ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىستىل ئۆزگەرتىشتە تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

ئىستىل ئۆزگەرتىشتە تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2013-04-03 12:08     كۆرۈلۈشى: 1369 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      «خەلق گېزىتى›› 19 – مارت ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن ئىككى پارچە خەتنى ئېلان قىلدى. بىرى ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان مەمۇرنىڭ خېتى بولۇپ، ئۇ ئۆزى يولۇققان غەلىتە ئەھۋالنى يازغان: ئىدارە ‹‹سەككىز بەل....

     «خەلق گېزىتى›› 19 – مارت ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن ئىككى پارچە خەتنى ئېلان قىلدى. بىرى ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان مەمۇرنىڭ خېتى بولۇپ، ئۇ ئۆزى يولۇققان غەلىتە ئەھۋالنى يازغان: ئىدارە ‹‹سەككىز بەلگىلىمە›› نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن زىياپەت داۋاملىشىۋەرگەن، قارتا ئويناش ئۈزۈلمىگەن، كېچىكىدىغانلار كېچىكىۋەرگەن، بالدۇر كېتىدىغانلار كېتىۋەرگەن. ناھىيە رەھبەرلىرى ئىدارىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئىدارە باشلىقىنىڭ دوكلاتىدا ھەممە ‹‹ئەتراپلىق›› تەسۋىرلەپ بېرىلگەن: ‹‹ھازىر كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەسى، روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى››. بۇ مەمۇر: ئىستىل ئۆزگەرتىلدىمۇ؟ دەپ ھەيران قالغان. يەنە بىر پارچە ‹‹ئامما بىلەن خەت – چەك ئارقىلىقلا مۇناسىۋەت باغلىماسلىق كېرەك›› تېمىسىدىكى خەتتە: مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈشنى ‹‹ماتېرىيال تەييارلاش›› بىلەنلا پۈتكۈزىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

     بىرىنچى پارچە خەتتە: يەنە مۇنداق بىر تەپسىلات بار: خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ غەرق مەست ھالدا كومپيۇتېردا ھەدەپ ئويۇن ئويناۋاتقان بۆلۈم باشلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹تۇتۇلۇپ قالمىغىن يەنە، ھەممە ئۆزگىرىۋاتىدۇ ھە!›› دەپ قويۇپلا كېتىپ قالغىنىنى كۆرۈپ ھەيران بولدۇم. بۇنى كۆرگەن، كۆپ يىل خىزمەت قىلغان ‹‹كۆپنى كۆرگەن›› لەرنىڭ قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: بۇ قانچىلىك ئىشتى، ‹‹سەن يېڭى كەلداخۇن›› بەك كۈچەپ كېتىپسەن، دېيىشى مۇقەررەر. نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقانلارلا مۇشۇنداق ‹‹يۇقىرىنىڭ سىياسىتى بولسا، تۆۋەننىڭ تەدبىرى بولۇش›› نى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش دەپ قارايدۇ؟ تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››نى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار قايتا – قايتا تەكىتلىسىمۇ، يەنىلا كۆپ قىسىم تارماقلار ۋە ئاپپارات خادىملىرى بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، پەقەتلا بىر مەزگىللىك ئۆتۈپ كېتىدىغان شامال، شەكىلۋازلىق دەپ قارىدى. ‹‹يېڭى كەلداخۇن›› لار بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولغان، بىراق بۇنىڭدىن ھۇزۇر ۋە خۇشاللىق تېپىپ يۈرگەن ‹‹كۆپنى كۆرگەنلەر›› بۇنى كۆرۈۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ھەم ‹‹سۇ كەلگىچە توغان تۇت›› ىدىغان كونا يولنى بويلاپ مېڭىشنى ئۆگىنىۋالغان ھەم بۇنى كۆپ قېتىم سىنىغان. شۇڭا ھۆججەت ۋە ئۇنىڭ روھىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش ۋە تۆۋەنگە يەتكۈزۈش يېتەرلىك ئەمەس. مەسىلەن: ئامما دائىم نازارەت قىلسا، ئۇلار يەنە مۇشۇنداق قىلچە ئەيمەنمەستىن ياسالمىلىق قىلالامتى؟ ‹‹تۆۋەننىڭ تەدبىرى بار›› دەپ يېنىكلىك بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقاندا يۇقىرىنىڭ تۈزۈمى ئوخشاشلا مۇكەممەللىشىشى كېرەك. شۇنداقتا مەيلى ‹‹يېڭى كەلداخۇن›› ياكى ‹‹كۆپنى كۆرگەنلەر›› بولسۇن ھەممىسىنىڭ كۆڭلىدە قورقۇمسىراش پەيدا بولۇپ، خىزمەتتە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، بەجانىدىل خىزمەت قىلىدىغان بولىدۇ.

     مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter