ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ھەققىدە

خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ھەققىدە

2013-03-20 3:52     كۆرۈلۈشى: 1381 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئەھەد مۇھەممىدۇللا        پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلقنى ساغلام، مول بولغان مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىلەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ كۆرسەت....

ئەھەد مۇھەممىدۇللا

 

     پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلقنى ساغلام، مول بولغان مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىلەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشتا، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ مەزمۇنى قىلىشىمىز لازىم. مەدەنىيەت تەرەققىياتى خەلققە تايىنىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ خەلق ئۈچۈن بولىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مېۋىلىرىدىن يەنىلا خەلق ئاممىسى بەھرىمەن بولىدۇ. شۇڭا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈشىمىز لازىم.

     سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت خەلقنىڭ مەدەنىيىتى، خەلق ئورتاق يارىتىپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان مەدەنىيەت. ھازىر ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمالىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەش باسقۇچىغا كىردى. خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئارزۇسىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. شۇڭا، بىز تېخىمۇ زور كۈچ ۋە تەدبىرلىرىمىز ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز، خەلقنى تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بەختكە ئېرىشتۈرۈشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك:

     1. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان يېتەكلەشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش لازىم. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تارىخ ئالدىدا، دەۋر ئالدىدا ۋە خەلق ئالدىدا يۈزى يورۇق بولىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. شۇنداقلا، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىكى تۈپ خىزمەت. مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنىمۇ قوغلىشىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ھەقىقىي گۈزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ساختا، ناچار خاھىشلارغا قارشى تۇرۇپ، خەلق ياخشى كۆرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.

     2. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لازىم. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش مەدەنىيەت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەت. ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشتە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشىمىز، رادىيو، تېلېۋىزىيەنىڭ كەنتلەرنى قاپلىشىنى، مەھەللە ۋە يېزا – بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، يېزىلاردا كىنو قويۇپ بېرىش، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز لازىم.

     3. ساغلام بولغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ساغلام بولغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تورنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، تورنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتېرنېت قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېڭى بازىسىغا، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى سەھنىسىگە، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى بېيىتىشىدىكى يېڭى بوشلۇقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

     4. ئاممىۋى خاراكتېردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش لازىم. ئاممىۋى خاراكتېردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم توشۇغۇچىسى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ئامما قاتنىشىشنى خالايدىغان، قاتنىشىشقا قولايلىق بولغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئامما قۇرغان ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرىنى قوللاپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئۆزىنى نامايان قىلىشى، ئۆزىنى – ئۆزى تەربىيەلىشى ۋە ئۆزىگە – ئۆزى مۇلازىمەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter