ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر جەزمەن قاتتىق جازالىنىدۇ

جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر جەزمەن قاتتىق جازالىنىدۇ

2013-02-07 12:12     كۆرۈلۈشى: 11,310 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)      خوتەندىكى ‹‹29–ئىيۇن›› ئايروپىلان بۇلاش زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا 11–دېكابىر بىرىنچى سوتتا ئاشكارا قاراپ چىقىلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، مۇسا يۈسۈپ قاتارلىق تۆت ....

(شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)

     خوتەندىكى ‹‹29–ئىيۇن›› ئايروپىلان بۇلاش زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا 11–دېكابىر بىرىنچى سوتتا ئاشكارا قاراپ چىقىلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، مۇسا يۈسۈپ قاتارلىق تۆت جاۋابكار قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىدى. شۇ كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ۋاڭ جيەنجياڭنىڭ ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقىش جىنايىتى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى.

     «29- ئىيۇن›› ئايروپىلان بۇلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى مۇسا يۈسۈپ، ئەرشىدىنقارى ئىمىن باشچىلىقىدىكى جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ئۇزاقتىن بۇيان ئالدىن پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويغان جامائەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەت. جىنايەتچى ئۇنسۇرلار پارتلىتىش، زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى بۇلاش قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان خەتەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يولۇچىلار، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى، قوللانغان ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، نىيىتى رەزىل، مال–مۈلۈككە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ناھايىتى يامان بولدى. ‹‹29–ئىيۇن›› ئايروپىلان بۇلىغان تۆت زوراۋان تېررورچى جاۋابكارنى قاتتىق جازالاش قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت–ھۆرمىتىنى نامايان قىلدى. ۋاڭ جيەنجياڭ ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، نورمال ئۇچۇۋاتقان خەلق ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يېرىم يولدا قونۇشقا مەجبۇرلاپ، ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغاچقا، قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىشى ھەقلىق.

     ئايروپىلان باشقا تىرانسپورت قورالىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بەلگىلىگەن. ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى بۇلاش ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى چەكتىن ئاشقان زوراۋانلىق، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان ئېغىر جىنايەت. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ خىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ھېچقانداق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بۇنداق زوراۋانلىق جىنايىتىگە يول قويمايدۇ.

     زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، زوراۋان تېررورچىلارنى قاتتىق جازالاش قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش، ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ تەلىپى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، قانۇننىڭ ئىززەت–ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداشنىڭ تەلىپى.

     ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، خەلقنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق قىلمىش قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بىز مۇستەھكەم قانۇن ئېڭى تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان، قانۇندىن ھېيىقىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتىكى قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرالاردىن بولۇپ، قانۇنىي مىزانلار ئارقىلىق ئۆز ھەرىكىتىمىزنى چەكلەپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، بىرلىكتە مۇقىم، تەرتىپلىك سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 3 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. گىلەم
    2013-03-28 22:33 ئالدىراش.كوم 

    مېنىڭ ئەڭ نېرۋامنى ئۆرلىتىدىغىنى باللىلارنى ئوغرلاپ ساتىدىغان ئادەم بىدىكلىرى. خۇمپەرلەرنى گۆش توغراش ماشىنىسىدا توغراپ ئاندىن ئىتقا پېتىر مانتا ئېتىپ بەرسە دەيمەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. يىكەنداز
    2013-03-28 22:37 ئالدىراش.كوم 

    كەچكىچە زوراۋان تېرورچىلارنىلا ئاق قىلىز كۆك قىلىمىز دەۋەگۈچە ھارامزادە پارخورلارنى، ئازىراق ھوقۇق تېگىپ قالسا پۈخرالارنى بوزەك قىلىدىغان گەدەنكەشلەرنى ئومۇمىي يۈزلىك جايلىسا بولمامدۇ بۇ ھۆكۈمەتكام.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  3. دىۋان
    2013-03-31 19:34 تۇران تېكىن 

    ئىشلار سىز دېگەندەك بۇلۇۋاتىدۇ. بەلكىم تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىشى مۈمكىن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter