ئىسلاھاتنى قانۇن – تۈزۈم قېلىپىغا چۈشۈرۈش
دەۋرنىڭ مۇقەررەر تاللىشى
رىشات ھەسەن
يادرولۇق ئەسكەرتمە: شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ‹‹ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى قارار ›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹قارار›› دېيىلدى)نى سۇنۇپ، مەسئۇلىيەتنى كەچۈرۈم قىلىش يولى ئارقىلىق، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش مەغلۇپ بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولدى. مەزكۇر قاراردا ئىسلاھاتتا يېڭىلىق ياراتسا، ئەمما بەلگىلەنگەن نىشان ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىش قىلمىشلىرى سادىر بولمىغان شەرت ئاستىدا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى باھالىغاندا ئالاقىدار تارماقلار ۋە شەخسلەرگە سەلبىي باھا بەرمەسلىك، مەمۇرىي مەسئۇلىيىتى ھەم باشقا قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك تەلەپ قىلىندى.‹‹ئىسلاھاتتا مەغلۇپ بولۇش مەسئۇلىيىتى››نى سۈرۈشتۈرمەسلىك ئاللىقاچان ئىلمىيلىكىنى يوقاتتى. شاڭخەي ھۆكۈمەتنىڭ قارار چىقىرىشى ياكى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەرلىك قانۇن – نىزام تۈزۈش ئارقىلىق ئىسلاھاتتا مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن تۇنجى شەھەر ئەمەس. ئىلگىرى يۈننەن، ۋۇخەن، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگىلىمىلەر تۈزۈلگەن. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا خەينەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىر يەرلىك قانۇن ماقۇللىغان. مەزكۇر قانۇندا ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش مەغلۇپ بولغان ئەھۋالدا مەسئۇلىيەتنى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك، دېگەن ماددا چىقىرىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلاھاتتا مەغلۇپ بولغاندا مەسئۇلىيىتىنى كەچۈرۈۋېتىشكە بولامدۇ – بولمامدۇ دېگەن مەسىلىدە بىردەكلىك يوق، شۇڭا، بۇ مەسىلىنى چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا، ئەستايىدىل دەلىللىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە جۇڭگودا مۇكەممەل، ساغلام بولغان قانۇن – تۈزۈم مۇھىتى كەمچىل بولۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى تازا ئازاد بولمىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تەۋەككۈل قىلىش روھى يېتەرسىز ئىدى. بۇنداق شارائىتتا ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مەغلۇبىيەتنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئەلۋەتتە زۆرۈرىيىتى بار ئىدى. ئەمما، ھازىر ئىسلاھات تېخىمۇ مۈشكۈل، مۇرەككەپ باسقۇچقا قەدەم قويدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى ئاساسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلدى. بۇ باسقۇچتا ئاساسلىق مەسىلە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا پېتىنالماسلىق ئەمەس، بەلكى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق ياراتتىم دەپ، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈش، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش. شۇڭا، بۇ باسقۇچتا ھەرقانداق بىر سىياسەت ياكى قارار دېموكراتىك قانۇن – تۈزۈمنى ئاساس قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە نازارىتى ۋە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن بېرىلگەن باھاسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان قارار تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن قاراردۇر.
ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش شۈبھىسىزكى بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا ئەڭ ھەقلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش دەل ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ھەقلىق دەۋر ئېھتىياجلىرىدىن بولغاچقا، بەزى چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ پايدىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇنداق ‹‹ساختا ئىسلاھات›› ئويۇنىدا ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولسا كەچۈرۈم قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئەمەلدارلاردا گەرچە يامان غەرەز بولمىسىمۇ، ئەمما، ‹‹كەچۈرۈم قىلىش ئىمتىيازى››دىن ئىبارەت بىخەتەرلىك قالپىقى ئۇلارنى تەدبىر بەلگىلىگەندە ياكى تەدبىرنى كونكرېت ئىجرا قىلغاندا، كاللىسى قىزىپ كېتىپ قارىسىغا تەۋەككۈل قىلىش، ئىلمىي، مەسئۇلىيەتچان ئىش تۇتماسلىق، ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىش، بىپەرۋالىق قىلىشتەك خاتالىقلارنى سادىر قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىلمىي تەرتىپتىن ئىبارەت ئوربىتىدىن چەتنەپ كېتىدۇ – دە، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
مەيلى كارخانىنىڭ تىجارەت جەريانىدىكى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشى بولسۇن، ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسىنى جارى قىلىش جەريانىدىكى ئىسلاھات خاراكتېرىنى ئالغان يېڭىلىق يارىتىشى بولسۇن، ھەممىسىدە ئىسلاھاتچى رىغبەتلەندۈرۈشكە موھتاج. شۇندىلا ئۇنىڭ ئىزدىنىش ئاكتىپلىقى ئاشىدۇ، يۈرەكلىك ھالدا ئىسلاھات سىنىقى ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما، يەڭگىللىك بىلەن ئىسلاھاتتا مەغلۇپ بولۇش مەسئۇلىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئىلمىي بولغان رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئەمەس. ئىلمىي بولغان رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ، مۇكاپات بىلەن جازانىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ ئادەتتە ‹‹رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش مېخانىزمى›› دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسلاھات كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىققا قىلىنغان تەۋەككۈلچىلىك، ئىسلاھاتچىنىڭ بىلگىلى بولمايدىغان خەۋپكە يۈزلىنىشى، تەۋەككۈل قىلىشى ئېنىق. چۈنكى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش تەۋەككۈلچىلىكنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى، ئوچۇق ۋە مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنى ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە رەھبەرلەرنىڭ ئۆزىنى سىنايدىغان بىر پۇرسىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان قابىلىيەتلىك كادىرلارنى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ سەھنە بىلەن تەمىنلەش، لايىقىدا مەغلۇپ بولۇش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلەش ۋە غەلىبە قىلغان ئەھۋالدا ئېرىشىدىغان مۇكاپاتىنى تەكىتلەش ۋە بۇ مەزمۇنلارنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، قانۇن – تۈزۈم قېلىپىغا چۈشۈرۈش مەزكۇر زىددىيەتلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىدۇر.