ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش

ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش

2013-04-03 11:56     كۆرۈلۈشى: 1419 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: كامال جامال        كىشىلىك مۇناسىۋەت كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماستىن، ئادىمىيلىكنى ئۆلچەيدىغان ئادىل تارازا. ئادەم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ....

كامال جامال

 

     كىشىلىك مۇناسىۋەت كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماستىن، ئادىمىيلىكنى ئۆلچەيدىغان ئادىل تارازا. ئادەم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزىدە ئادىمىيلىكنى، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلالايدىغان پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. بىز باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلغاندا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيمىز. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ چېتىلىش دائىرسى كەڭ، مۇرەككەپ بولۇپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە راستچىل، سەمىمىي، كىچىك پېئىل، چىقىشقاق بولغاندىلا ھۆرمەتلەشكىمۇ، ھۆرمەتلىنىشكىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھۆرمەت بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك ئوبرازىغا بېرىلگەن باھا بولۇپ، ھۆرمەتتىن قەلبلەرنى كۆكلەتكىلى بولسا، يەنە ئادەمگە روھىي ئازادىلىك ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. كىشىلىك ئالاقە كىشىلەرنىڭ سۆز – ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەنسىمۇ، سۆز – ھەرىكەتتىكى قوپاللىق، خاراكتېردىكى مەنمەنلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتتە توساق پەيدا قىلىپ، باشقىلارغا بىزارلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەلنىڭ تەرىپلىشى ھۆرمەتنىڭ كاتتا سوۋغاتلىرى بولسا، ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت.

     ھۆرمەتنىڭ قۇدرىتى قۇياشنىڭ تەپتىدەك قەلب ئاسمانلىرىنى ئىللىتسا، ھۆرمەتنىڭ ئېنېرگىيەسى يەنىلا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتىن ھاسىل بولىدۇ. چىن ھۆرمەتنى پۇل – مالغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئادىمىيلىككە باغلانغان خالىس ياردەم، تەمەسىز ئىللىقلىق يەتكۈزۈشلەر قەلبلەر تۆرىگە نەقىشلىنىپ، يۈرەكلەرگە ئالبوملىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، غۇلجا شەھىرىدىكى نۇرتاي ھاجىنىڭ ھۆرمىتى ئۇ بېشىنى سىلىغان، ئوقۇتقان 1000 يېتىم – يىسىرنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن بولسا، يەنە مىليونلىغان كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. تەپەككۇرى جايىدا ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى كۆزەتكىنىمىزدە، دىيارىمىزدا چولپاندەك نۇر چىچىپ تۇرغان ئاشۇ مېھرىبان ئانىلار، مېھرىبان ئاتىلارنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيمىز. ھۆرمەتلەش، ھۆرمەتلىنىش دېگەندە ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى بىلىشى كېرەك. كونىلاردا ‹‹بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن›› دېگەن ھېكمەت بار. شۇڭا ھەممە ئىشتا ئىنساب – دىيانەت، باراۋەرلىك ئورنىدا تۇرۇپ، باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

     جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتساق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىگە، شۇنىڭدەك كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئورتاق مەۋقەگە ئايلاندۇرۇش جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايدۇ. دېمەك مەيلى ئائىلە ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن، ھۆرمەتلەش بىلەن ھۆرمەتلىنىشنى كىشىلىك قىممەت قارىشىمىزنىڭ يىلتىزى قىلىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ