ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> زۇڭتۇڭنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش

زۇڭتۇڭنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش

2012-06-13 5:12     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      يوھان كارۋىن كىلىژې ئامېرىكىنىڭ 1923 – يىلى ئاقسارايغا كىرگەن زۇڭتۇڭى. ئۇ ئادەتتە كەم سۆز بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ‹‹مۆڭ كارۋىن›› دەپ ئاتىشاتتى. ئەمما بىر كۈنى ئۇ كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن بىرسىنى....

     يوھان كارۋىن كىلىژې ئامېرىكىنىڭ 1923 – يىلى ئاقسارايغا كىرگەن زۇڭتۇڭى. ئۇ ئادەتتە كەم سۆز بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ‹‹مۆڭ كارۋىن›› دەپ ئاتىشاتتى. ئەمما بىر كۈنى ئۇ كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن بىرسىنى ماختاپ كەتتى.

     ئەسلىدە زۇڭتۇڭنىڭ بىر قىز كاتىپى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق بولسىمۇ، خىزمەتتە بەكلا بىپەرۋا ئىكەن. بىر كۈنى ئەتىگەندە زۇڭتۇڭ كاتىپنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا :

     – لۇس خېنىم، كىيىمىڭىز بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن، خويمۇ يارىشىپتۇ، – دەپ ماختاپ كېتىپتۇ.

     كاتىپ بۇ سۆزنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىقىدىن ھەيران قاپتۇ. زۇڭتۇڭ ئۇلاپلا:

     – بىراق سىز مەغرۇرلىنىپ كەتمەڭ، مەن خىزمىتىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، – دەپتۇ. دەرۋەقە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاتىپنىڭ خىزمىتىدە سەۋەنلىك كۆرۈلمەپتۇ.

     زۇڭتۇڭنىڭ ئاغىنىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ زۇڭتۇڭغا:

     – بۇ ئامالنى نەدىن ئويلاپ تاپتىڭ؟ – دەپ سوراپتۇ. زۇڭتۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:

     – سەن ساتىراشنىڭ ساقال ئالغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ ساتىراش ئالدى بىلەن ماغزاپ سۈركەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ساقال ئالدۇرغۇچى بىئاراملىق ھېس قىلمايدۇ، – دەپتۇ.

     دەرۋەقە، باشقۇرغۇچىلار قول ئاستىدىكىلەرنى خىجىل قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ماختىغاندا بىۋاسىتە تەنقىد قىلغاندىن ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

 

     (ئالىمجان ھەسەن تەرجىمىسى)

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter