قاتتىق ۋاسىتە قوللىنىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، ھەر
مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغدايلى
(ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەر شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتنىڭ
زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئەھۋالىنى
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى)
ئاپتونوم رايون 31- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ ، 30- ئىيۇل قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللامنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
30- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 4 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللام بامدات نامىزىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىپ بولۇپ تۇرغاندا، ئۈچ زوراۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ دېلوغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ تېلېفون بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.
دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج خ ئورگىنى نىشاننى تېزدىن بېكىتىپ ، شۇ كۈنى چۈشتە زوراۋانلار قولغا ئېلىنىپ، دېلو پاش قىلىندى.
جۈمە تاھىر داموللام 30- ئىيۇل مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە يەرلىككە قويۇلدى.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش يىغىنىدا، جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۈمە تاھىر داموللام ۋەتەننى، پارتىيەنى، ئىلىم – مەرىپەتنى سۆيىدىغان، بىلىمى مول زات بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىتى ۋە قانۇن- نىزاملىرى ۋە ھەق ئېتىقادنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. قەبىھ ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋان – تېررورچىلار بۇ دىنىي زاتقا ۋەھشىيلەرچە قول سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەت، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتكە قارشى رەزىل ماھىيىتى ۋە ساختا قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىدىيە ۋە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسى ۋە بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى يېڭىپ، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قايتا باش كۆتۈرۈش ۋە يامراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› نى ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قاتتىق ۋاسىتە ، قاتتىق ئىرادە بىلەن قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك؛ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشىنىش ۋە ئۇلارغا تايىنىش كېرەك، دۈشمەنلەرنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى دىنىي زاتلارنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى ۋە بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا ئىشىنىش ۋە ئۇلارغا تايىنىشتىكى كۈچلۈك ئىشەنچىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش، ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ‹‹زەربە بېرىشتە قاتتىق بولۇش، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتىمۇ قاتتىق بولۇش›› تا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات – تەربىيەنى قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇش كېرەك. ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ، بۇ قېتىمقى تىپىك دېلو ئارقىلىق زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئىنسانىيەت، دىنىي ئەقىدىگە قارشى رەزىل، ساختا ماھىيىتى ۋە ھەقىقەت ساداسىدىن قورقىدىغان ئاجىزلىقىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دۈشمەننىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل سۇيىقەستىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەق دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ۋە زوراۋان – تېررورچىلارغا ‹‹يولدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قېلىش››تەك جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا ئورتاق زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئەڭ زور چەكتە سەپەرۋەر قىلىپ، قايغۇنى كۈچكە، پاسسىپلىقنى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەن ئىناق، مۇقىم، ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداش كېرەك.
30- ئىيۇل سەھەردە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن جۈمە تاھىر داموللامنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، جۈمە تاھىر داموللامنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سورىدى. نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل ماھىيىتى، قەبىھ نىيىتى ۋە جىنايى سۇيىقەستىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق جازالاش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى بار، ھەرقانداق زوراۋان- تېررورچىنىڭ قانۇنىي جازاغا تارتىلماي ئەركىن يۈرۈشىگە، جەمئىيەتكە ۋە ئاممىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.
نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، ليۇ لېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى چوڭ بەنزىلىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى