Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى

سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى

2013-03-20 4:22     كۆرۈلۈشى: 11,124 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى    (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى) 184- نومۇرلۇق   1-ماددا بۇ چارە سۇ ھاي....

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن

مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى

 

 (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى)

184- نومۇرلۇق

 

1-ماددا بۇ چارە سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ ھايۋانلىرى تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جامائەت ساقلىقى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <بېلىقچىلىق قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش ھەمدە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ چارىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى: بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش سۇ ھايۋانلىرىنىڭ يۇقۇمىدىن ساقلىنىش ۋە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

     بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ھايۋانلىرى دېڭىز – ئوكيان، ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇلۇق رايونىدىن قانۇنلۇق تۇتۇلغان ياكى سۈنئىي بېقىلغان بېلىق تۈرلىرى، قاسراقلىق جانلىقلار، قۇلۇلە تۈرلىرى، يۇمشاق تەنلىكلەر قاتارلىق سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تىرىك تېنىنى كۆرسىتىدۇ.

     بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقى سۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، بېقىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە پەن تەتقىقات تەجرىبىلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقى، يۇمران تەنچىسى، تۆرەلمىسى ھەمدە باشقا ئېرسىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئانىلىقى، يۇمران تەنچىسى، تۆرەلمىسى ھەمدە باشقا ئېرسىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ماتېرىيالىنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلشنى ئاساس، ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك ۋاكسىنا، دورا، ئەسلىھە ۋە مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلىشى لازىم.

6-ماددا ناھىيە (شەھەر) دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

     چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق، سەھىيە، سودا – سانائەت، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە، سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

7-ماددا سۇ ھايۋانلىرىدا بولىدىغان 1 – ، 2 – ، 3 – تۈردىكى يۇقۇم ئۆلچىمى دۆلەتلىك ھايۋانات يۇقۇمى كاتالوگى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

     ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، باقمىچىلىق تۈرى، باقمىچىلىق ئەندىزىسى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

8-ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمى كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان باقمىچىلىق رايونلىرىغا قارىتا نۇقتىلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشى، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا ئانالىز قىلىپ، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

9- ماددا سۇ ھايۋانلىرىنى باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر باقمىچىلىق سۇ دائىرىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشى، سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىنى كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەمدە باقمىچىلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

باقمىچلىق ئارخىپىغا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى يېزىش كېرەك:

(1) سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تۈرى، سانى، مەنبەسى ۋە فېرمىغا كىرگەن، چىققان ۋاقتى؛

(2) يەم، يەم خۇرۇچى قاتارلىق سېلىنغان بۇيۇملار ۋە بېلىق دورىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، نامى، ئىشلىتىلىش مىقدارى ھەمدە ساقلاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللار؛

(3) كۆزىتىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئەھۋالى؛

(4) سۇ ھايۋانلىرىنىڭ كېسەل بولۇش، ئۆلۈش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى.

10-ماددا سۇ ھايۋانلىرىنى باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن سۇ ھايۋانلىرىغا يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىكىنى بايقىغانلىرى، شۇ جايدىكى ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىش ھەمدە ئايرىۋېتىش قاتارلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك؛ باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر سۇ ھايۋانلىرىغا يۇقۇملۇق ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىكىنى بايقىسا، دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

      يۇقۇم مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقتىدا زۆرۈر تىزگىنلەش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا يوللىشى لازىم؛ سۇ ھايۋانلىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلسە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات مۇداپىئەسى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

11-ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ياكى ساھەنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە كارانتىن قىلىشى كېرەك. دۆلەت، ساھە ئۆلچىمى بولمىغانلىرىغا قارىتا، ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسى يەرلىك ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىپ، شۇ دەرىجىلىك ئۆلچەملەشتۈرۈشكە مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يوللاپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

12-ماددا سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى سېتىش ياكى توشۇشتا، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسى سېتىش ياكى توشۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن ئۇرۇق تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ناھىيە (شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا كارانتىن قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك. كارانتىندىن ئۆتۈپ، ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن جايىدىن ئايرىلسا بولىدۇ.

13-ماددا ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كارانتىن قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە سۇ ھايۋانلىرىنى كارانتىن قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىشى، تۆۋەندىكى شەرتكە ئۇيغۇن بولغانلىرىغا، ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك؛

(1) مەزكۇر فېرمىدا يېقىندا 12 ئاي ئىچىدە سۇ ھايۋانلىرىغا ئالاقىدار يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا؛

(2) ئۇرۇق كىلىنىكىلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا؛

(3) دۆلەت سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىغا دىياگنوز قويۇش تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى بەلگىلەنگەنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسى تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا؛

(4) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

14-ماددا قانۇنلۇق تۇتۇلغان ياۋايى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى بېقىپ كۆپەيتىش، سېتىش ياكى توتۇشتا، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسى ئاۋۋال ياۋايى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئايرىۋېتىپ، تۇتقان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ناھىيە(شەھە)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا كارانتىن قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك؛ كارانتىندىن ئۆتۈپ، ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن باقمىچىلىق مەيدانىغا قويۇپ بەرسە، ساتسا ياكى توشۇسا بولىدۇ.

     ئايرىۋېتىش مەيدانى دۆلەت بەلگىلىمىسىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

15-ماددا تەبىئىي سۇ دائىرىسىگە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قويۇپ بېرىشتە، سۇ ھايۋانلىرى ئۇرۇقىنىڭ ئەسلىي نەسلى ياكى كېيىنكى بىر ئەۋلادلىرىدىن باشقىلىرىدا، قويۇپ بېرىدىغان ئورۇن ياكى شەخس چوقۇم مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئاپپاراتقا ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى ھاۋالە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكنى باھالاش دوكلاتىنى تەييارلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى لازىم؛ ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزمىسە، قويۇپ بەرسە بولىدۇ.

     تەبىئىي سۇ دائىرىسىگە سىرتتىن كىرگەن تۈر، گېنى يۆتكەلگەن تۈر، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە شالغۇت تۈرلەرنى ھەمدە ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان باشقا سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

16-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىن سىرت جايلاردىن سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كىرگۈزۈشتە، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسىدا چوقۇم ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. بارار جايىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايىدىكى ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا 24 سائەت ئىچىدە مەلۇم قىلىشى ھەمدە بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

17-ماددا كارانتىن خادىملىرى كارانتىن قىلغاندا، كارانتىن خىزمەت خاتىرىسىنى تولدۇرۇشى، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كارانتىن قىلىشقا ئىلتىماس قىلغان ۋاقتى، كارانتىن قىلغان ۋاقىت، كارانتىن قىلغان ئورۇن، كارانتىن قىلىنغان ھايۋانات تۈرى، سانى ھەمدە ئىشلىتىلىش ئورنى، كارانتىن نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، كارانتىن ئىسپاتىنىڭ نومۇرى قاتارلىقلارنى تەپسلىي خاتىرىلىشى ھەمدە مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزۇشى كېرەك. كارانتىن خىزمەت خاتىرىسى 24 ئايدىن يۇقىرى ۋاقىت ساقلىنىشى كېرەك.

18-ماددا ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كارانتىندا لاياقەتسىز بولغان سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىغا قارىتا، كارانتىن بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەر قوللانغان يۇقۇمدىن ساقلىنىش دېزىنفېكسىيەسى ياكى زىيانسىزلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

19-ماددا سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ چارە ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزام بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرىنى تولۇقلاپ كارانتىن قىلىشى كېرەك:

(1) ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى بولمىسا؛

(2) سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى ماس كەلمىسە؛

(3) ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى ئىناۋەتلىك مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛

(4) ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىنى ئۆزگەرتكەن، يالغاندىن ياسىغان بولسا.

تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش مەزگىلىدە، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى سېتىشقا، توشۇشقا بولمايدۇ.

20-ماددا ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قانۇن بويىچە كارانتىن قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە كارانتىن ھەققى ئالغاندىن سىرت، باشقا ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

21-ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەكشۈرۈشى لازىم:

(1) باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلىنىڭ باقمىچىلىق كىنىشكىسى، سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئارخىپى؛

(2) ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇم مۇداپىئەسى تەلىپىگە ئۇيغۇنمۇ – يوق؟

(3) يېقىنقى 12 ئاي ئىچىدە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇق سورتلىرىنى سىرتتىن كەلتۈرگەندە مەنبە رايونىدىن بېرىلگەن ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى؛

(4) فېرمىغا ئەكىرگەن – ئېلىپ چىققان ئەھۋال، يەم – خەشەك، ئىشلەتكەن سۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش، دېزىنفېكسىيەلەشكە ئىشلىتىلگەن دورا، يۇقۇم ئەھۋالى، ۋاكسىنا ۋە تازىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار؛

(5) تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

22-ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) سۇ ھايۋانلىرى، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش؛

(2) سۇ ھايۋانلىرىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار ئىسپات، خاتىرە، توشۇش تالونى، توختام، ھېسابات دەپتىرى، تالون ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش، سۈرەتكە ئېلىش، تاللىۋېلىش؛

(3) سۇ ھايۋانلىرى، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېلىپ قېلىپ تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش؛

(4) يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن سۇ ھايۋانلىرىنى قانۇن بويىچە ئايرىۋېتىش، پېچەتلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛

(5) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.

23-ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ئۇنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

24-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىسە شەخسكە قوشۇمچە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

25-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە شۇ ئۇرۇقنىڭ مەھسۇلات قىممىتى سوممىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىراق جەرىمانە سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

26-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئالاقىدار قانۇن – نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

27-ماددا بۇ چارە 2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 



无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2013-03-28 22:44 ئالدىراش.كوم 

    قوش زىكۇمى، چوشقا زۇكۇمى دەپ بىر مۇنچە يۇقۇملار چىققان.
    كېيىنچە ئەمدى بېلىق زۇكىمى بىلەن تىمساق يۇيۇمى چىقمىسا بولاتتىغۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2013-03-31 19:36 تۇران تېكىن 

    ئەنسىرمەڭ! بىزنىڭ بۇ يەردە ھېچقانداق بىرنىمە زۇكاملىرى چىقمايدۇ. چىققان تەقدىردىمۇ يۇقمايدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter