ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى

گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى

2013-03-25 4:19     كۆرۈلۈشى: 11,119 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنىڭ يەشمىسى   گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدا        گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش ۋە ....

گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش

لايىھەسىنىڭ يەشمىسى

 

گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدا

 

     گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش ۋە مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش نۇقتىلىق دەۋر قىلىنىپ، چوڭ تارماق تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، تۆمۈريول مەمۇرىيىتى بىلەن كارخانا ئايرىۋېتىلىدۇ، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، يېمەكلىك – دورا، ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق ۋە رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە، دېڭىز – ئوكيان، ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ كۈچەيتىلىدۇ.

     (1) تۆمۈريول مەمۇرىيىتى بىلەن كارخانىسى ئايرىۋېتىلىدۇ. تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ۋە تىرانسپورت تىجارىتىنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۆمۈريول تىرانسپورت تىجارىتىنىڭ تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھەر خىل قاتناش – تىرانسپورت ئۇسۇللىرىنىڭ بىر – بىرىگە جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆمۈريول مەمۇرىيىتى بىلەن كارخانىسى ئايرىۋېتىلىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ تۆمۈريول تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتىنى تۈزىدىغان مەمۇرىي مەسئۇلىيىتى قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ ۋە تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ باشقا مەمۇرىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۆمۈريول تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزۈش، تۆمۈريول بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى، تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى قۇرۇلۇپ، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ كارخانا مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىدىكى بىرتۇتاش بەلگىلەش – قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇش – يۈك توشۇش كەسپىنى باشقۇرىدۇ، مەخسۇس توشۇش، ئالاھىدە توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ، تۆمۈريول بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتىغا خاس جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ۋەھاكازالار.

     دۆلەت تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، تۆمۈريولنىڭ مەبلەغ سېلىش – يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتى ۋە كىرا باھاسى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى لىنىيە ۋە تىرانسپورتنىڭ قېلىپلاشقان ياردەم مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆمۈريول كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

     (2) دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قۇرۇلىدۇ. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك – ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش بايلىقى ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەپ، تۇغۇلغانلارنىڭ ساپاسى ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى بەلگىلەشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تۈزۈش، جامائەت ساغلاملىقى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش، ۋەھاكازالار.

     دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى ۋە نوپۇس سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش – تۈزۈش مەسئۇلىيىتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

     دۆلەت جۇڭگو تېبابەتچىلىكى – دورىگەرلىكى ئىدارىسى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.

     سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

     (3) دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. يېمەكلىك – دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېمەكلىك، دورىنىڭ بىخەتەرلىكى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پىرىيوم – كارانتىن باش ئىدارىسىنىڭ ئوبوروت ھالقىسىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستېمال ھالقىلىرىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە دورا بىخەتەرلىكى ئۈنۈمىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ۋەھاكازالار. سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرىنىڭ مۇناسىپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوشۇنى ۋە پىرىيوم قىلىش – ئۆلچەش ئاپپاراتى يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

     گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، كونكرېت خىزمەتنى دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى قوشۇپ ئاسىدۇ.

     يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنى باھالاش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى – بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ چوشقىنى قۇشخانىدا سويۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

     دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىك – باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئايرىم تەسىس قىلىنغان گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

     (4) دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسى، دۆلەت رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئاپپاراتى ۋە كەسپىنى، شۇنىڭدەك نەشر بۇيۇملىرى، رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ۋەھاكازالار. دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى قوشۇپ ئاسىدۇ.

     دۆلەت رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

     (5) دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى يېڭىباشتىن قۇرۇلىدۇ. دېڭىزدا قانۇن ئىجراسىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھازىرقى دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭ جۇڭگو دېڭىز نازارەتچىلىك باش ئەترىتى، ج خ مىنىستىرلىقى چېگرا مۇداپىئە دېڭىز ساقچى قىسىمى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى جۇڭگو بېلىقچىلىق ئىدارىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسى دېڭىزدا ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ساقچى قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭىباشتىن دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ، زېمىن – بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى دېڭىز – ئوكيان تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، دېڭىزدا ھوقۇقنى قوغداش – قانۇن ئىجرا قىلىش، دېڭىز تەۋەسىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش، ۋەھاكازالار. دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ نامى بىلەن دېڭىزدا ھوقۇقنى قوغداش – قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

     دېڭىز – ئوكيان ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ھەرتەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرى قاتلاملىق كېڭىشىش – ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى دۆلەت دېڭىز – ئوكيان كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە، دېڭىز – ئوكيانغا دائىر چوڭ ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

     دۆلەت دېڭىز – ئوكيان كومىتېتىنىڭ كونكرېت خىزمىتىنى دۆلەت دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

     (6) دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېڭىباشتىن قۇرۇلىدۇ. ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، ئېنېرگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھازىرقى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، دۆلەت ئېلېكتىر – ئېنېرگىيە نازارەتچىلىك – باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭىباشتىن دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەسى، يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تەكلىپ بېرىش، ئېنېرگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ۋەھاكازالار.

     دۆلەت ئېلېكتىر – ئېنېرگىيە نازارەتچىلىك – باشقۇرۇش كومىتېتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

     بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق دەرىجىلىك تۆت ئاپپاراتى ئازايتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغان ئىككى ئاپپارات ئازايتىلىدۇ، مۇئاۋىن مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاپپاراتلارنىڭ كۆپىيىش – ئازىيىشىنى بالانس قىلغاندا سان ئۆزگەرمەيدۇ. ئىسلاھاتتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، گوۋۇيۈەندە ئۆز تەركىبىگە كىرىدىغان 25 تارماق تەسىس قىلىنىدۇ:

1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى

2. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى

3. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى

4. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقى

5. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى

6. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقى

7. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى

8. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى

9. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى

10. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى

11. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى

12. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى

13. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مالىيە مىنىستىرلىقى

14. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى

15. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىن – بايلىق مىنىستىرلىقى

16. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى

17. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى

18. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى

19. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇچىلىق مىنىستىرلىقى

20. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى

21. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى

22. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى

23. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى

24. جۇڭگو خەلق بانكىسى

25. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىقتىسادىي تەپتىشلىك مەھكىمىسى

 

 

     گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغان تارماقلارنىڭ تەڭشىلىشى ۋە تەسىس قىلىنىشىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئاپپاراتلىرىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە تەسىس قىلىنىشىنى يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

 

گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆگەرتىش توغرىسىدا

 

     ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى. گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىكرو ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئازايتىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تۆۋەنگە بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تۆۋەنگە بېرىش، بىرىكتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئىككى ئاكتىپلىقنى مەركەزنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈچەيتىشكە تېگىشلىكلىرىنى كۈچەيتىپ، ماكرو باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈزۈم – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقۇق چېكى ئايدىڭ، ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت بىردەك، ھەرىكىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان فۇنكسىيە سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى باشقۇرالايدىغان، ياخشى باشقۇرىدىغان بولۇش، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى باشقۇرماسلىق، ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالماسلىق تەلىپىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش شەرت.

     (1) سېلىنمىنى تەستىقلاش تۈرىنى ئازايتىش ۋە تۆۋەنگە بېرىش. دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرگە تاقىلىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ‹‹كىم مەبلەغ سالغان، كىم تەدبىر بەلگىلىگەن بولسا، شۇ پايدا ئېلىش، خەۋپ – خەتەرگە شۇ ئىگە بولۇش›› پىرىنسىپى بويىچە، تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئەنگە ئېلىش دائىرىسى ئەڭ زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلىپ، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سېلىنما تۈرىنى تەستىقلاش كاتالوگى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىلىدۇ. ھەقىقەتەن تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان تۈرلەردە تەرتىپ ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ، ئاياغلاشتۇرۇش سۈرۈكى بەلگىلەپ بېرىلىدۇ.

     باشقا رايونلارغا تاقىلىدىغان مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان تۈرلەر ياكى ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەشكە توغرا كېلىدىغان تۈرلەر، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشىگە توغرا كېلىدىغان تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش پىرىنسىپى بويىچە تەستىقلاش ئازايتىلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ تەستىقلاشقا توغرا كېلىدىغان تۈرلەرنى بىردەك يەرلىك ھۆكۈمەت تەستىقلايدۇ. دۆلەت ياردەم پۇل بېرىش، ياردەم ئۆسۈم بېرىشكە ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يار – يۆلەك بولىدىغان جايلارنىڭ نۇقتىسى كۆپ، كۆلىمى كەڭ، مىقدارى زور، يەككە مەبلىغى ئاز تۈرلەردە، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى، پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمىنىلا بېكىتىدۇ، كونكرېت ئىشلارنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مۇناسىپ كۈچەيتىلىدۇ.

     سېلىنما پائالىيىتىگە تاقىلىدىغان يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بۇلغىما چىقىرىش جەھەتتىكى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، قانۇن – نىزام، تەرەققىيات يىرىك پىلانى، كەسىپ سىياسىتىنىڭ چەكلەش ۋە يېتەكلەش رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

     (2) ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىنى تەستىقلاش تۈرلىرى ئازايتىلىدۇ ۋە تۆۋەنگە بېرىلىدۇ. بازار سۇبيېكتى ئۆز ئالدىغا بىر قارارغا كېلەلەيدىغان، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك تەڭشىيەلەيدىغان، ساھە تەشكىلاتى تەلەپچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان، مەمۇرىي ئورگانلار ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ ھەل قىلالايدىغان تۈرلەردە تەستىق تەسىس قىلماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتى ۋە مەھسۇلات، بۇيۇم ئىجازىتى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ، ھەرخىل ئاپپاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى بېكىتىشكە ئوخشاش ئىجازەت بېرىلمەيدىغان تەستىق تۈرلىرى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ.

     قانۇن بويىچە يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقرىش – تىجارەت پائالىيىتىنى تەستىقلاشتا، ئومۇمەن بىۋاسىتە ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، مىقدارى كۆپ، كۆلىمى كەڭ بولغانلىرى ياكى جايلار يولغا قويسا تېخىمۇ قولايلىق، ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىرى بىردەك شۇ جايلارغا چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ.

     (3) ئىقتىدار ۋە سالاھىيەت جەھەتتىكى ئىجازەت ۋە بېكىتمە ئازايتىلىدۇ. مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى بويىچە ئالاھىدە نام – ئاتاق، ئالاھىدە شەرت ياكى ئالاھىدە ماھارەت ھازىرلاش تەلەپ قىلىنىدىغان كەسىپ، ساھە تەسىس قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ئىقتىدار – سالاھىيەت ئىجازىتىدىن باشقا ئىقتىدار – سالاھىيەت ئىجازىتى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سەۋىيەسىنى باھالاشقا توغرا كېلىدىغانلىرىدا، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى قانۇن بويىچە كەسپىي ئۆلچەم ياكى باھالاش مىزانىنى تۈزىدۇ، ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلەر كونكرېت بېكىتىدۇ.

     قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەنلىرى ياكى گوۋۇيۈەن ئېنىق بەلگىلىگەنلىرىدىن باشقا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، سېلىشتۇرۇش، باھالاش ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

     (4) مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم ۋە ھەق ئازايتىلىدۇ. مالىيە يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، مەركەزنىڭ جايلارغا قارىتىلغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ، بىرلەشتۈرۈۋېتىلىدۇ، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمى ۋە نىسبىتى ئاشۇرۇلىدۇ. جايلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ماس كېلىدىغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋە مەبلەغ تەقسىملەش خىزمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك نازارەتچىلىكى مۇناسىپ كۈچەيتىلىدۇ.

     قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند تۈرلىرى بىكار قىلىنىدۇ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ باجدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

     (5) تارماقلار مەسئۇلىيىتى گىرەلىشىپ كېتىش ۋە تارقاقلىشىش ئەھۋالى ئازايتىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئوخشاش بولمىغان تارماقلىرىغا تارقاقلاشقان ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەسئۇلىيەت ئەڭ زور دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تارماقلار مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆي تىزىملاش، ئورمان يېرىنى تىزىملاش، ئوتلاق تىزىملاش، يەر تىزىملاش مەسئۇلىيىتى، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار ئايرىم – ئايرىم بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر تارماققا ئارتىلىدۇ.

     قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار چىقىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە كان ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، دۆلەت مۈلكى ھوقۇقى سودىسى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق سۇپىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان جامائەت بايلىقى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى نازارەتچىلىكى – باشقۇرۇشى كۈچەيتىلىدۇ. كەسپى ئوخشاش بولغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، گۇۋاھلىق بېرىش ئاپپاراتلىرى بىرلەشتۈرۈلىدۇ. بىرلىككە كەلگەن ئىناۋەت ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، پۇل مۇئامىلىسى، سودا – سانائەت بويىچە تىزىملاش، باج تاپشۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق ئىناۋەت ئۇچۇرلىرى پەيدىنپەي شۇ سۇپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

     (6) سودا – سانائەت بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارارى بويىچە ئالدىن ئىجازەت ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان ئىشلاردا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، پۇقرالارنىڭ ھايات – مۈلۈك بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا تاقىلىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاۋۋال مەسئۇل تارماق تەستىقلاش، ئاندىن سودا – سانائەت بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشتىن قالىدۇ، سودا سۇبيېكتى سودا – سانائەت تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ؛ ئىجازەت ئېلىپ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىرى تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ مەسئۇل تارماققا ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى ئەمەلىي تاپشۇرغىنى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى تاپشۇرۇش ئېتىراپ قىلىنغىنى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ، سودا – سانائەت بويىچە تىزىملاشنىڭ باشقا شەرتلىرى يېنىكلىتىلىدۇ.

     سودا سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بازار سۇبيېكتى ۋە بازار پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، نازارەتچىلىك – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بازار تەرتىپى ھەقىقىي قوغدىلىدۇ.

     (7) ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئايرىلغان، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، قانۇن بويىچە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان زامانىۋى ئىجتىمائىي تەشكىلات تۈزۈلمىسى تېز شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئايرىۋېتىلىشى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ساھە تەلەپچانلىقى كۈچەيتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقىقىي تۈردە مۇلازىمەت قىلىدىغان، تەلەپنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان، ھەرىكىتى قېلىپلاشقان سۇبيېكتقا ئايلاندۇرۇلىدۇ. بىر ساھەدە كۆپ جەمئىيەت بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، رىقابەت مېخانىزمى كىرگۈزۈلىدۇ.

     ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تۈرىدىكى، پەن – تېخنىكا تۈرىدىكى، جامائەت پاراۋانلىقى تۈرىدىكى، شەھەر – يېزا مەھەللە مۇلازىمىتى تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈلۈپ، ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئاشۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇشتا، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا قانۇن بويىچە بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرسىلا بولىدۇ. كەسپىي مەسئۇل تارماقنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. خەلق ئىشلىرى تارمىقى قانۇن بويىچە تىزىملاپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك.

     پائال يېتەكلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، قانۇن بويىچە قاتتىق باشقۇرۇش پىرىنسىپى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇشنىڭ بىرتۇتاش تىزىملاش، ھەرقايسىسى ئۆز ئىشىغا مەسئۇل بولۇش، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش، دەرىجىمۇ دەرىجە مەسئۇل بولۇش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى تۈزەش قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

     (8) ماكرولۇق باشقۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ۋە كۈچەيتىلىدۇ. تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىش – ھۆكۈم قىلىش، تۈزۈم – مېخانىزمىنى لايىھەلەش، ئومۇمىيەتلىك ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيەلەر كۈچەيتىلىدۇ. ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمى كۈچەيتىلىپ، قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى، ئەمىر – پەرماننىڭ راۋانلىقى قوغدىلىدۇ. رايون قامىلى تۈگىتىلىپ، ساھە مونوپولى بۇزۇپ تاشلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بازىرىنىڭ بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلىشى، ئادىل – سەمىمىيلىكى، تەرتىپلىك رىقابىتى قوغدىلىدۇ. ئىجتىمائي باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ئۇسۇلى يېڭىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاممىۋى ساغلاملىق، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئۆز ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز سىستېمىسىدىكى ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت.

     (9) ئۇللۇق تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى، فۇنكسىيە تەقسىماتى، ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىنىشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىيەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. پۇقرالار كىملىك نومۇرى ۋە تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى ئاساس قىلغان بىرتۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كود تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، تېخنىكا ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئۇچۇر تورى، پۇل مۇئامىلە ئىسچوتى قاتارلىقلاردا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاش تۈزۈمى ۋە نەق پۇل باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ھەرخىل دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

     (10) قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش كۈچەيتىلىدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، تۈزۈم سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىلمىي، دېموكراتىك ئاساستا، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن كېيىنكى باھالاش ۋە خاتالىقنى تۈزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. مەسئۇلىيەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ بويىچە قاتتىق ئادا قىلىنىپ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش ئاساسى، جەريانى، نەتىجىسىنىڭ ئاشكارا بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تۈرلۈك نازارەتچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھوقۇق خەلقنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنىدۇ، مەمۇرىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى. گوۋۇيۈەنمۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىمۇ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، قانۇننىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشى، مۇقىملىقنى قوغدىشى لازىم. ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ئەمەل قىلىشى، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ئارقىلىق پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، تەربىيە بېرىشى، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter