ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنىڭ كىلىپ چىقىشى

دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنىڭ كىلىپ چىقىشى

2012-06-08 10:40     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:       23- ئاپرېل – دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. بۇ كۈننىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار. ئىسپانىيەنىڭ كاتايلونىيە دېگەن يېرىدىكى خەلق ئارىسىدا ھەر يىلى ....

      23- ئاپرېل – دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. بۇ كۈننىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار. ئىسپانىيەنىڭ كاتايلونىيە دېگەن يېرىدىكى خەلق ئارىسىدا ھەر يىلى 23- ئاپرېل بىر كىتاب سېتىۋالغان كىشىگە بىر تال ئەترىگۈل سوۋغا قىلىش ئەنئەنىگە ئايلانغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كاتايلونىيەدە جورجى ئىسىملىك يىگىت بىر قىزنى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغاندا قىز يىگىتكە رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن كىتاب سوۋغا قىلغان. يىگىت شۇ چاغدا قىزغا بىر تال ئەترىگۈل سوۋغا قىلغان. بۇ دەل 4- ئاينىڭ 23- كۈنى بۇلۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كاتايلونىيەدە ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە ئاياللار ئەرلەرگە كىتاب، ئەرلەر ئاياللارغا ئەترىگغل سوۋغا قىلىش ئادەتكە ئايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا 23- ئاپرېل ئىسپانىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى سېرۋانتس ۋاپات بولغان كۈن بولغاچقا، ئىسپانىيەلىكلەردە بۇ كۈننى سېرۋانتسنىڭ «دنكىخوت» نامىلىق رومانىنى ئىككى مىنۇت ئۈنلۈك ئوقۇپ خاتىرلەيدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. 23- ئاپرېل مەشھۇر درامماتورگ شىكىسپىر تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان كۈن بولغاچقا، ئەنگىلىيەلىكلەر بۇ كۈننى داغدۇغلۇق خاتىرلەيدىكەن.

     23- ئاپرېلنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە ئوخشاش بولمىغان ئەھمىيىتى ۋە مەنىسى بولغاچقا، 1995- يىلى ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى مەشھۇر يازغۇچىلارنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش، ياش ئۆسمۈرلەرگە كىتاب ئوقۇشتىن كىلىدىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرۇش، شۇنداقلا كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش مەقسىدىدە، 23- ئاپرېلنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» قىلىپ بىكىتكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter