ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كىتاب ۋە ئوقۇتقۇچى

كىتاب ۋە ئوقۇتقۇچى

2013-02-07 12:19     كۆرۈلۈشى: 1459 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىليار تۇرسۇنمۇھەممەد      مەن يېقىندا مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم: مەلۇم بىر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك كىتابتىن قانچىنى ئوقۇغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن، ھەممە ئوقۇتقۇچ....

ئىليار تۇرسۇنمۇھەممەد

     مەن يېقىندا مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم: مەلۇم بىر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك كىتابتىن قانچىنى ئوقۇغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن، ھەممە ئوقۇتقۇچى بۇ مەسىلىگە تۈزۈكرەك بىر نەرسە دەپ بېرەلمىگەن. مەن ئويلاپ قالدىم، تەلىم – تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قاچاندىن باشلاپ كىتاب ئوقۇمايدىغان، ئۇنىڭغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى؟ كىتاب ئوقۇمايدىغان، كىتابنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوقۇتقۇچى كەلگۈسى ئۈچۈن قانداقمۇ ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ بېرەلىسۇن؟

     ھازىر، تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىدا ئەپلەپ – سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىغا كىرىۋالغان ئوقۇتقۇچىلار كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىدىغان، كىتاب ئوقۇيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئازلىماقتا. بۇ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.

     قانداق قىلغاندا بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ بىردىنبىر يولى كىتاب ئوقۇش. كىتاب ئوقۇش ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. بىر ياخشى كىتابنى ئوقۇغىنىڭىز ئالىم – ئۆلىمالار بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىڭىز، نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغانلىقىڭىز بىلەن باراۋەر بولۇپ، سىزنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىتىدۇ، قەلب كۆزىڭىزنى ئاچىدۇ، مۇھىمى بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىق – كەمچىلىكلەرنى تېپىپ چىقالايسىز. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق سىز تاشقى دۇنيادىكى ئۇچۇرلارغىلا ئىگە بولۇپ قالماستىن، كىشىلىك ھايات ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزەلەيسىز، ئىچكى دۇنيارىڭىزنى بېيىتالايسىز.

     كىتاب ئوقۇش بىر خىل ياخشى تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەربىيەلىنىشنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇڭا، ئوقۇتقۇچى كىتاب ئوقۇشتا مۇنداق بىر قانچە ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، پىلانلىق كىتاب ئوقۇش. ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدە كەسىپكە دائىر تەلىم – تەربىيە خاراكتېرىدىكى كىتابتىن بىر – ئىككىنى ئوقۇپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، تەپەككۇر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش. كىتاب ئوقۇغاندا ھۇزۇرلىنىشقىلا بېرىلىپ كەتمەي، چوقۇم تەپەككۇر قىلغۇلۇق؛ ئۈچىنچىدىن، خاتىرە قالدۇرۇش. ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان قاراشلارنى خاتىرىلەش، چۈشەنچىسىنى، پىكرىنى يېزىش؛ تۆتىنچىدىن، پىكىر ئالماشتۇرۇش. كىتاب ئوقۇغاندىكى تەسىراتى، ھېس قىلغانلىرى ھەم خۇشاللىقىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش.

     ئەي، ئادەم روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئەۋلاد تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان ئوقۇتقۇچى كىتابنى ياخشى كۆرۈڭ، قىممىتىنى بىلىڭ، كىتاب سېتىۋېلىڭ، ئوقۇڭ، مەڭگۈ ئۆگەنگۈچى ھەم ئۆگەتكۈچى بولۇڭ، ئېسىل كىتابتىن بىلگەنلىرىڭىزنى ئەۋلادلارغا دەپ بېرىڭ، ئۆگىتىڭ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپنى بىلسۇن، نەزەرىنى يىراق – يىراقلارغا تىكەلىسۇن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter