ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە خىسلىتىنى توغرا ئىگىلەش لازىم

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە خىسلىتىنى توغرا ئىگىلەش لازىم

2013-02-13 12:30     كۆرۈلۈشى: 1465 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىمىن قارى قەييۇم        يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. پۈتۈن پارتىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا چو....

ئىمىن قارى قەييۇم

 

     يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. پۈتۈن پارتىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا چوقۇم جۈرئەت قىلىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا لايىقلىشىپ، بوشاشماي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتىدە جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات مەنزىلىنى ئېچىشى كېرەك››دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك نەزەرىيەۋى خىسلىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     بىرىنچى، ماركسىزملىق ئىدىيەۋى لۇشيەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك نەزەرىيەۋى خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى بىزنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى. ئېلىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ماركسىزمنى ئىگىلەش، تەتبىقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. پەقەت ھازىرقى باسقۇچتا ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ماركسىزمنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇرالايمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى راۋاجلاندۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.

     ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت نەزەرىيە خسلىتىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن نەزەرىيە سىستېمىسى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى.

     ئۈچىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش جەريانىدىكى يېڭى ئىزدىنىش، يېڭى ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بېيىدى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، بوشاشماستىن ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركسىزم، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. پەقەت يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، يېڭى نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، تەرەققىيات داۋامىدا يولۇققان خىرىسلاردىن غالىب كېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرغىلى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

     تۆتىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ نامايان قىلالايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭمۇ مەھسۇلى، ئۇ قويۇق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە تۈسكە ئىگە بولغان نۆۋەتتىكى جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. شۇڭا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقى ئاستىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى گۈللەندۈرۈۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىلمىي تەنقىدىي روھدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئېسىدە مەڭگۈ ساقلىشى لازىم.

     بەشىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى دۇنياۋى نەزەر بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىنى كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئېچىۋېتىلگەن نەزەرىيە سىستېمىسىدۇر. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ. ماركسىزم دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەلىرىنى يالغۇز جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى، يەنە دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە خەلقئارا مۇھىت بىلەنمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈش لازىم. ئەگەر ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر دۇنياۋى نەزەر دائىرە بولمىسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلمىساق ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشتۈرمىسەك، ئۇنداقتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولمايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. پەقەت ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشىنى دۇنياۋى نەزەر بىلەن داۋاملىق ئىلگىرى سۈرگەندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا چوقۇم يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter