ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى

ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى

2013-04-01 12:37     كۆرۈلۈشى: 1287 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش لازىم   نۇرھاجى مۇھەممەت        ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزمنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلە....

ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىي

ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش لازىم

 

نۇرھاجى مۇھەممەت

 

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزمنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي ئورنىغا يېڭىباشتىن تەبىر بېرىلىپ: ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەمىز ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرۇشى شەرت بولغان يېتەكچى ئىدىيە›› ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى مول، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇنى تەرەققىيات، يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاساسى تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، تۈپ ئۇسۇلى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەڭ روشەن روھىي ماھىيىتى. بۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەنىسى ۋە روھى ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

     بىرىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇنىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا ‹‹تەرەققىيات تۈپ تېما››، ‹‹تەرەققىيات چىڭ قائىدە››، ‹‹تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم›› قىلىنغان. تەرەققىيات ئۇنىۋېرساللىققا، سىستېمىلىققا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە، تەرەققىيات پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىسى. تەرەققىياتنى تۇتقانلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋە ئاساسى مەزمۇنىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقانلىق بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 30 نەچچە يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۈيۈك نەتىجىلەر تەرەققىيات ئاساسىدا قولغا كەلگەن. تەرەققىيات بولمىسا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولمىغان بولاتتى. تەرەققىيات پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى. شۇڭا، بىز تەرەققىياتنى ئاساسى تېما قىلىپ، ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى تەرەققىيات نەزەرىيەسى، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى، تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشىمىز، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلىشىمىز، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

     ئىككىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

     ئادەمنى ئاساس قىلىش ماركسىزملىق تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ تۈپ قائىدىسى. ئادەم – جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۇبيېكتى. ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئادەمنى ئاساس قىلىش بىلەن خەلقنى ئاساس قىلىش ئىچكى باغلىنىشچانلىققا ۋە بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسىتىنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى. شۇڭا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى بولغان ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى خەلققە تايىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش خەلقنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئورنىنى چوڭقۇر تونىغانلىق ۋە ھۆرمەت قىلغانلىق بولۇپ، خەلق تەرەققىياتنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات خەلققە تايىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەت قىلىشنى تۈپ مىزان قىلىدۇ. ئادەمنى ھۆرمەت قىلغانلىق ماھىيەتتە ئەمگەكنى ھۆرمەت قىلغانلىق. ئىختىساسلىقلارغا ، بىلىمگە، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلغانلىق، خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھوقۇقىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغانلىق. شۇڭا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەشنى تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ بارلىق خىزمىتى خەلققە بەخت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قوغداش، يۈكسەلدۈرۈشنى ئىزچىل تۈردە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىشىمىز لازىم.

     ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

     ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يالغۇز ماددىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي بەلكى سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب جەمئىيەت زور سىستېما بولۇپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ئۈچ تەرەپ بىر – بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىر – بىرىنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۆزئارا گىرەلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن مۇكەممەل جەمئىيەت فورماتسىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇڭا، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى پەقەت ئىقتىسادنىڭ سان جەھەتتىن ئېشىشى دەپ قارايدىغان بىرتەرەپلىمىلىكنى تۈزىتىشىمىز كېرەك.

     تۆتىنچى، ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك

     پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹جۇڭگو سوتسىيالىزم ئىشلىرى داۋامىدىكى زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا تونۇپ ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەر – يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپ مەنپەئەتىنى، قىسمەن مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتىنى، ھازىرقى مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەئەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك››دەپ كۆرسىتىدى. يۇقارقى بىر قانچە تەرەپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسى مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر. شۇڭا، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تۈپ تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك، ماس، سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     بەشىنچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك

     ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات − ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسى تەلىپى بولۇپ، ئۇ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا مۇھىت، بايلىق، ئىكولوگىيەنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىشىمىز، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىشىمىز ، ئىمكان قەدەر ئاز بەدەل بىلەن ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئېھتىياجىنى قۇربان قىلمىغان ئاساستا خەلقنىڭ رېئال ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، بايلىق تىجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنى ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

     ئالتىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تۈپ تەلىپىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىزدىن ‹‹بىر مەركەز، ئىككى ئاساسى نۇقتا››دىن ئىبارەت ئاساسى لۇشيەندە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسى لۇشيەنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جېنى شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ سىياسىي كاپالىتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يولى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشى يۈكسىلىشىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. شۇڭا، بىز پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرەنمەسلىكىمىز لازىم.

     يەتتىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز لازىم

     روھىي ماھىيەت − مەلۇم بىر نەزەرىيەنىڭ جېنى ۋە جەۋھىرى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەڭ روشەن ماھىيىتى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بۇ روھىي ماھىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز لازىم. بۇ روھىي ماھىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلىگەندىلا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنلىرىنى ئىگىلىگىلى، يەنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى قاتارلىقلارنىڭ تارىخىي باغلىنىشى ۋە ئۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىلمىي ئىدىيەۋى سىستېمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش − ئىنسانلار ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ۋە بىلگەن تەرەققىيات قانۇنىيىتى، بىر خىل پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ھەم بىر خىل روھىي ھالەتتۇر. دەل مۇشۇنداق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇشۇنداق روھىي ھالەتنى جارى قىلدۇرغاچقا، ماركسىزمچىلار سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، يېڭى مەنزىلنى ئېچىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

     ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش − ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە سىڭگەن، ئۇنىڭدا ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇلۇپ ھەم يېڭى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، چىڭ تۇرۇش بىلەن تەرەققىياتنىڭ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، كىشىلەرگە دەۋر، ئەمەلىيەت ۋە ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركسىزمنىڭ زور ھاياتىي كۈچى چوڭقۇر مۇجەسسەملەنگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter