Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش چارىسى

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش چارىسى

2012-06-13 5:02     كۆرۈلۈشى: 1999 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق  كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش چارىسى   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى (175- نومۇرلۇق)        «شىنجاڭ ئۇي....

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق

 كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش چارىسى

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

(175- نومۇرلۇق)

 

     «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش چارىسى›› 2012 – يىل 2 – فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 30 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2012 – يىل 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

                                                                                                                          ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

                                                                                                                               2012 – يىل 10 – فېۋرال

 

1-ماددا بۇ چارە ئىجتىمائىي توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مەلۇم قىلىش، كۆرسىتىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش، مۇكاپاتلاش ۋە قوغداشتا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

دۆلەت دەرىجىلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىش، كۆرسىتىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش، مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

3-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانۇن قوغدايدۇ ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەتلىشى كېرەك.

قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق بولغان پۇقرالار ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى قوللىشى ۋە قوغدىشى كېرەك.

4-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداشتا، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش ۋە مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىش، ماددىي رىغبەتلەندۈرۈشنى قوشۇمچە قىلىش بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

5-ماددا بۇ چارىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. كونكرېت خىزمەتلەرگە جەمئىيەت باشقۇرۇش ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش خىزمىتىگە ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

رادىيو – تېلېۋىزىيە، مائارىپ، ئاخبارات – نەشرىيات تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش، جەمئىيەتنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىدۇ؛ شارائىتى بار جايلار ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى قۇرسا بولىدۇ. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مەبلىغى (فوندى) ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ:

(1) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى باھالاش، ئۇلارغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش؛

(2) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغان، يارىلانغان ۋە مېيىپ بولغانلارغا ياردەم پۇل بېرىش؛

(3) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغانلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىش؛

(4) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغان، يارىدار ۋە مېيىپ بولغانلارنىڭ نامسىز جىسمانىي سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش؛

(5) باشقا ئېھتىياج بىلەن چىقىم قىلىدىغان خىراجەتلەر.

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مەخسۇس مەبلىغى (فوندى) باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىئانە بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

7-ماددا پۇقرالار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ياكى پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن تاشقىرى، تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى قىلسا، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك:

(1) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ياكى جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسقانلار؛

(2) دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلكى ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسقانلار؛

(3) جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلەر ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇشى ۋە تۇتۇشىغا ھەمكارلاشقانلار؛

(4) دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلكى ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان، خەتەردىن قۇتقۇزغان، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرغان ۋە ئادەم قۇتقۇزغانلار؛

(5) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا ھەرىكەتلەر.

8-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى ياكى يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر شۇ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى كۆرۈلگەن جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتىغا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى مەلۇم قىلسا ۋە كۆرسەتسە بولىدۇ.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىن مەلۇم قىلىنمىغان ۋە كۆرسىتىلمىگەنلىرىنى جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرسە بولىدۇ.

9-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىش ۋە كۆرسىتىشنى شۇ ھەرىكەت كۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويغىلى بولمىسا، ئەھۋالغا قاراپ ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

10-ماددا مەلۇم قىلغۇچىلار ۋە كۆرسەتكۈچىلەر ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىن نەپ ئالغۇچىلارنىڭ شۇ ھەرىكەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يەتكۈزۈش، ئىسپات ماتېرىياللارنى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

11-ماددا ناھىيە (شەھەرلىك) جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان مەلۇم قىلىش ۋە كۆرسىتىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرى دەرىجىلىك جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتىغا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ چارىنىڭ 14 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئادەتتە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم بولىدۇ.

12-ماددا جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىش توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ۋە كۆرسىتىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىك ھەققىدە يازما قارار چىقىرىشى كېرەك.

13-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلاردىكى كەسپىي خادىملار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنى تەشكىللەپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى باھالىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچسا بولىدۇ.

14-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتتى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كىشىلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ:

(1) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىش ئىزى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەنلەرگە شەرەپنامە بېرىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلىدۇ ھەمدە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان مۇكاپات بېرىلىدۇ.

(2) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىش ئىزى گەۋدىلىك بولۇپ، ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) دائىرىسىدە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەنلەرگە شەرەپنامە بېرىش ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)گە سۇنۇلىدۇ ھەمدە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان مۇكاپات بېرىلىدۇ.

(3) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىش ئىزى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، ناھىيە (شەھەر) دائىرىسىدە چوڭراق تەسىر كۆرسەتكەنلەرگە شەرەپنامە بېرىش ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلىدۇ ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان مۇكاپات بېرىلىدۇ.

15-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغانلار، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلار ياكى ئاساسەن قالغانلارغا شۇ ھەرىكەت كۆرۈلگەن جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى شۇ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى كۆرۈلگەن ۋاقىتنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 30 ھەسسىسى، 20 ھەسسىسى، ئون ھەسسىسى بويىچە بىر قېتىملىق مۇكاپات بېرىدۇ.

دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەر (شەھەرلەر)دىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشى قىيىنغا توختايدىغانلىرىغا ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن يەتمىگەن قىسمىغا ياردەم پۇل بېرىدۇ.

16-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئاشكارا يولغا قويۇلىدۇ، لېكىن مۇكاپاتلىنىدىغان كىشىلەردىن مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغانلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېرەك، دەپ قارىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

17-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ يارىدار بولغانلارنى ۋاقتىدا داۋالاش ئاپپاراتىغا ئاپىرىش كېرەك؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالىشى كېرەك.

18-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ داۋالاش ۋە ساقايتىش خىراجىتى، دوختۇرخانىدا ياتقان چاغدىكى تاماق ياردەم پۇلى، قاتناش، تاماق ۋە ياتاق پۇلى، ئىش دەخلى خىراجىتى، مېيىپ قوشۇمچە سايمانلىرى خىراجىتى، مېيىپلىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى، دەپنە پۇلى قاتارلىقلارنى زەخىملەندۈرگۈچى ياكى جاۋابكار ئالاقىدار قانۇن – نىزام، قائىدىلەر ۋە دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ نەپ ئالغۇچىلارغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

زەخىملەندۈرگۈچى ۋە جاۋابكارنىڭ تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە ياكى زەخىملەندۈرگۈچى ۋە جاۋابكار بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ:

(1) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ئىشلەۋاتقان ئورنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قاتناشمىغان بولسا، شۇ ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى بويىچە چىقىم قىلىدۇ؛

(2) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى بويىچە چىقىم قىلىدۇ؛

(3) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى بولمىسا، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مەخسۇس مەبلىغى ۋە فوندىدىن چىقىم قىلىدۇ.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر مەمۇر بولسا ياكى مەمۇرلاردىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ خادىمى بولسا، شۇ ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى بويىچە چىقىم قىلىدۇ.

19-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ يارىلانغانلار داۋالاش مەزگىلىدە نورمال ئىشقا چىققان دەپ قارىلىدۇ، ئىشلەيدىغان ئورنى ئۇلارنىڭ مائاشى، مۇكاپات پۇلى ۋە باشقا تەمىناتىنى تۇتۇپ قالسا ۋە كېمەيتىۋەتسە بولمايدۇ.

20-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ يارىدارلىق ۋە مېيىپلىك دەرىجىسىنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە باھالايدۇ. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر ئىچىدىكى ئەمگەكئىقتىدارىدىن قىسمەن قالغانلارنى ئۇلارنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى كۈچى يېتىدىغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، ئەمگەك توختامىنى يەككە تەرەپ بىكار قىلىشقا بولمايدۇ.

21-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغانلار دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن (ئىشتا) يارىلىنىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىنقىلابىي قۇربان دەپ باھالانغانلار ياكى تەقدىرلەنگەن ۋە تۆھپە يېزىلغان كىشىلەر ئىچىدىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇشۇ چارە بويىچە تەقدىرلىگەن، مۇكاپاتلىغان ۋە ئۇلارغا نەپىقە بەرگەندىن تاشقىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى نىزامى›› ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى شۇ ئورۇن ۋە شۇ ئورۇنغا قاراشلىق رايوندىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.

22-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر ئوخشاش شارائىتتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەكتەپكە كىرىش، ئەسكەرلىككە كىرىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كېپىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش شەرەپ نامىغا ئېرىشكەنلەر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەردىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن قالغانلىرى ياكى تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولغانلىرى يەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسا، ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلىمە بويىچە باج ۋە ھەقنى كېمەيتىپ ئېلىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

23-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ يارىلانغان، مېيىپ بولغان ۋە قۇربان بولغانلىقتىن ئائىلە تۇرمۇشىدا قىينىلىپ قالغانلارنى شۇ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن كىشى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار تەمىناتلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋە تۇرمۇش جەھەتتە يار – يۆلەك بولۇشى كېرەك.

شۇ جايدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ئائىلىسى ئېرىشكەن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مۇكاپات پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى قاتارلىقلار ئائىلە كىرىمىنىڭ ئاساس سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

24-ماددا جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر ئۈچۈن ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشى ۋە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

25-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر ياكى ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن قارا چاپلانغان، زىيانكەشلىك قىلىنغان، ئۆچ ئېلىنغان ياكى جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقتىن ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى قانۇن ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، قانۇن ياردىمى بەرگۈچى ئاپپارات قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.

26-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدىن نەپ ئالغۇچىلاردىن قېچىپ كەتكەنلىرى، نەپ ئېلىش پاكىتىنى يوشۇرغانلىرى، گۇۋاھلىق بېرىشنى رەت قىلغانلىرىنى جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

27-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن قالغانلارنىڭ ئەمگەك توختامىنى يەككە تەرەپ بىكار قىلغان بولسا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

28-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا قارا چاپلىغان، زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئاشكارا تەنقىدلەيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ‹‹ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى››غا بىنائەن جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

29-ماددا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش شەرىپى ۋە مۇكاپاتىنى ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن ئېلىۋالغانلار كۆرۈلسە، شەرەپ ۋە مۇكاپات بەرگۈچى ئورگان ئۇلارنىڭ شەرەپ نامىنى بىكار قىلىدۇ، ئالاقىدار گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات پۇلى ۋە ئالاقىدار ياردەم پۇللىرىنى قايتۇرغۇزىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

30-ماددا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ تەمىناتى ۋە ئالاقىدار خىراجەتلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە بەرمىسە ياكى ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۇلارنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، شۇ ئورۇننىڭ ياكى شەخسنىڭ يىللىق باھالاش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

31-ماددا جەمئىيەت باشقۇرۇش – ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتى شۇنىڭدەك ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ خادىملىرى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش خىزمىتىدە ساختىپەزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مەخسۇس مەبلىغى (فوندى)نى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغانلار جىنايەت شەكىللەندۈرمىسە، ئۇلارنىڭ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

32-ماددا بۇ چارە 2012 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter