ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> موڭغۇلىيەنىڭ غەربكە ئېغىشى نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ

موڭغۇلىيەنىڭ غەربكە ئېغىشى نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ

2013-02-07 12:50     كۆرۈلۈشى: 1704 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە: موڭغۇلىيەدىكى بىر قانچە ۋەقە مەزكور دۆلەتنى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ بىرى موڭغۇلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق زوڭتوڭ ئېنخۇبايىرنىڭ چىرىكلى....

     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە: موڭغۇلىيەدىكى بىر قانچە ۋەقە مەزكور دۆلەتنى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ بىرى موڭغۇلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق زوڭتوڭ ئېنخۇبايىرنىڭ چىرىكلىك جىنايىتىنى بىكىتىشى؛ يەنە بىرى، ئۇلانباتور شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ لېنىننىڭ ھەيكىلىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغانلىقى دېيىلگەن.

     خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئېنخۇبايىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە نۇرغۇن جوڭگۇ كارخانىلىرىنى موڭغۇلىيەنىڭ كان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرى ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىگە خېرىدار چاقىرىپ، دۆلەتكە زور مەنپەئەت يەتكۈزگەن. لېكىن ئۆكتىچىلەر تەختكە چىققاندىن كېيىن باشقىچە ئۇسۇل قوللانغان.

     موڭغۇلىيە مۇستەققىل بولغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يارىدىمىگە ئىرىشىپ كەلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيە مىسلىسىز خەتەر ئىچىدە قالغان. شۇ ۋاقىتتا موڭغۇلىيە يەنىلا روسىيە بىلەن جوڭگۇنىڭ يارىدىمىگە ئىرىشكەن. لېكىن ھازىر موڭغۇلىيە ئامېرىكىغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، روسىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويدى.

     ئانالىزچىلار: مەيلى يەر كۆلىمى، نوپۇسى ياكى ھەربىي كۈچ جەھەتتىن بولسۇن، موڭغۇلىيەنى جوڭگۇ بىلەن روسىيەگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن قارىغاندا، موڭغۇلىيە ئىككى تاشنىڭ ئارىسىغا قىسىلغان تۇخۇم. لېكىن بۇ تۇخۇم روسىيە بىلەن جوڭگۇغا قارشى چىقىۋاتىدۇ دىگەن.

     سانائىتى كەينىدە قالغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيەدىكى نۇرغۇن مەنبەلەر ئۈنۈملىك پايدىلىنىشتىن قېلىپ، ئىقتىسادتا ئۈنۈملىك ئېشىش كۆرۈلمىگەن. موڭغۇلىيە جوڭگۇ بىلەن روسىيەنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىشقا قوشۇلمىغان. موڭغۇلىيە زوڭتۇڭى ئالبېكدورچ 2009- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئۈچىنچى دۆلەتكە يېقىنچىلىق قىلىش يۇلىنى تاللاپ، ئامېرىكىنى يادىرو قىلغان غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كېڭەيتكەن.

     موڭغۇلىيە ئامېرىكا يىتەكچىلىكىدىكى ئافغانىستان ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئەسكەر ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ياخشىچاق بولغان. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەمراھىغا ئايلانغان.

     ئانالىزچىلار: موڭغۇلىيەنىڭ جوڭگۇ بىلەن روسىيەدىن يىراقلىشىپ، غەربكە يېقىنلىشىشى ھايات – ماماتلىق يول. جوڭگۇ بىلەن روسىيە بەلكىم ئامېرىكا بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىغا، كۆلىمى ئانچە زور بولمىغان ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە سۈكۈت قىلىشى مۈمكىن. چۈنكى، بۇ جوڭگۇ بىلەن روسىيەگە ئانچە چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. لېكىن ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيەنى جوڭگۇ بىلەن روسىيەگە قارشى ئالدىنقى سەپ قىلىۋالسا، ئۇ چاغدا جوڭگۇ بىلەن روسىيە بۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا جوڭگۇ بىلەن روسىيەنىڭ موڭغۇلىيە سىياسىتىدىكى ئاخىرقى چېكىنى بىلىدۇ. ئۇ موڭغۇلىيەدە جوڭگۇ بىلەن روسىيەنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋالنى سادىر قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ دەپ قارىغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter