ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىلغار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىر قانچە قاراش ھەققىدە

ئىلغار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىر قانچە قاراش ھەققىدە

2013-03-21 11:08     كۆرۈلۈشى: 1310 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى››دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ مۇھىم ھۆكۈم – ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي ئورنى، ئ....

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى››دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ مۇھىم ھۆكۈم – ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي ئورنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەشتە نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

1. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا شەكىللەنگەن

 

     30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە مەيدانغا كەلدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى؛ ‹‹سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش››دىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات باسقۇچى، تۈپ ۋەزىپىسى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، رەھبەرلىك كۈچى، تايانچ كۈچى قاتارلىق زور مەسىلىلەردە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇڭا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەمەلىيەت ئاساسى دېيىشكە بولىدۇ.

     «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەركىب، تەشكىلىي شەكىل، ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ۋە تەقسىمات شەكلى كۈنسېرى كۆپ خىللاشتى. بولۇپمۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىسادنى ئاساس، پەن – تېخنىكىنى يېتەكچى قىلغان ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا پارتىيەمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى رەھبەرلىك قىلالايدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ يولداش جياڭ زېمىن ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ۋە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش››تىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىگە تۇنجى قېتىم ئىجادچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى. بۇ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدەك زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە شەكىللەندى ۋە راۋاجلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويغان ۋاقىتتا بەزىبىر چوڭقۇر قاتلامدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. يەنى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بەزىبىر تۈزۈلمە، مېخانىزملار ھېلىھەم مەۋجۇت بولماقتا؛ كىرىم تەقسىمات پەرقى كۈنسېرى زورايماقتا؛ شەھەر – يېزا، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل بولماقتا؛ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى دەل سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى يەكۈنلەش، چەت ئەللەرنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئۆرنەك قىلىش، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەتبىقلاش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەگەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتى بولمىغان بولسا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولاتتى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ‹‹سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش››، ‹‹قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش››تىن ئىبارەت زور مەسىلىلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جاۋاب بېرىش ئاساسىدا، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ نېمىلىكى، قانداق بولغاندا ئىلمىي تەرەققىيات بولىدىغانلىقى، ‹‹تەرەققىياتتا كىمگە تايىنىش››، ‹‹قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش››، ‹‹نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش››تەك مەسىلىلەرگە ئىجادچانلىق بىلەن ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، مۇكەممەل بولغان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

     دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر ئۆزئارا تومۇرداش بولغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ نەزەرىيەۋى سىستېما نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ بوشاشماي ئىزدىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتەك ئەقىل – پاراسىتى ۋە قان – تەرى سىڭگەن، ئۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە، پارتىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سىياسىي ۋە مەنىۋى بايلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساس.

 

2. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا

ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ

 

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ.

     بىرىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتى ئىدىيەنى ئازاد قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىدىيەنى ئازاد قىلىش ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان غايەت زور كۈچ. يېڭى تارىخىي دەۋردە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئارقىلىق ئىدىيەنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

     ئىككىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتنىڭ چېكى بولمىغىنىدەك يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ. ئىدىيەنى ئازاد قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىردىن – بىر يولى، ھەم ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭمۇ ئاچقۇچىدۇر. شۇڭا، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش لازىم.

     ئۈچىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانى كەڭ خەلقنىڭ ئىشتراك قىلىشى ۋە قوللىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قوغداشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى پۈتكۈل خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىش، خەلقنىڭ رازى بولۇش – بولماسلىقىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان – بولمىغانلىقىنى ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىش لازىم. خەلقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى ئاكتىپچانلىق، ئىجادچانلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەپ، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تولۇق بەھرىمەن قىلىش لازىم.

 

     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2013- يىلى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter