ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> سۇ بايلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى

سۇ بايلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى

2013-04-01 1:13     كۆرۈلۈشى: 11,159 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: سۇ بايلىقىنى ئۈنۈملىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە  مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى    (ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى)        بۇ يىل 22 – مارت 21 – قېتىملىق ‹‹دۇنيا سۇ ....

سۇ بايلىقىنى ئۈنۈملىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە

 مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

 

 (ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى)

 

     بۇ يىل 22 – مارت 21 – قېتىملىق ‹‹دۇنيا سۇ كۈنى››، 22 – مارتتىن 28 – مارتقىچە 26 – قېتىملىق ‹‹جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى››. ب د ت 2013 – يىللىق دۇنيا سۇ كۈنىنىڭ تەشۋىقات تېمىسىنى ‹‹سۇ ھەمكارلىقى›› دەپ بېكىتتى، ئېلىمىزنىڭ بۇ يىللىق تەشۋىقات تېمىسى ‹‹سۇ بايلىقىنى تېجەپ ۋە قوغداپ، كۈچەپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلايلى››، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات تېمىسى بولسا ‹‹سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى».

     ج ك پ 18- قۇرۇلتايدا: ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەپ، سۇ بايلىقىنىڭ خوراش سىجىللىقىنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ مەنبەسى رايونىنى قوغداش ۋە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سۇدىن دەۋرىي پايدىلىنىپ، سۇ تېجەشچان جەمئىيەت قۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك››، دەپ ئېنىق تەلەپ قىلىندى. سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلە.

 

1.سۇ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى

 ئەڭ جانلىق تىزگىنلەش ئامىلى

 

     ئېكولوگىيەلىك سىستېما سۇ رايونى ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە قۇرۇلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى دەپ ئايرىلىدۇ. شىنجاڭ دېڭىز – ئوكياندىن يىراق، شۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ سۇ رايونى ئېكولوگىيە سىستېمىسى كۆل ئېكولوگىيە سىستېمىسى، دەريا ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇ رايونى ئېكولوگىيە سىستېمىسى سۇ ئاساس قىلىنىپ قويۇلغان نام بولۇپ، بۇنىڭدىن سۇنىڭ ئورنىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر سۇ بولمىسا كۆللەر قۇرۇپ كېتىدۇ، دەريالارنىڭ ئېقىنى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، سۇلۇق يەر يوقىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېغىر ئېكولوگىيەلىك ئاپەت پەيدا بولۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

     شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىز ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى يېقىن ئىگىلەيدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تۈزۈلۈش دائىرىسى روشەن، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغ تىزمىلىرى بىلەن كەڭ تەكشى ئويمانلىقلار بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن، ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› يەر شەكلى شەكىللەنگەن. دېڭىز – ئوكياندىن يىراق بولۇش ۋە ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرغان ئۇنىۋېرسال جۇغراپىيەلىك ئامىلنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى قۇرغاق بولۇپ، يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى مەملىكەتنىڭ %4 ىنىلا ئىگىلەيدۇ، سۇنىڭ پارلىنىشى كۈچلۈك بولۇپ، قۇرغاق، سۇ قىس بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تىپىك قۇرغاق، چۆللۈكتىن تەركىبلەنگەن بوستانلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگەن. قۇملۇق، چۆل – جەزىرە كۆلىمى %60 تىن ئارتۇقراقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تۈزلەڭلىكتىكى بوستانلىق كۆلىمى تەخمىنەن 130 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلا، كۆل كۆلىمى 5000 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئۆلكە – ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى، شۇڭا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ناچار.

 

 

     بوستانلىق ئىقتىسادى، سۇغىرىشقا تايىنىدىغان دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە سۇ – تۇپراق بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلانغان، شۇڭا يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %95 بولۇپ، ئىقتىسادىي سىستېما بىلەن ئېكولوگىيەلىك سىستېمىدا سۇ ئىشلىتىش زىددىيىتى ناھايىتى گەۋدىلىك، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىدا ‹‹ئۈچ كېڭىيىش، بىر كىچىكلەش››كە يۈزلىنىپ، سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى، قۇم يەر كۆلىمى كېڭىيىپ، تەبىئىي بوسانلىق كۆلىمى كىچىكلەپ كەتتى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلىك كۆلەمدىكى سۈنئىي بوستانلىقنىڭ يىللىق سۇ سەرپىيات مىقدارى تەبىئىي بوستانلىقنىڭ ئىككى – ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن. يەنى ھەر بىر بىرلىك كۆلەمدىكى سۈنئىي بوستانلىق كېڭەيسە، ئىككى – ئۈچ بىرلىك كۆلەمدىكى تەبىئىي بوستانلىق يوقىلىدىكەن ياكى قۇملۇق – بوستانلىق گىرەلەشمە ئۆتكۈنچى بەلباغقا ئايلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتكۈل قۇملۇق، بوستانلىق گىرەلەشمە بەلبېغىمۇ كىچىكلەپ، سۈپىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ، چۆللىشىشكە تېخىمۇ يېقىنلىشىدىكەن.

 

2. شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئەھۋالى

 

     شىنجاڭ تىپىك قۇرۇقلۇق قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، ھۆل – يېغىن ئاز، پارلىنىش كۈچلۈك. ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 155 مىللىمېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 83 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر، ئۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۈيى 78 مىليارت 900 مىليون كۇب مېتىر، يەر ئاستى سۈيى 4 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر (يەر ئۈستى سۈيى بىلەن قايتىلانمايدىغان قىسمى). شىنجاڭنىڭ كىشى بېشى سۇ بايلىقى مىقدارى 4000 كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كىشى بېشى سۇ مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ لېكىن بىرلىك كۆلەمنىڭ ھاسىلىي سۇ مىقدارى ھەر كىۋادرات كىلومېتىرنىڭ 53 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 3 – ئورۇندا تۇرىدۇ.

     ھازىر شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك سۇ ئامبىرىدىن 496 سى (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 13 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىرغا، سۇغىرىش ئۆستىڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 350 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاشئۆستەڭ %37 نى ئىگىلەيدۇ؛ 34 ئورۇندا چوڭ تىپدىكى سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇپ، سۇغىرىشى كۆلىمى 80 مىليون مودىن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئېتىز كۆلىمى 30 مىليون مودىن ئېشىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇغىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئاساس قىلىنغان سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

     2011- يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 52 مىليارد 351 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %60 ىنى ئىگىلەيدۇ، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. شىنجاڭ بويىچە ئىلى دەرياسى، ئېرىتىش دەرياسى ھەۋزىسىدىن باشقا ھەۋزىلەردە سۇ بايلىقى زىيادە ئېچىپ پايدىلىنىلماقتا. تۇرپان – قۇمۇل ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغى، دۆربىلجىن ئويمانلىقى، ئېبنۇر كۆلى ھەۋزىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە ئېچىش ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا.

     سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ئوخشاش تۈردىكى قۇرغاق رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى نىسبەتەن مول بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرالايدۇ. لېكىن، يەنىلا تۆت چوڭ چەكلىگۈچى ئامىل مەۋجۇت.

     بىرىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ ۋاقىت، بوشلۇق خاراكتېرلىك تارقىلىشى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەندىزە ماسلاشمىغان بولۇپ، غەربتە كۆپ، شەرقتە ئاز، شىمالدا كۆپ، جەنۇبتا ئاز، تاغلىق رايوندا كۆپ، تۈزلەكلىكتە ئاز بولۇشتەك بوشلۇق خاراكتېرلىك تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ‹‹ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق بولۇش، يازدا كەلكۈن كېلىش، كۈزدە قىس بولۇش، قىشتا قۇرۇپ كېتىش›› تەك ۋاقىت خاراكتېرلىك تارقىلىش ئالاھىدىلىكى شەكىللىنىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكى ۋە نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار قېزىلىدىغان رايونلاردا سۇ بايلىقى قىس بولۇپ، بۇ بايلىق خاراكتېرلىك سۇ قىس بولۇش ۋە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك سۇ قىس بولۇشقا تەۋە.

     ئىككىنچىدىن، سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ نىسبىتى %95 تىن ئاشىدۇ، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى تۆۋەن، بۇ قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ قىسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.

     ئۈچىنچىدىن، سۇ بايلىقى مۇۋاپىق پىلانلانماي ۋە تەقسىملەنمەي، قىسمەن ھەۋزە ۋە رايونلاردا سۇ بايلىقىنى زىيادە ئېچىش، سۇ بايلىقىنى ئىسراپ قىلىش ۋە سۇ بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلىنىشتىن باشقا، يەنە باشقۇرۇش خاراكتېرلىك سۇ قىس بولۇش زىددىيىتىمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ.

     تۆتىنچىدىن، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى ‹‹ئۈچ قىزىل سىزىق››نى تىزگىنلەش نىشانىغا يېتىش زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. 2015 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى 51 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا تىزگىنلەش زۆرۈر بولسىمۇ، ھازىر شىنجاڭدا سۇ ئىشلىتىلىش ئومۇمىي مىقدارى بۇ تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك سۇ بايلىقى مەسىلىسىگە ئايلاندى.

 

3. شىنجاڭدا سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى

 يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى

 

     شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسى ئىنتايىن ناچار، مۇبادا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن قىيىن، ھەتتا، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش شىنجاڭنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىغىلا ئەمەس، بەلكى، يەنە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىغا چېتىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى جەزمەن ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك. سۇ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى ساقلايدىغان ئەڭ جانلىق تىزگىنلەش ئامىلى، ئېكولوگىيەلىك سۇ قىسلىقى ۋە سۇنئىي بۇزغۇنچىلىق ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى چېكىندۈرۈۋېتىدىغان مۇھىم ئامىل. ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىدىغان ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان سۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا.

     قۇرغاق رايون ئىچكى قۇرۇلۇق دەرياسى ھەۋزىسىدىكى سۈنئىي بوستانلىقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سىستېمىسى ۋە تەبىئىي بوستانلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئالدىدا، نورمىلىق سۇ ئىشلىتىش مىقدارى تىزگىنلەنمىسە، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ كۆپلەپ ئىگىلىۋېلىنىدۇ. شۇڭا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا مۇھىم سۇ ئىشلەتكۈچى سۈپىتىدە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەۋزىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سىستېمىسى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى مۇۋاپىق تۈزۈش كېرەك. دەريا ئېقىنلىرىدىكى مەسئۇل تارماقلار ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىنى ئانالىز ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئاساسىدا، ئېكولوگىيەسى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ دائىرىسى، نىشانى ۋە ئېھتىياجلىق سۇ مىقدارىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىدىغان سۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەريالاردىكى ئاساسلىق تىزگىنلەش كەسمە بۆلىكىگە سۇ باشلاشنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشقا ۋە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ ئاكتىپ تەدبىر سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان سۇ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇنى ئېكولوگىيەگە قايتۇرۇشتۇر.

     شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى كۆپ، بىرلىك كۆلەمدىكى يەرنىڭ سۇ بايلىقى ئاز، سۇ بايلىقىنىڭ ۋاقىت – بوشلۇقتىكى تارقىلىشى ئىنتايىن تەڭپۇڭسىز، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ماس كەلمەيدۇ؛ سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان سۇ نىسبىتى زىيادە يۇقىرى، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى تۆۋەن؛ بولۇپمۇ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى شىنجاڭدىن ئىبارەت قۇرغاق رايوندا سۇ بايلىقى قىس بولۇش ۋەزىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش ئېھتىماللىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شەھەرلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رېئال ئېھتىياجى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى جەزمەن كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقى قىس بولۇش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، سۇ بايلىقى مۇرەككەپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلە.

     ھەردەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ بايلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە رولىنى ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن چوڭقۇر ئىگىلەپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، سۇچىلىق راۋاجلانسا، شىنجاڭ گۈللىنىدۇ، دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى بېكىتىشى كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، سۇ بايلىقىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى تېجەش بىلەن قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش، سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىپ، چەكلىك سۇ بايلىقىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تىرەك قىلىشى كېرەك.

     سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەردەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبايلىقىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى ‹‹ئۈچ قىزىل سىزىق››تىن ئىبارەت ئاساسلىق تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى جايلارنىڭ نەتىجە – ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جايلارنىڭ سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاشتا، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇندىيالمىغانلار ئالاقىدار تاراتقۇلاردا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىشى، نەتىجە – ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە مۇھىم سېلىشتۇرۇپ باھالاشتا ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، سۇ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار تۈرلەرنى تەستىقلاشنى بىردەك ۋاقىتلىق توختىتىش ھەم كېيىنكى يىللىق سۇچىلىق سېلىنمىسىنى تەكشۈرۈپ كېمەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

 

4. شىنجاڭدا سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى

 بىر قانچە ئاچقۇچلۇق مەسىلە

 

     سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كەسكىن سۇ بايلىقى ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زور تەدبىرى. بۇنىڭدىكى مەقسەت سۇ بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى ‹‹ئۈچ قىزىل سىزىق›› تۈزۈمى ۋە باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە يولغا قويۇش. بىرىنچىدىن، سۇ بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى كونترول قىلىش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىشنى قاتتىق يولغا قويۇش؛ ئىككىنچىدىن، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى كونترول قىلىش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىپ، سۇ ئىشلىتىشتىكى ئىسراپچىلىقنى قەتئىي چەكلەش؛ ئۈچىنچىدىن، سۇ ئىقتىدار رايونىدا بۇلغىمىنى چەكلەش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىپ، دەرياغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ۋە باھالاش تۈزۈمىنى بېكىتىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك.

     ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹سۇچىلىق راۋاجلانسا، شىنجاڭ گۈللىنىدۇ›› دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى بېكىتىشتىكى مەقسىتى، سۇچىلىقنى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تىرىكى قىلىپ، سۇچىلىقنى چوقۇم ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش. ‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭنىڭ سۇچىلىقى يېڭى پەللىگە چىقىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى سۇچىلىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى، نىشانى ئاساسەن بېكىتىلىپ بولدى، پىلاندىكى ئومۇمىي مەبلەغ 131 مىليارد 88 مىليون يۈەن بولۇپ، 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى پىلان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 4.33 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر. نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى تەجرىبىسىنى يەكۈنلىگەندە، ئىشەنچلىك ھالدا شۇنداق ئېيتالايمىزكى، بۇ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا ئىشەنچىمىز كامىل، لېكىن بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى، ۋەزىپىمىزگە يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى: يەنى 2020 – يىلىغا بارغاندا يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى 0.57 گە يەتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ نىسبىتىنى %90 تىن تۆۋەنلىتىپ، ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى 51 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىر ئىچىدە كونترول قىلىمىز. بۇ كۆرسەتكۈچلەرنى مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشقىلا تايانساق ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىمىز مۈمكىن، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى ھەر يىلى 0.01 ئۆستۈرسەك، بۇ ھەر يىلى 500 مىليون كۇب مېتىر سۇنى تېجەپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ نىشانلارنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تېجەلگەن سۇنى يېزا ئىگىلىكىدە بوز يەر ئېچىشقا ئىشلەتمەسلىكنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىز چوقۇم يۈزلىنىدىغان كەسكىن تېما. بۇ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە سۇ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى سىنايدىغان زور سىناق، بۇ سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى پۇختا يولغا قويۇپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاچقۇچلۇق مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا ئېھتىياجلىق.

     (1) سۇ بايلىقىنى چىڭ باشقۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى مەلۇم دەرىجىدە بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى ئەكسىچە يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقىنىڭ قامداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. جايلارنىڭ تەرەققىياتىدا چوقۇم شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقىنىڭ قامداش ئىقتىدارىنى شەرتسىز ئويلىشىپ، سۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى جەزمەن ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەدبىرىنى بەلگىلەشتە سۇ بايلىقىنىڭ چەكلەشچانلىق، كونترولچانلىق ۋە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۇ ئارقىلىق ئېھتىياجنى، سۇ ئارقىلىق تەرەققىياتنى بېكىتىپ، سۇ بايلىقىنى دەلىللەشنى پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسى جەھەتتىن سۇنى كۆپ سەرپ قىلىش، كۆپ بۇلغىما چىقىرىش، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش (يېزا ئىگىلىكى، سانائەت قاتارلىق) ۋە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال ئۇسۇلىنى ئاكتىپ يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن سۇ بايلىقى ۋە سۇ مۇھىتىنىڭ قامداش ئىقتىدارىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

     (2) سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمى سۇ بايلىقىنىڭ قامداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش مىقدارى ئېشىپ كېتىش، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە ئېچىش قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، يەرنى رەتلەش، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن تولۇقلاپ بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق ناملاردىن پايدىلىنىپ، بوز يەر ئېچىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت.

     يولغا قويۇلىدىغان ياكى قويۇلغان تۈرلەرنى دەرھال توختىتىش، يەنە بايقالسا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جايلار سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمىنى جەزمەن قاتتىق كونترول قىلىپ، سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىشى، سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمىنى سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچى ئىچىدە تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، يېزىلاردىكى 2 – قېتىملىق ھۆددىگە بېرىلگەن يەر، ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان چارۋىچىلارنىڭ يەم – خەشەك يېرىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، سۇغىرىلىدىغان باشقا يەرلەرگە سۇ ئىشلىتىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يەردىن سۇغا قايتۇرۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى يېڭىدىن كۆپەيتمەسلىك كېرەك.

     (3) يەر ئاستى سۈيىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئېچىش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئېچىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئېكولوگىيەنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جايلار يەر ئاستى سۈيىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى قانۇنسىز تارتىش ئەسلىھەلىرىنى قانۇن بويىچە تاقاپ، رايون يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش ئومۇمىي مىقدارى بىلەن يەر ئاستى سۈيى ئورنىنى تەڭ كونترول قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. يەر ئاستى سۈيى زىيادە ئېلىنغان رايونلارنى ئايرىپ ۋە ئېلان قىلىپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش چەكلەنگەن رايون ۋە ئېچىشقا بولىدىغان رايون دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، 2015 – يىلىغا بارغاندا يەر ئاستى سۈيىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئېچىش مىقدارىنى 1 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر ئازايتىپ، ئېچىش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

     (4) سۇ بايلىقىنى قاتتىق قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۇ بايلىقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ جانلىق چەكلىگۈچى ئامىل. جايلار سۇ ئىقتىدار رايونىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىغا چەك قويۇشنى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، ھازىرقى بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى سۇ ئىقتىدارى رايونى چەكلىمىسىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا سۇ ئىشلىتىش ۋە دەريا – كۆللەرگە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى چەكلىشى كېرەك. ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونلىرىنى ئېنىق بېكىتىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زاپاس سۇ مەنبەسى تەييارلاپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونلىرىدا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزى ئورنىتىشنى چەكلەپ، ھازىر بار بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرىي تاقىۋېتىش كېرەك. سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يۈزىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئورمانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى چەكلەپ، ھازىر بار بولغان تەبىئىي بوستانلىق، دەريا – كۆل، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىدا، مۇھىم ھەۋز – كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، بوستانلىق ۋە ئەتراپتىكى سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىپ، دەريالارنى قوغداپ، سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى ۋە سۇ مۇھىتىنى ياخشى قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا سۇ بايلىقى كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

     (5) سۇنى قاتتىق تېجەپ ئىشلىتىپ، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سۇ تېجەشچان جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك. سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش سۇ بايلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر كۆلىمىنىڭ زىيادە كېڭىيىشىنى كونترول قىلىپ، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى سانائەت تۈرى قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە قالايمىقان سۇ ئىشلىتىشنى توسۇپ، تېزدىن سۇ تېجەش تىپىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلما شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۇ تىجەشتە ‹‹بىرلا ۋاقىتتا لايىھەلەش، بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلۇش قىلىش، بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش›› تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتمىغانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرمەسلىك كېرەك. سۇنى نۇرمىلىق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى، سۇ ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىپ، سۇ تېجەش تېخنىكىسى ۋە سۇ تېجەش ئۈسكۈنىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، پىلاندىن، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە سۇ تېجەش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلارغا ھەسسىلەپ باھا قوشۇش تۈزۈمى ۋە سۇ ئىشلىتىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

     ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، سۇ بايلىقىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېھتىياجنى سۇغا قاراپ بېكىتىش، سۇ مىقدارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، سۇغا ئاساسەن مۇۋاپىق تۈزۈم ئورنىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە بېقىپ باشقۇرۇشنى سۇ ئېھتىياجىغا قاراپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› مۇساپىسىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، دەۋرىيلىك تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەر ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىپ، سۇنى قەدىرلەپ، سۇنى ئاسراپ، سۇنى تېجەپ، شىنجاڭنى قول تۇتىشىپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشمىز كېرەك!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter