Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دۇنيادىكى ئاساسلىق ئەركىن سودا رايونلىرى

دۇنيادىكى ئاساسلىق ئەركىن سودا رايونلىرى

2013-06-07 5:35     كۆرۈلۈشى: 1789 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ۋە رايونلار ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تېز بولدى. 2013–يىلى 1–ئايغىچە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىنغان رايونلا....

     سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ۋە رايونلار ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تېز بولدى. 2013–يىلى 1–ئايغىچە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىنغان رايونلار سودا كېلىشىمى جەمئىي 546 گە يەتتى، بۇنىڭ 345ى يولغا قويۇلدى (كۆپىنچىسى ئەركىن سودا كېلىشىمى). دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى دېگۈدەك بىر ياكى كۆپ رايون سودا كېلىشىمىگە قاتناشتى. ئىقتىسادىي كۆلىمى ئەڭ زور بىر نەچچە ئەركىن سودا رايونى شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونى 1994–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قاپلاش كۆلىمى 21 مىليون 580 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا، قاپلايدىغان ئاھالە 460 مىليونغا يېتىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئىقتىسادىي گۇرۇھ. 2011–يىلى شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 17 تىرىليون 200 مىليارد دوللارغا يەتتى.

     ياۋروپا ئىتتىپاقى 1993–يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى قېتىم كېڭىيىش ئارقىلىق ھازىر ئەزا دۆلەت 27 گە، قاپلايدىغان ئاھالە 500 مىليونغا، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 17 تىرىليون 580 مىلىيارد دوللارغا يەتتى.

     جۇڭگو–شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى 2010– يىلى رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، قاپلايدىغان ئاھالە بىر مىليارد 900 مىليونغا، GDP سى ئالتە تىرىليون دوللارغا، سودا ئومۇمىي سوممىسى تۆت تىرىليون 500 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. بۇ ئەركىن سودا رايونى دۇنيادىكى قاپلايدىغان ئاھالە ئەڭ كۆپ ئەركىن سودا رايونى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر جۇڭگو بەش قىتئەدىكى 29 دۆلەت ۋە رايون بىلەن 16 ئەركىن سودا رايونى قۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئون سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى ھەم يولغا قويۇلدى.

     ئامېرىكا ھازىر پان تىنچ ئوكيان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ۋە ئامېرىكا–ياۋروپا ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. پان تىنچ ئوكيان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، سىنگاپور قاتارلىق 12 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، GDP سى دۇنيانىڭ تەخمىنەن %35 نى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا–ياۋروپا ئەركىن سودا رايونىنىڭ GDPسى دۇنيانىڭ تەخمىنەن %40 نى ۋە دۇنيا ئىمپورت–ئېكسپورت سودىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا ئەركىن سودا سۆھبىتىدە بېكىتىلگەن سودا قائىدىسى دۇنيا سودىسىنىڭ يېڭى قائىدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ‹‹دىپلومات›› ژۇرنىلىدا: بۇ كېلىشىمدە ‹‹ئاسىيا ئەسىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش›› خاھىشى بار، دېيىلدى.

     يېقىندا تۇنجى نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلانغان جۇڭگو–ياپونىيە–كورىيە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلسا، قاپلايدىغان ئاھالە بىر مىليارد 500 مىليونغا، GDP ئومۇمىي قىممىتى 14 تىرىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا سودا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ھازىر بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 690 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

     ئافرىقىدا ھازىر شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق جەمئىي يەتتە ئەركىن سودا رايون بار. ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 18–نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، ئافرىقا 2007–يىلى ئافرىقا قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرىقى ئەركىن سودا رايونلىرىنى بىرىكتۈرىدۇ، دەپ قارار قىلىندى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter