ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دولان ئۇسسۇلى ۋە كوللېكتىۋىزملىق روھ

دولان ئۇسسۇلى ۋە كوللېكتىۋىزملىق روھ

2013-04-01 12:46     كۆرۈلۈشى: 1431 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس        دولان ئۇسسۇلىدا ئىپادىلەنگەن كوللېكتىۋىزملىق روھ ھەققىدە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال دولان ئۇسسۇلى، جۈملىدىن دولان مەشرەپ – مۇقاملىرى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىد....

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس

 

     دولان ئۇسسۇلىدا ئىپادىلەنگەن كوللېكتىۋىزملىق روھ ھەققىدە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال دولان ئۇسسۇلى، جۈملىدىن دولان مەشرەپ – مۇقاملىرى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ دولان مەشرەپ – مۇقاملىرى ھەققىدىكى بىرلىككە كەلگەن قارىشى شۇكى، دولان مۇقاملىرىمۇ ئەسلىدە يۈرۈشلەشكەن 12 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، لېكىن زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ توققۇزى ساقلىنپ قېلپ، ئۈچى ئۇنتۇلغان. ھازىر مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات قاتارلىق ناھىيەلەردە ۋە يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەكىتكە يېقىن يېزا – كەنتلىرىدە ئەسلىي ھالىتى بويىچە ئورۇنلۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇ توققۇز مۇقامنىڭ نامى ‹‹باش باياۋان››، ‹‹زىل باياۋان››، ‹‹سىم باياۋان››، ‹‹چۆل باياۋان››، ‹‹بوم باياۋان››، ‹‹خودەك باياۋان››، ‹‹راك››، ‹‹جۇلا›› ۋە ‹‹ئۆزھال›› دىن ئىبارەت. خەلق ئارىسىدا ھازىرغىچە ئەسلىي ھالەتتە ساقلىنىپ كەلگەن ۋە مەتبۇئاتلاردا ‹‹دولان توققۇز مۇقامى›› دەپ ئاتىلپ كېلىۋاتقان بۇ مۇقاملار ‹‹مۇقەددىمە››، ‹‹چېكىتمە››، ‹‹سەنەم››، ‹‹سەلىقە›› ۋە ‹‹سىرىلما›› قاتارلىق بەش ئۆزگىرىشلىك چوڭ نەغمە، شۇنداقلا تۆت ئۆزگىرىشلىك دولان ئۇسسۇلىدىن تەركىب تاپقان.

     مەيلى خەلق ئارىسىدا ياكى سەھنىلەردە بولسۇن، دولان مۇقاملىرى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە باشلىنىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ: ئاۋۋال قالۇن، دولان راۋابى ۋە قىل غېجەك بىر – بىرىگە تەبىئىي ماسلاشقان ھالدا، مەلۇم بىر مۇقامنىڭ مۇقەددىمە كۈيىنى باشلايدۇ. ئاندىن باش نەغمىچى قولىدىكى نەغمە دېپىنىڭ ھالقىلىرىنى سىلكىپ شاراقشىتقان ھالدا ‹‹ۋاي ئاللا – ۋاي ئاللا!›› دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، مۇقام باشلايدۇ. مۇقامنىڭ خەلق قوشاقلىرىدىن تېكىستلەنگەن مۇقەددىمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش نەغمىچىنىڭ داپ ئۇرۇشى بىلەن تەڭ، مەشرەپنىڭ ‹‹چېكىتمە›› قىسمى باشلىنىپ، نەغمىچىلەر ئىككى تاكىت (ئالتە ئۇدار) غا كەلتۈرۈپ داپ چېلىپ، باش نەغمىچىگە ئەگىشىدۇ. بۇ باسقۇچ ‹‹چېكىتمە›› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹‹چېكىتمە›› باشلىنىشى بىلەن يىگىت بېشىنىڭ ‹‹پالانى – پۇستانىلارغا ھەشقاللا!›› دەپ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، ئەرلەر، ئاياللار، مويسىپىتلەر ۋە ياشلار جۈپلىشىپ بىر – بىرىگە بېقىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. دولان ئۇسسۇلىنىڭ بىردە ئوڭغا، بىردە سولغا غولاچ تاشلاپ لەرزان ئوينىلىدىغان بۇ باسقۇچى، ئىنچىكە كۆزەتكەن كىشىگە قەدىمىي دەۋىردىكى ئوۋچىلارنىڭ چىت – چاتقاللارنى قايرىپ ئوۋ ئىزدەۋاتقان ھالىتىنى ئەسلىتىدۇ.

     مۇقام ياكى مەشرەپ ‹‹سەنەم›› باسقۇچىغا كۆچكەندە، ئەر – ئايال ئۇسسۇلچىلار بىردە ئالدىغا، بىردە ئارقىغا قەدەم ئېلىپ يەرنى قاتتىق تېپىپ، ئىككى قولىنى گاھ ئېگىز كۆتۈرۈپ، گاھ پەسكە چۈشۈرۈپ، چەبدەسلىك بىلەن ئايلىنىپ، داپ رىتىمىگە ماسلاشقان ھالدا يۇقىرىقى ھەرىكەتلەرنى تەكرارلايدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ بۇ ھالىتىدىن تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوۋ مەيدانىدىكى قاتتىق ئېلىشىش – تىركىشىشلەر نامايان بولىدۇ.

     مەشرەپ ياكى مۇقام ‹‹سەلىقە›› باسقۇچىغا كۆچكەندە، ئۇسسۇلچىلار كوللېكتىپ ھالدا بىر چەمبەر ھاسىل قىلىپ، پۇت – قول ھەرىكەتلىرىنى بىر – بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئاشۇ چەمبەرنى چۆرىدەپ ئوينايدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ بۇ ھالىتىدىن كوللېكتىۋىزملىق روھقا ئىگە بىر توپ ئوۋچىنىڭ ئوۋنى قورشىۋېلپ، كوللېكتىپنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

     مۇقامنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولغان ‹‹سىرىلما›› قىسمىدا ئۇسسۇلچىلار كوللېكتىپ ھاسىل قىلغان چەمبەرنى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئويناش بىلەن بىللە، تېخىمۇ شوخ، تېخىمۇ شادىيانە كەيپىياتتا ئىزىدا بىر پىرقىراپ، ئاندىن يەنە كوللېكتىپ ھاسىل قىلغان چەمبەرگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. تاماشىبىنلار ئۇسسۇلنىڭ بۇ باسقۇچتىكى شوخ، شادىيانە كەيپىيات ۋە ھەرىكەتلىرىدىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان بىر قېتىملىق ئوۋغا قىلىنىۋاتقان تەنتەنىنى ھېس قىلالايدۇ.

     شۇنىمۇ قەيىت قىلىش ھاجەتكى، ناۋادا يۇقىرىقى قاراشلار ‹‹دولان مەشرىپىدىكى تۆت ئۆزگىرىشلىك ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ تاشقى قىياپەت شەكلىگە قاراپلا قىلىنغان تەسەۋۋۇرنىڭ يەكۈنى›› دېيىلسە، تاشقى قىياپەتتىن ئىچكى ماھىيەتكە سىلجىپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگەندە، بەلكىم دولان مەشرەپلىرىدىكى تۆت ئۆزگىرىشلىك بۇ ئۇسسۇلدا كوللېكتىپ چەمبەر ھاسىل قىلىپ چۆرگىلەيدىغان ھەرىكەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇياش ئېتىقادچىلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ھازىر مەھەللىۋى ۋە سەھنە ھالىتىدە ئوينىلىۋاتقان دولان ئۇسسۇلى يېقىنقى زاماننىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇزاق دەۋرنىڭ مەھسۇلى. بۇ قارىشىمنى دولان خەلق قوشاقلىرىدىكى:

مېنىڭ مەخمەل كاسايامنى

توقۇپتۇ بىر قارا بىرلە؛

ئۇنى يۇسام ئاقارمايدۇ،

ئاقار دەريا سۈيى بىرلە.

     دېگەن قۇرلار ئىسپاتلايدۇ. ئەمدى دولان ئۇسسۇلىدا ئىپادىلەنگەن كوللېكتىۋىزملىق روھقا كەلسەك، دولان ئۇسسۇلى مەيلى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتىنىڭ ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلىنىشى ياكى قۇياش ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولسۇن، ئوخشاشلا ئېناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، جۈملىدىن كوللېكتىۋىزملىق روھ ئۇنىڭغا چوڭقۇر سىڭگەن. باشقىچە ئېيىتقاندا، قەدىمكى دەۋردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلى ياكى ئىستىخىيەلىك شەكىللەنگەن ساددا ئېتىقاد، ئەجدادلىرىمىزنى تەبىئىي ھالدا ئىناقلىققا، ئىتتىپاقلىققا، ھەمكارلىققا ئۈندەپ، ئۇلاردا ئورتاق كوللېكتىۋىزملىق ئاڭنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

     شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئادەم مەيلى نېمە ئىش قىلسۇن، ھامان بىرخىل ئىدىيەنىڭ قوماندانلىقىدا بولىدۇ. بۇ، ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ ئەڭ مۇھىم پەرقلىرىنىڭ بىرى. ئادەملەرنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدىغان ئىدىيە قەدىمكى زامانلاردا مۇئەييەن ئېتىقادنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق رول ئوينىغان. ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى زاماندا قۇياشنى ئالەمنىڭ يورۇقلۇق يادروسى، ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا تىۋىنغان. بۇنداق تىۋىنىش ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا تونۇر، نان، يارىيا ھارۋىنىڭ چاقى، ئەگلەك، لىگەن، داپ … قاتارلىق شەكلى قۇياشقا ئوخشايدىغان سان – ساناقسىز يۇمۇلاق تۇرمۇش بۇيۇملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دولان ئۇسسۇلىدىكى سورۇندا قانچە ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر يۇمۇلاق ھالقا شەكىللەندۈرۈپ پىرقىرايدىغان ئۇسسۇل ھەرىكىتىمۇ بۇ ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. بۇلارنىڭ مەركىزىدىمۇ بىر كوللېكتىۋىزملىق روھ بولۇپ، بۇ روھ مەلۇم جۇغراپىيەلىك رايون تەۋەسىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئورتاق ئېتىقادىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان.

     بۇ بايانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى قەدىمكى ئېتىقاد ياكى شۇ دەۋردە مەۋجۇتلۇق ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئوۋچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، دولان ئۇسسۇلىنىڭ ماھىيەتلىك قاتلىمىغا روشەن كوللېكتىۋىزملىق روھ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن. دولان ئۇسسۇلىنىڭ نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ ئادەم كوللېكتىپ ئوينىغاندا يەنىمۇ يارقىنلىشىپ، يۈرەكلەرنى تېخىمۇ لەرزىگە سېلىشى شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter