ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جوڭگۇ نىمە ئۈچۈن تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلەتمەيدۇ؟

جوڭگۇ نىمە ئۈچۈن تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلەتمەيدۇ؟

2012-06-10 9:00     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، جوڭگۇ  بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش، ئامېرىكا تەيۋەنگە ھۇجۇم خەرەكتىردىكى قورال سېتىپ بەرمەسلىك، جوڭگۇ تەيۋەنگە  قورال كۈچى ئى....

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، جوڭگۇ

 بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش، ئامېرىكا تەيۋەنگە ھۇجۇم

خەرەكتىردىكى قورال سېتىپ بەرمەسلىك، جوڭگۇ تەيۋەنگە

 قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىكنىڭ ئىچكى سىرى

 

     1978- يىلى 16- دېكابىر، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زوڭتوڭى كارت جوڭخۇا مىنگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەم كېيىن جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

     كارت ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال – ياراغ سېتىپ بىرىش مەسىلىسىگە دائىر سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە، شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئورتاق تونۇشقا كالگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە «ھۇجۇم قىلىش خەرەكتىرىدىكى ھەرقانداق قورال» نى سېتىپ بەرمەسلىككە، جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىمۇ ئىككى قىرغاق مەسىلىسىنى تېنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى، مانا مۇشۇنداق ئاساسنىڭلا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. كارت 14- دېكابىر «بىر جوڭگۇ» مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

     16- دېكابىر جوڭگۇ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 33 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئەينى چاغدا تەيۋەندىن ۋاز كېچىپ، «جوڭگۇ – ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىنىڭ سابىق زوڭتوڭى كارت 2011- يىلى 14- دېكابىر تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا بىر مەيدان نوتۇق سۆزلىگەندە، ئۆزىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى، ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان سايلام (تەيۋەن چوڭ سايلىمى) نىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

     كارت ھۆكۈمىتى 1979- يىلى 1- يانىۋاردا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان ھەم جوڭخۇا مىنگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. 1978- يىلى 16- دېكابىر سەھەردە ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسى ئانچۇراگېجى ناھايىتى مۇھىم ئىش بىلەن جياڭ جىڭگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، ئانچۇراگېجى جياڭ جىڭگوغا ئامېرىكىنىڭ 1979- يىلى 1- يانىۋاردا جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جوڭخۇا مىنگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى«جوڭگۇ – ئامېرىكا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ئاخباراتى» ئېلان قىلىنغان.

     كارت بېيجىڭدە نوتۇق سۆزلىگەندە، «جوڭگۇ – ئامېرىكا – تەيۋەن» نىڭ ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختۇلۇپ، ئۆزىنىڭ 1978- يىلى جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن «جوڭگۇ – ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇش» توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، مەخپىي ھەم كەسكىن تالىشىش ئارقىلىق ئامېرىكا يەنىلا تەيۋەننى مۇداپىيە خەرەكتىرلىك قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغان، جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسى قورال كۈچى ئارقىلىق تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئاخىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

     مۇخبىر كارتتىن ھازىرقى ئىككى قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى، ھازىرنىڭ 30 نەچچە يىل ئىلگىركى ۋاقىت بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەيۋەنگە قورال – ياراغ سېتىپ بىرىش مەسىلىسىنى قانداق تەدىرىجى ھەل قىلىدىغانلىقىنى سورىغان. كارت ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش خەرەكتىرىدىكى قورال – ياراغنى سېتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى، جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى تېنچ ھەل قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ «ئامېرىكا – جوڭگۇ» مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال بۇلىشىنىڭ ئاساسى ئىكانلىكىنى، بىراق كېيىنكى ئامېرىكا زوڭتۇڭىنىڭ مۇتلەق رۇئايە قىلىپ كىتەلمىگەنلىكىنى، مەسىلەن: 1992- يىلى چوڭ بوشنىڭ تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش خەرەكتىرىدىكى قورال F-16 نى سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. كېيىنكى زوڭتوڭلار تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش خەرەكتىردىكى قوراللارنى سېتىپ بەرگەندە، ئۇ زوڭتوڭ بىلەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن تۈزگەن كىلىشىمىگە رۇئايە قىلىشىنى، جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى ۋەدىسىگە رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

     ئۇ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ ئىتتىپاق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق باشتىن – ئاخىر دۇنيادا پەقەت بىرلا جوڭگۇ بارلىقىنى، تەيۋەننىڭ جوڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كارت ئامېرىكا بىلەن جوڭگۇنىڭ دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى توغرا قارار دەپ قارىغان.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 3 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2012-06-11 10:41 مىھمان 

    ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە؟! ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرسە جوڭگۇ نىمىشقا سەكرەپ كىتىدىغاندۇ دەپتىمەن. شاڭخەي ئاخباراتى دېگەن شۇكەندە!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    توغرا دەيسىز. بۇ دەل جوڭگۇ – ئامېرىكا «شاڭخەي ئاخباراتى» دىكى مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى. مەنمۇ ئىلگىرى بۇنى بىلمىگەچكە، جوڭگۇ نىمىشقا قۇرال كۇچى ئىشلىتەلمەيدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2012-06-11 15:19 بىخلان 

    نىمىنىڭ نىمىلىكىدىن نىمىنىڭ نىمىسى بولمىغان.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter