ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق دىن

دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق دىن

2012-06-12 10:44     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ھايتىدا جادۇگەرلىك ۋە ئىلاھىي سېھرىي كۈچ ئاساس قىلىنىدىغان ۋۇدۇ (Voodoo)  دىنى يەرلىكتىك ئىككى چوڭ ھۆكۈمەت ئېتىقاد قىلىدىغان دىنلارنىڭ بىرى. ھايتىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر يىلى ۋۇدۇ بايرىمىنى ....

     ھايتىدا جادۇگەرلىك ۋە ئىلاھىي سېھرىي كۈچ ئاساس قىلىنىدىغان ۋۇدۇ (Voodoo)  دىنى يەرلىكتىك ئىككى چوڭ ھۆكۈمەت ئېتىقاد قىلىدىغان دىنلارنىڭ بىرى. ھايتىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر يىلى ۋۇدۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

 

 

     «Voodoo – جىن-شەيتان ، روھ ، پىر›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەسلىدە بۇ سىرلىق دىن غەربىي ئافرىقىدىكى گانا قاتارلىق جايلاردا تارقىلىپ يۈرگەن. 16-ئەسىردە، ھايتى فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، فىرانسىيەنىڭ ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلىرى ئافرىقىدىكى نۇرغۇن نېگىر قۇلنى ھايتىغا سېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافرىقىدا ‹‹مودا›› بولغان ئىپتىدائىي دىننىمۇ ھايتىغا ئېلىپ كېلىدۇ، كېيىنچە، بۇ ئافرىقىدىكى نېگىر قۇللار رىم كاتولىك دىنىدىكى نۇرغۇن مۇرەككەپ مۇراسىملارنى يەرلىكتىكى دىنغا ئارىلاشتۇرۇپ، سىرلىق، غەلىتە، ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدىغان ۋۇدۇ دىنىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.

     ھايتىنىڭ يىللىق تەبرىكلەش مۇراسىمىدا نۇرغۇن ۋۇدۇ مۇرتلىرى ئاساسەن يالىڭاچ ھالەتتە شارقىراتما ئاستىدا يۇيۇنىدۇ. ئۇلار بۇنداق قىلسا گۇناھلىرى يۇيۇنۇپ پاكلىنىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا كېلەر يىلى ئامەتلىك، ساغلام بولۇدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. نۇرغۇن ھايتىلىقلار يەنە ۋۇدۇ دىنىدىكىلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشمىسا، ئاپەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىمۇ قەتئىي ئىشىنىدۇ.

     ھايتىدىكى ۋۇدۇ دىنى يەنە يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا، مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر چوڭ مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا كاتولىك دىنى ۋە ۋۇدۇ دىنىدىكىلەرنى چاقىرتىپ تىلەك تىلەتكۈزىدۇ.

     بۇ دىن: بارلىق مەۋجۇت شەيئىلەر پەقەت بىر خىل تاشقى قىياپەت، ئۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە ئەڭ مۇھىم روھىي كۈچ ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ روھ دۇنياسىنى ‹‹لىگبا  (Ligba)» ئىسىملىك ئىلاھ باشقۇرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئۆلۈش، تۇغۇلۇش، مۇھەببەتلىشىش، كۈندەشلىك ۋە ئۆچ ئېلىشنى ئايرىم-ئايرىم ئىلاھلار باشقۇرىدۇ، جادۇگەر، پىرىخۇنلار بولسا ئادەم بىلەن ئىلاھنى ئۇچراشتۇرغۇچىلار، دەپ قارايدۇ .

     ۋۇدۇ دىنى مۇراسىمىدا كىشىنىڭ تېنىنى ئەڭ شۈركەندۈرىدىغىنى ‹‹تىرىلگەن مۇردا›› پەيدا قىلىشتۇر. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بىر قىىسم پىرىخۇنلار تىرىك ئادەمگە ئەپسۇن ئوقۇپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئارقىدىن يەنە ئەپسۇن ئوقۇپ ئۇلارنىڭ روھىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى سېزىمى يوق، ئىدىيەسى قامال قىلىنغان. ئەمما ئىش قىلالايدىغان ‹‹تىرىك مۇردا››غا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن، بۇنداق ‹‹تىرىلگەن مۇردا›› لار ئىگىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولۇپ، مەڭگۈ شۇنداق ئىشلىتىلىدىكەن.

     1930- يىلى، فىرانسىيەلىك بىر ئانتروپولوگىست ھايتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقاندا تۆت ئەر كىشىنى ئۇچراتقان. ئۇ ‹‹ئۇلار كاناپ تاغاردىن تىكىلگەن كونا، جۇلدۇر كىيىملەرنى كىيىۋاپتۇ، ئۇلارنىڭ ئىككى قولى ماغدۇرسىز، جانسىز ھالدا ئىككى ياندا ساڭگىلاپ تۇراتتى، يۈز ۋە قولىدا ئەت يوق دېگۈدەك بولۇپ، تېرىسى تېرە قەغەزدەك سۆڭەكلىرىگە چاپلىشىپلا تۇراتتى›› دېگەن. كېيىنچە ئۇ بۇلارنىڭ ‹‹تىرىلگەن مۇردا›› لار ئىكەنلىكىنى بىلگەن .

     1982- يىلى، ئامېرىكىدىكى بىر گېزىت بۇ ھەقتە بىر خەۋەر باسقان: ناشىس ئىسىملىك بىر نېگىر 1962-يىلى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان، كېيىن ئۇ خىرە-شىرە ھالدا ئۆزىنىڭ دەپنە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، كېيىن يەنە ئىككى قولى باغلىنىپ بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئاپىرىلىپ، ئۆزى بىلەن تەقدىرداش 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى كۆرگەن ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان. بىر كۈنى باشقۇرغۇچى ئۇنىڭغا دورا يېگۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالغاندا، ئۇ ئېسىنى تېپىپ، قېچىپ كەتكەن. ئۆيىگە كەلگەندە بولسا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى، دەپ يۈرگەن يۇرتداشلىرى قاتتىق چۆچۈپ كېتىشكەن.

      ئۇنداقتا، جادۇگەرلەر قانداق قىلىپ تىرىك ئادەمنى ئەپسۇن بىلەن ئۆلتۈرۈپ، يەنە ئۇنى ئەپسۇن بىلەن تىرىلدۈرىدۇ ھەم ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ؟ بۇ ھەقتە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسى داڭلىق بىر دوكلات يازىدۇ ۋە دوكلاتىدا: ‹‹ئەپسۇن ئوقۇلۇۋاتقاندا ئۆلگۈچى ‹چوقۇم ئۆلۈپ كېتىمەن› دەپ ئويلاپ زىيادە قورقۇپ كەتكەچكە، روھىي جەھەتتە  ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ، قان ئايلىنىشلىرى توختاپ، ئاساسلىق ئەزالىرىغا ئوكسىگېن يېتىشمەي ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن›› دېگەن. ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش ھەققىدە بەزى كىشىلەر: ‹‹بەلكىم ئۇلار ھەقىقىي ئۆلمىگەن، ھوشىدىن كەتكەن بولۇشى مۇمكىن›› دەپ قارىغان. ئەمما، بۇ ‹‹تىرىلگەن مۇردا›› لارنىڭ شۇ ھالەتتە ئىگىسى تەرىپىدىن قانداق تىزگىنلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ھېچكىم بىرەر ئىلمىي جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

     ۋۇدۇ دىنىنىڭ نۇرغۇن قورقۇنۇچلۇق مۇراسىملىرى بار بولسىمۇ، 2006-يىلى ھايتى ھۆكۈمىتى بۇ دىننى ھۆكۈمەت دىنى دەپ بەلگىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ سىرلىق دىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىم خەۋەرلەر بېتىگە بېسىلغان.

 

     مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ