ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئەرەب ئەللىرىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش نىمىشقا تەس؟

ئەرەب ئەللىرىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش نىمىشقا تەس؟

2013-02-05 11:09     كۆرۈلۈشى: 1514 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:       تاراتقۇلارنىڭ يرقىنقى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: 2011- يىلى ئوتتۇرا شەرقتە داۋالغۇش يۈز بىرىپ، ئەرەب دۇنياسىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى ئاغدۇرۇلۇپ، ئىسلاھات دەۋ....

      تاراتقۇلارنىڭ يرقىنقى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: 2011- يىلى ئوتتۇرا شەرقتە داۋالغۇش يۈز بىرىپ، ئەرەب دۇنياسىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى ئاغدۇرۇلۇپ، ئىسلاھات دەۋرىگە قەدەم قويدى. دىندىن خالى ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقسلام سىياسىي كۈچلىرى ئەڭ چوڭ ئوتقۇچىغا ئايلاندى. بىر ئەدىب بۇ توغرىدا توختۇلۇپ: «ئەرەب باھارى» «ئىسلام ئويغۇنىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ تەسۋىرلىدى.

     دېموكراتىك ئۆزگىرىش ئىسلام سىياسىي كۈچلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ بىر مۇقەررەرلىك. ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر ئۇزاق يىللاردىن بۇيان مەركەزلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكتىن ئىچكى جەھەتتە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئۆكتىچىلەر مەۋجۇت بۇلۇشتىن قېلىپ، ئىسلام تەشكىلاتلىرى قالغان ئىدى. بۇ ئىسلام تەشكىلاتلىرى مۇكەممەل ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشۋە پاراۋانلىق سېستىمىسىغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلام كىشىلەر ئارىسىدا ئوبرۇي تاپقان ئىدى. دېموكراتىك ئۆزگىرىش بۇ تەشكىلاتلارنى ئەمىلىي كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرق نەچچە ئون يىلدىن بۇيان «دىندىن خالىيلىق نوپۇزلۇق ھاكىمىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، دېموكراتىيەلىشىش ئىسلاملىشىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن» بۇ خىل چەمبىرەكتىن چىقىپ كىتەلمىگەن ئىدى.

     ئوتتۇرا شەرقتىكى دىندىن خالى كۈچلەر ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەچكە، سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىش كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، يۈكسەك سەزگۈرلۈك ۋە كۈچلۈك قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دىندىن خالىي زاتلار بىلەن دىنىي كۈچلەرنىڭ زىدىيىتى كۈنسىرى ئۆتكۈرلىشىپ، ئاساسىي قانۇن ھەم سايلام قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسالغۇ بولدى.

     دۇنيادىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئەندىزىلىرىدىن مەلۇم بولدىكى، دېموكراتىيەلىشىشنىڭ نەتىجىسى «ئاكتىپ دېموكراتىيە» بىلەن «پاسسىپ دېموكراتىيە» گە ئايرىلىدۇ. «ئاكتىپ دېموكراتىيە» نىڭ دۆلەتنىڭ قۇدىرەت تېپىشىدا رولى چوڭ، لېكىن «پاسسىپ دېموكراتىيە» نىڭ زىيىنى ھەممىگە مەلۇم. ئاكتىپ دېموكراتىينى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شەرت ۋە تەرتىپ بۇلىدۇ. غەرپنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى تۆت باسقۇچنى باشتىن كۆچۈرگەن. لېكىن ئاكتىپ دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن شەرتلەرنى ھازىرلاشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا ئەرەب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۇلى ئۇزاق ھەم جاپالىق. بۇ جەرياندا ئاۋامنىڭ ئىشەنچى ئاستا – ئاستا سۇسلىشىپ. ئۈمۈتسىزلىك كەيپىياتى ئاساسلىق ئۇرۇنغا ئۆتىشى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ ئاكتىپ دېموكراتىيە «ئاكتىپ دېموكراتىيە» ئۆزگىرىشىگە تەرەققىي قىلىشىدا نۇرغۇن گۇمانلارنى قوزغىشى مۈمكىن.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter