ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دۇنيانى ئۆزگەرتكەن خاتا تەرجىمىلەر

دۇنيانى ئۆزگەرتكەن خاتا تەرجىمىلەر

2013-03-28 10:55     كۆرۈلۈشى: 1444 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      تېز سۈرئەتتە كىچىكلەۋەتقان بۇ دۇنيادا تېز، قولايلىق، ئاسان چۈشەنگىلى بۇلىدىغان تەرجىمىنى قوللۇنۇش ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.      1956- يىلى يەنى، سوغۇق مۇن....

     تېز سۈرئەتتە كىچىكلەۋەتقان بۇ دۇنيادا تېز، قولايلىق، ئاسان چۈشەنگىلى بۇلىدىغان تەرجىمىنى قوللۇنۇش ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

     1956- يىلى يەنى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلى ئىدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خېروششېف ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىدى. شۇ يىلى خېروششېف سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پولشادىكى ئەلچىخانىسىدا دېموكراتىيەنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق ئىكەنلىكى، كومۇنىزىمنىڭ ئىنتايىن ئىلغار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئاخىرىدا: «سېنى چوقۇم دەپنە قىلىۋىتىمىز!» دېگەن. ئەسلىدە بۇ سۆزنى توغرا تەرجىمە قىلغاندا: «سەن دەپنە قىلىنغاندا، بىز شۇ يەردە بۇلىمىز» دېگەنلىك بۇلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە خېروششېفنىڭ دېمەكچى بولغىنى: «بىز چوقۇم سەندىن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىمىز» ئىكەن. لېكىن ئامېرىكا دەۋر ژورنىلىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن ئامېرىكىلىقلار خېروششېفنى يادىرو بومبىسى ئارقىلىق دەپنە قىلىۋىتىدىغان بولدى دەپ قارىغان.

     ئۈچ يىل ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ خېروششېف بۇ سۆزنى ئايدىڭلاشتۇرمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەيۋە قىلىپ، سۈنئى ھەمرا ھەم قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرىلىدىغان سىنارەد قۇيۇپ بەرگەن. ئامېرىكىمۇ ئالەم بوشلىقى، باشقۇرىلىدىغان سىنارەت تەتقىقاتىنى كۈچەيتكەن. ئەگەر ئامېرىكىلىقلار خېروششېفنىڭ سۆزىنى خاتا چۈشەنمىگەن بولسا تۈنجى بۇلۇپ ئايغا چىقىدىغىنى ئامېرىكىلىق بولغىيمىدى؟ بۇ ھازىرغىچە سىر بۇلۇپ كەلمەكتە.

     1973- يىلى ئامېرىكا زوڭتۇڭى كات پولشاغا زىيارەتكە بارغان ھەم پولشادا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. ئامېرىكا كۈنىگە 150 ئامېرىكا دوللىرى مائاش بىرىپ، پولەك تىلىنىمۇ راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان بىر تەرجىماننى ياللىغان. بۇ تەرجىمان تۈنجى ئېغىز سۆزىدىلا خاتالاشقان ھەم بۇنى يىغىشتۇرۇپمۇ ئۈلگىرەلمىگەن.

     كات يىغىننىڭ باشلىنىش سۆزىدە: «بۈگۈن ئامېرىكىدىن ئايرىلىمەن» دېگەن، لېكىن تەرجىمان بۇنى «مەن ئامېرىكىدىن ئايرىلدىم، ئەمدى مەڭگۇ قايتىپ كەتمەيمەن» دەپ تەرجىمە قىلغان. كات: «بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مەقسىدى سىلەرنىڭ قارىشىڭلارنى ھەم كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدەڭلارنى چۈشۈنۈش» دېگەن. تەرجىمان بۇ سۆزنى: «مەن پولشانىڭ ئاچارچىلىقىغا چىدىيالمىدىم» دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ تەرجىمان ئەقەللىسى رۇس تىلى گىرامماتىكىسىنىمۇ بىلمىگەن. ھەم پولشا ئاساسى قانۇنىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋەتكەن. كاتمۇ ئۇنىڭ ناباپلىقىدىن ئاغرىنغان. كېيىن بۇ تەرجىمان ئىشتىن بوشىتىلغان. كات دۆلەت زىياپىتىدە يەنە بىر تەرجىماننى ياللىغان. ئۇ نۇتۇق سۆزلىگەندە ھەر بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بۇلۇپ بىر توختىغان، لېكىن بۇ تەرجىماندىن ھېچقانداق سادا چىقمىغان. كات يەنە بىر جۈملە سۆزنى ئېيتىپ بۇلۇپ يەنە توختىغان. بۇ قېتىممۇ تەرجىمان ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئېنىقكى بۇ تەرجىمان كاتنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمىگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter