(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى
سوتسىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى فۇ زەيشۆ)
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن سىرتلارغا چىقىش ئادەتتىكى ئىش، بىراق بەزى ئالاھىدە كىشىلەر، مەسىلەن، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر قىيىن ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ بىر جەھەتتىن، ھازىر جەمئىيەتتە چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا يار – يۆلەك بولۇش، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشتەك ئەخلاق قارىشى سۇسلىشىپ كەتتى. بۇ، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ يول يۈرۈشىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ قويدى. يەنە بىر جەھەتتىن، زۆرۈر ئەسلىھە كەمچىل بولغاچقا، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ يول يۈرۈش ھاجىتى قاندۇرۇلمىدى. بۇ، ئىجتىمائىي بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
ھازىر ئىجتىمائىي بايلىق نىسبەتەن چەكلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ياشلار بىلەن ياشانغانلار، ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن مېيىپلەر رىقابەتلىشىدىغان مۇناسىۋەت شەكىللەندى. ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا ياشانغانلار مەخسۇس ئولتۇرىدىغان ئورۇن بولۇشى، مېيىپلەرنىڭ چىقىپ چۈشۈشىگە قولايلىق ئاممىۋى ئاپتوبۇس بولۇشى كېرەكمۇ قانداق؟ ئاممىۋى قۇرۇلۇشلاردا ياشانغانلار، مېيىپلەرنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، مەخسۇس ئۆتۈشمە يول تەسىس قىلىش كېرەكمۇ؟ ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە ياشلارغا نىسبەتەن، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر ئىجتىمائىي رىقابەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپى ھەمىشە ئېتىبارسىز قالىدۇ ۋە قاندۇرۇلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر باشقىلارغا ئوخشاش سىرتقا ئەركىن چىقالماي، نورمال تۇرمۇشتىن بەھرىلىنەلمەيدۇ. ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئاجىز كىشىلەرگە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ باراۋەر ئاساستا ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا باسقانلىقى ۋە مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان، قىيىنچىلىقى بارلارغا يار – يۆلەك بولىدىغان، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئاجىزلارغا ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياشانغانلار، مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەلەرنى ئىگىلىۋالماسلىق؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ياشانغانلار، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك.