ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى

2013-03-28 10:49     كۆرۈلۈشى: 1304 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك         قادىر ئىسلام        سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سوتسىيالىزمنىڭ قىممەت ئىدىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ‹....

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن

ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

       

قادىر ئىسلام

 

     سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سوتسىيالىزمنىڭ قىممەت ئىدىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ‹‹ باي – قۇدرەتلىك، دىموكراتىك، مەدەنىي بولۇش، ئەركىن، باراۋەر، ئادىل بولۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان بولۇش؛ ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي ۋە دوستانە بولۇش››نى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭدا پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، دۆلەت، جەمىئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ يادرولۇق قىممەت نىشانى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن.

     سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك، جاپالىق، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تۆۋەندىكىلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك:

     بىرىنچىدىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشنى مائارىپتىن باشلاش لازىم. ياش – ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشى كەلگۈسىنىڭ تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ، شۇڭا، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ھەردەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانا ئۇقۇتۇشىغا، مەكتەپنىڭ ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلىرىگە، كۈندىلىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ياش – ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تىكلەشكە يېتەكلەش لازىم.

     ئىككىنچىدىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشنى ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ ۋە ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تەشۋىقات شەكلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىغا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مەزمۇنى، مەنىسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىش، يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ھەممە ئادەم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بىلىدىغان، ھەممە ئادەم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بويىچە ئىش قىلىدىغان، ھەممە ئادەم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىدىغان جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچكە تولغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

     ئۈچىنچىدىن، تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ، مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۇزاققىچە، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئىلغار تىپلار ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

     تۆتىنچىدىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈش لازىم. تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بەرپا قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك شەكىل، شۇڭا، ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي بولۇش، دوستانە ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئەخلاق ئۆلچىمىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ پۇقرالىق ئېڭى، سەمىمىيەت ئېڭى ، مەسئۇلىيەت ئېڭىىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنى مەنپەئەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش، زىددىيەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ئىناق روھىي ھالەتنى ساقلاش، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا يېتەكلەش لازىم.

     بەشىنچىدىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۈزۈم، قانۇن – نىزام ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش داۋامىدا گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سوتسىيالىستىك ئىقتىسادى قۇرۇلۇش، سىياسى قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ سىياسەت، قانۇن، نىزاملار ۋە تۈزۈملەرنىڭ خاراكتېرىنى، يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپىنى تۈزۈم، سىياسەت، قانۇن – نىزاملارنىڭ مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسەتنىڭ يېتەكلەش رولى ۋە قانۇن، نىزاملارنىڭ چەكلەش رولى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.

     ئالتىنچىدىن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىدە مۇستەھكەم غايە ۋە ئېتىقاد تىكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرۈتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، توغرا ھوقۇق قارىشى، مەرتىۋە قارىشى، مەنپەئەت قارىشى تىكلەپ، خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، جاپادا ئالدىدا، راھەتتە ئارقىدا تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئىستىلى، ياخشى ئىدىيە – ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنى تەسىرلەندۈرۈشى، ئاممىغا باشلامچى بولۇشى، ئاممىنى يېتەكلىشى لازىم.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter