەلتۈرەلەيمىز!

 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1–دېكابىر تېلېگراممىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter