خىزمەتلەرنى باش چۆكۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان
كادىرلارنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى
رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈش–تەيىنلەش خىزمىتى
نىزامى››نى مەخسۇس ئۆگەندى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى 21- ماي چۈشتىن كېيىن ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى››نى مەخسۇس ئۆگەندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹نىزام››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹نىزام›› بويىچە ھەقىقىي ئىش بېجىرىش، خىزمەتلەرنى باش چۆكۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كادىرلارنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك.
مەركەز 14- يانۋار يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى››نى ئېلان قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ‹‹نىزام››دا مەركەزنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە بولغان يېڭى روھى، يېڭى تەلەپلىرى نامايان قىلىندى. بۇ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، ئۆستۈرۈلگەن كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئاساسلىق قوللانمىسى، ئادەم ئىشلىتىش توغرا بولماسلىقتەك ئىستىلغا قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك قورالى بولۇپ، ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشمۇ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنىدۇر. شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە تەشكىلات كادىرلىرى كاپالىتىگە يېقىندىن تايىنىپ، ‹‹نىزام››نى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر چۈشىنىش ئاساسىدا ماددىمۇ ماددا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزامغا ئاساسەن ئىش بېجىرىش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹نىزام››نى ئۆلچەم قىلىپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شۇ بويىچە چىڭ تۇتۇپ ئىجرا قىلىش كېرەك. مەركەزلىك تەربىيەلەش ۋە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ‹‹نىزام››نى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ تەربىيەلىنىشنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي دەرس قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتىنى ياخشىلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات – كادىرلار تارماقلىرى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نىڭ رەھبەرلىكىدە ‹‹نىزام››نى ھەر قېتىم، ھەر بىر كادىرنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولۇشنى كادىرلارنى باھالاپ ئىشلىتىشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىشنى بىرىنچى تەلىپى، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرىنچى مەسئۇلىيىتى قىلىشى كېرەك. كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپى، ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش تەرتىپى، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى، ئاشكارا تاللاش، رىقابەت بىلەن ۋەزىپىگە قويۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قائىدىنى بۇزۇپ ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنى تاللاشتا چىڭ بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار(پارتگۇرۇپپا)، بولۇپمۇ ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى چوقۇم ئاڭلىق بويسۇنۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ‹‹نىزام››دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قەتئىي قوللاپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، بىرىنچى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹نىزام››دىكى بەلگىلىمىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش يۆنىلىشىنىڭ توغرا – توغرا ئەمەسلىكى، تەرتىپنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن – ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، ئىستىلنىڭ دۇرۇس – دۇرۇس ئەمەسلىكى، نەتىجىسىنىڭ ئادىل – ئادىل ئەمەسلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئالدىنى ئېلىش توسىقىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ‹‹نىزام››نى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كونكرېت تەدبىر ۋە چارىلەرنى تۈزۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹نىزام›› نى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ۋە چوڭقۇر يېشىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ ياخشى مۇھىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ ‹‹نىزام››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى، ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش جەھەتتە ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹نىزام››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى سۆزلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى››نى ئوقۇدى.
نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، ليۇ لېي، خۇاڭ ۋېي، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
(شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)